ئىزدەش
كــۆرۈش
 
باش بەت » قۇرئان كەرىم: سۈرە يۇنۇس-   [] گە ئائىت جەمئىي پارچە ئۇچۇر تېپىلدى.
سۈرە يۇنۇس
مائۇس ئاپارغاندا كۆرسىتىش: قۇرئان ئەسلى(ئەرەبچە) ئېنگلىزچە تۈركچە خەنزۇچە     قىرائەت
 
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

(1) . ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر
(2) . ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا) ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى
(3) . شۇبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ دۇر، ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرش ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە قارارئالدى. اﷲ خالايىقنىڭ ئىشلىرىنى (ئۆز ھېكمىتىگە مۇۋاپىق) ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، (قىيامەت كۇنى) ھەرقانداق شاپائەت قىلغۇچى ئالدى بىلەن اﷲ نىڭ ئىزنىنى ئالىدۇ. ئەنە شۇ اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ۋەز- نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
(4) . (قىيامەت كۈنى) ھەممەڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، شۇبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە اﷲ ياراتقان،(ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۇنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن،(دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(5) . اﷲ قوياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرۇجلارنى) تەيىن قىلدى. اﷲ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور پايدىلىق ئۈچۈن ياراتتى)، اﷲ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) بىلىدىغان (ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان) قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ
(6) . كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، اﷲ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (اﷲ دىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (اﷲ نىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
(7) . شۇبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى اﷲ غا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار
(8) . ـ ئەنە شۇلارنىڭ جايى، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، دوزاخ بولىدۇ
(9) . شۇبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋىۋىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ناز- نېمەتلىك جەننەتلەرگە يىتەكلەيدۇ
(10) . ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز، بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر- بىرىگە)بېرىدىغان سالامى: «( ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن ) ئامان بولغايسەن (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ غا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر
(11) . ئەگەر اﷲ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ ياخشىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى، گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز
(12) . ئىنسانغا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتسە، ياتىدۇ، ئۆلتۇرىدۇ، تۇرىدۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان زەخمەتنى كۆتۈرۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
(13) . سىلەردىن ئىلگىركى ئۈممەتلەر زۇلۇم قىلغاندا (يەنى كاپىر بولغاندا، گۇمراھلىقتا ھەددىدىن ئاشقاندا)، ھەقىقەتەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار(پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە) ئىمان كەلتۈرمىدى. گۇناھكار قەۋمنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىنى) شۇنىڭغا ئوخشاش جازالايمىز
(14) . سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى (يەنى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى) (ھالاك قىلغان) دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى ئورۇن باسار قىلدۇق
(15) . ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار): «بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن (يەنى ئازابقا دائىر ئايەتنى رەھمەت ئايىتىگە ئۆزگەرت، ئىسلاھلىرىمىزنى سۆككەننىڭ ئورنىغا مەدھىيلە، ھارامنى ھالال قىل)» دەيدۇ. «مەن ئۇنى ئۆزەمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا ۋەھى قىلىنغان ۋەھىگىلا ئەمەل قىلىمەن؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، ئەلۋەتتە، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن قورقىمەن» دېگىن
(16) . «ئەگەر اﷲ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى، (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، اﷲ مۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن
(17) . اﷲ غا يالغاننى چاپلىغان ياكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمنىمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ گۇناھكارلار ھەرگىز بەختگە ئېرىشەلمەيدۇ
(18) . ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار (يەنى بۇتلار) اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زىمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى اﷲ نىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى)بولۇپ، ئۇنى بىلمەي قېلىپ، سىلەر اﷲ غا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكدۇر ۋە يۈكسەكدۇر
(19) . ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ئىسلام دىنى) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، (يەنى دىنلار كۆپەيدى، بۇتلارغا چوقۇنۇشتى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى(يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى)
(20) . ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە): « نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرىلمىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش پەقەت اﷲ غا خاس (مۆجىزىلەرنى اﷲ كەلتۈرىدۇ، مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن)، سىلەر (اﷲ نىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشىنى) كۈتۈڭلار، شۇبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن»
(21) . كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «اﷲ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۇبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ
(22) . اﷲ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشۋىلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزمى قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقاتقان بۇتلىرىنى قويۇپ ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلىدىن دۇئا قىلىدۇ
(23) . اﷲ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزەڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇني ا(نىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز
(24) . ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگىرىشىدە، نېمەتلەرنىڭ باقاسىزلىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ. ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ)بىرى- بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزمى قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كىچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى- دە، (زھرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن(يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگىزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز
(25) . اﷲ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
(26) . ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە اﷲ نىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم- قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
(27) . (دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار، (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كىچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
(28) . شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلەرنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر (اﷲ غا شېرىك كەلتۈرگەن) بۇتلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنىڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار)
(29) . سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا اﷲ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق (يەنى بىز كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، ھىس قىلمايدىغان جانسىز ئىدۇق)»
(30) . بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ(يەنى ياخشىمۇ- يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئىگىسى ـ اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ
(31) . (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىيا ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ ئۆلۈك شەيئىلەرنى تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ)ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغاجاۋابەن): «اﷲ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «اﷲ دىن غەيرىگە چوقۇنۇش بىلەن اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
(32) . (يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ اﷲ دۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرى نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
(33) . پەرۋەردىگارىڭنىڭ اﷲ غا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (اﷲ نىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ
(34) . (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ) ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ) ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتلۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
(35) . ئېيتقىنكى «سىلەر بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا (گۇمراھنى) ھەق يولىغا يىتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ گۇمراھنى ھەق يولغا يىتەكلىيەلەيدۇ، (گۇمراھنى) ھەق يولغا يىتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى (گۇمراھنى) يىتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يىتەكلىشىگە مۇھتاج بولغان (بۇتلارغا)بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا بۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»
(36) . ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇتلارغا ئېتىقاد قىلىشتا) پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دىگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۇبھىسىزكى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر
(37) . بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ اﷲ غا ئىپتىرا قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ)، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، اﷲ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
(38) . ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، اﷲ دىن باشقا(ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»
(39) . ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن
(40) . ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلا بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، پەرۋەردىگارىڭ بۇزغۇنچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ
(41) . ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى قىلىشتا چىڭ تۇرسا: «مېنىڭ ئەمەلىم ئۆزەم ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، مېنىڭ ئەمىلىمدىن سىلەر ئادا- جۇدا سىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن مەنمۇ ئادا جۇدامەن (يەنى بىراۋ يەنە بىر بىراۋنىڭ قىلغان گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس)» دېگىن
(42) . ئۇلارنىڭ ئىچىدە، (قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا (يەنى اﷲ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلىغانلارغا) ئۇلار ھېچنەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟
(43) . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). (ھەقىقەتنى) كۆرەلمىسىمۇ كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
(44) . شۇبھىسىزكى، اﷲ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار(كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ
(45) . قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ اﷲ غا مۇلاقات بولۇشىنى(يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى
(46) . ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسىتىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىلا، سەن ھايات ۋاقىتتىلا كۆرسىتىمىز)، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى قەبزى رۇھ قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ(مەيلى بالدۇر بولسۇن، مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز)، ئاندىن اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ
(47) . (ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۈم قىلىنمايدۇ
(48) . ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ
(49) . ئيتقىنكى، «اﷲ خالىمىسىلا، مەن ئۆزەمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان)مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئېلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»
(50) . ئېيتقىنكى: «ئېيتىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ نىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى ياكى كۈندۈزى كەلسە (بۇنىڭدىن سىلەرگە نېمە پايدا؟) گۇناھكارلار(يەنى مۇشرىكلار) ئازابتىن قايسى نەرسىگە ئالدىرايدۇ؟
(51) . (اﷲ نىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار»
(52) . ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: « مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ
(53) . ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟ دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن
(54) . ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم (يەنى كاپىر) يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا (اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىديە قىلىپ بېرىۋەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ)ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
(55) . راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، راستلا اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، لېكىن ئۇلار (يەنى ئىنسانلار) نىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ
(56) . اﷲ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر
(57) . ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەرتكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى
(58) . ئېيتقىنكى، «ئۇلار اﷲ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ يىغقان (دۇنيا- ماللىرىدىن) ياخشىدۇر»
(59) . ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە اﷲ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، اﷲ سىلەرگە مۇنداق قىلىشتا ئىزنى بەردىمۇ؟ ياكى اﷲ غا يالغاننى چاپلامسىلەر؟»
(60) . اﷲ غا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز دەپ ئويلامدۇ؟) شۇبھىسىزكى، اﷲ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ
(61) . سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسى بىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان- زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى اﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەندۇر
(62) . راستلا اﷲ نىڭ دوستلىرىغا ( ئاخىرەتتە اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر
(63) . ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر
(64) . ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، اﷲ نىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ- نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)، اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر
(65) . (ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ (ساڭا سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن دېگەن) سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ قۇۋۋەت اﷲ غا مەنسۇپ (اﷲ ساڭا مەدەتكاردۇر). اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(66) . راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). اﷲ نى قويۇپ، بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ
(67) . ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
(68) . ئۇلار (يەنى كاپىرلار): «اﷲ نىڭ بالىسى بار » دېيىشتى، اﷲ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، بىھاجەتتۇر، (يەنى بالا قىلىۋېلىش ئېھتىياج ئۈچۈن بولىدۇ، اﷲ بولسا ھېچ نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر)، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ نىڭ بالىسى بار دېگەن) بۇ سۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پاكىتىڭلار يوق، سىلەر بىلمەيدىغان ئىشلارنى يالغاندىن اﷲ غا چاپلامسىلەر؟
(69) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى. «اﷲ غا يالغاننى چاپلايدىغانلار ھەقىقەتەن (دوزاخ ئازابىدىن) قۇتۇلالمايدۇ»
(70) . ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار(ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
(71) . ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن اﷲ غا تەۋەككۇل قىلدىم (يەنى اﷲ غا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار
(72) . ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن (يۈز ئۆرۈشۇڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان) ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت اﷲ دىن سورايمەن، مەن (اﷲ غا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
(73) . لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى، (يەنى بىز قۇتقازغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇن باسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (تۇپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق، (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
(74) . نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پىچەتلەيمىز
(75) . ئۇلاردىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇننى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا نۇرغۇن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق. ئۇلار (ئىمان ئېيتىشتىن)بويانتاۋلىق قىلدى. ئۇلار گۇناھكار قەۋم ئىدى
(76) . ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى
(77) . مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى
(78) . ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋازكەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنىنى) نىڭ سەلتەنەتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى
(79) . پىرئەۋن: «مېنىڭ ئالدىمغا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى
(80) . سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە ،مۇسا ئۇلارغا: «ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى
(81) . ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، اﷲ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، اﷲ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى
(82) . گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، اﷲ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ
(83) . مۇساغا پەقەت ئۆز قەۋمىدىن (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادىدىن)ئازغىنىسى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورققان ھالدا ئىمان ئېيتتى. پىرئەۋن زېمىندا (يەنى مىسىر زېمىنىدا) شەك- شۇبھىسىز مۇتەكەببىردۇر، ئۇ ئەلۋەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىندۇر
(84) . مۇسا: «ئى قەۋمىم! ئەگەر اﷲ غا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى اﷲ غا تاپشۇرۇڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا اﷲ غا يۆلىنىڭلار)» دېدى
(85) . ئۇلار ئېيتتى: «اﷲ غا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن
(86) . بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»
(87) . بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
(88) . مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ ئى پەرۋەردىگارىمىز! ـ پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بويۇملىرىنى، تۈرلۈك مال- مۈلۈكلەرنى بەردىڭ. پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن»
(89) . اﷲ ئېيتتى: « ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»
(90) . بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزىۋەتتۇق، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىق قىلىش يۈزىسىدىن قوغلىدى. پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا: «ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى
(91) . (ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى اﷲ غا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ
(92) . سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)» نۇرغۇن كىشىلەر شەك- شۇبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر
(93) . شۇبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى (ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن) ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۇلارنى شېرىن نەرسىلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارغا ئىلىم (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكمىنى ئىچىگە ئالغان تەۋرات) كەلگەندىن كېيىن، ئۇلار (دىن ئىشىدا) ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
(94) . مۇبادا سەن ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلار (يەنى تەۋرات بىلەن ئىنجىل نازىل قىلىنغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن سوراپ باققىن، شۇبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
(95) . سەن ھەرگىز اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن، (ئۇنداق بولساڭ) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
(96) . شۇبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ لەنىتىگە تېگىشلىك بولغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ
(97) . ئۇلارغا پۈتۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ، قاتتىق ئازابنى كۆرمىگىچە (ئىمان ئېيتمايدۇ)
(98) . (ھالاك بولغان شەھەرلەر ئاھالىلىرى ئىچىدە) يۈنۈس قەۋمىدىن باشقىسىغا (ئازابنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈپ) ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولغىنى يوق، يۈنۈس قەۋمى ئىمان ئېيتقاندا، دۇنيا ھاياتىدا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇلارنى مەلۈم ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر دۇنيادىكى شەيئىلەردىن) بەھرىمەن قىلدۇق
(99) . ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟
(100) . ھەرقانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ
(101) . ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۈزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ
(102) . ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا)ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى)كۈتكۈچىمەن»
(103) . ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن)قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز
(104) . (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇماملىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى رۇھ قىلىدىغان اﷲ غا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»
(105) . يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشلرىكلاردىن بولمىغىن
(106) . اﷲ نى قويۇپ، ساڭا پايداـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزەڭگە)زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن
(107) . ئەگەر اﷲ ساڭا بىرەر زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈشىنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز اﷲ دىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر اﷲ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، اﷲ نىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، اﷲ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)
(108) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»
(109) . (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزەڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). اﷲ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغۇچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، اﷲ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر

باشبەت
قۇرئان كەرىم ھەققىدە
سۈرە ئاڭلاش ۋە چۈشۈرۈش
ماقالىلەر
سۇئال - جاۋاب
سۆز قالدۇرۇش
ھۆججەت چۈشۈرۈش
ئەڭ يېڭى ماقالىلـــەر
12/31
01/04
06/01
ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەر
475
344
194
95
140
1539
خەتكۈچلەر   يەنە بار...
دوستانە ئۇلىنىش   تىخىمۇ كۆپ...
Copyright © 2008-2010 ::WWW.QURANKERIM.COM:: All rights reserved. E-mail: admin@qurankerim.com
Donate towards my web hosting bill!