(1) . ئەلىف، لام، مىم(2) . بۇ كىتاپتا (يەنى قۇرئاندا) ھىچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يىتەكچىدۇر(3) . ئۇلار غەيىپكە ئشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال- مۈلۈكتىن (خۇدا يولىغا) سەرپ قىلىدۇ(4) . ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاپقا، سەندىن ئىلگىركى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ (5) . ئەنە شۇلار پەرۋەرۋدىگارىنىڭ توغرا يولىدابولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئىرىشكۈچىلەردۇر(6) . شۈبھىسىزكى، كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئىيتمايدۇ(7) . اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پىچەتلىۋەتكەن (ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ)، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن (ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ)، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(8) . كىشىلەر ئارىسىدا اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دىگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دىگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ)(9) . ئۇلار اﷲ نى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ(10) . ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كىسەل(يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش)بار، اﷲ ئۇلارنىڭ كىسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(11) . ئۇلارغا«يەريۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دىيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ(12) . بىلىڭلاركى ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لىكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ(13) . ئۇلارغا(يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئىيتقان كىشىلەردەك (يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دىيىلسە، «بىزئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر لىكىن(بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ(14) . ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق » دىيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئىتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ(15) . مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تىڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ(16) . ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى ئالدى. شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى،ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى(17) . ئۇلار گوياكى (كىچىدە ئسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئىلىش ئۈچۈن)ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، اﷲ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھىچنەرسىنى)كۆرەلمەيدىغان كاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى(18) . ئۇلار گاستۇر(يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك، ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ). ئۇلار گاچىدۇر (يەنى گاچا سـوزلىيەلمىگەندەك، ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ)، كوردۇر (يەنى كور بولۇپ قالغاندەك، توغرا يولنى كۆرمەيدۇ)، شۇڭا ئۇلار گۇمراھلىقتىن قايتمايدۇ(19) . ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۆلدۈرمامىلىق، چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق چىقىۋىتىپ ئۆلۈپ كىتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئىتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. اﷲ كاپىرلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(20) . چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ. ئۇلار چاقماق يورقىدا مىڭىۋالىدۇ؛ قاراڭغۇلۇق قاپلىغانداتۇرۇپ قالىدۇ. اﷲ خالىسا ئىدى، ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى. اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر(21) . ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلارئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر)نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار(22) . اﷲ سىلەرگە زىمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلانىڭ زىچلىقىدا بىنا غا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مىۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى اﷲ غا شىرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر(اﷲ نىڭ شىرىكى يوقلۇقىنى)بىلىپ تۇرسىلەر(23) . بەندىمىز (مۇھەممەد)گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بىقىڭلار (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) اﷲ دىن باشقا باردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دىگەن گىپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار(24) . ئەگەر ەۇنداق قىلالمىساڭلار- ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر- كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلىغان، ئىنسان ۋە تاشلار يىقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار(25) . (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئىقىپ تۇردىغان جەننەتلەرگە كىردىغانلىقى بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مىۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرنىشى دۇنيادىكى مىۋىلەرگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مىۋىلەر بىرىلىدۇ. جەننەتلەردەئۇلارغا پاك جۈپتىلەر(يەنى ھۆرلەر)بىرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ(26) . اﷲ پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ، كاپىرلار بولسا: «اﷲ بۇنەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نىمىنى ئىرادە قىلىدۇ ؟»دەيدۇ. اﷲ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى (ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن) ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى(ئۇنى تەستىقلىغانلىقتىن)ھىدايەت قىلىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنى ئازدۇردۇ(27) . پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كىيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. اﷲ ئۇلاشقا بۇيرىغان شەيئنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە- رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر(28) . اﷲ نى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنى ئىدىڭلار، كىيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) للھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كىيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كىيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا (ھىساپ بىرىش ئۈچۈن) قايتۇرۇلسىلەر(29) . اﷲ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر(نىڭ پايدىلىنىشىڭلار)ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. اﷲ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر(30) . ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتەلەرگە:«مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇن باسار) يارتىمەن »دېدى. پەرىشتەلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلدىغان، قان تۆكىدىغان(شەخسىنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز»دېدى(31) . اﷲ پۈتۈن شەيئلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا)راستچىل بولساڭلار. بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بىرىڭلار»دېدى(32) . پەرىشتىلەر:«سىنى(پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن)پاك دەپ تونۇيمىز.بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»دېدى(33) . اﷲ:«ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرنى ئېتىپ بەرگىن»دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرنى ئېتىپ بەرگەن چاغدا، اﷲ:«مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى غەيىبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى(34) . ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە :«ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن)باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى(35) . بىز(ئادەمگە):«ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا)بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار، بۇ دەرەخقە يىقىنلاشماڭلار(يەنى مىۋىسىدىن يىمەڭلار)، بولمىسا(ئۆزەڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالسىلەر»دېدۇق(36) . شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى(يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يىگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى.(ئادەمگە، ھەۋۋاغا ، ئىبلىسقا) «بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا( جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق ( ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە(نېمەتلەردىن)بەھرىمەن بولۇڭلار»دېدۇق(37) . ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر(بەندىلىرىگە)ناھايىتى مېھرىبان دۇر(38) . (ئۇلارغا )«ھەممىڭلار بۇيەردىن چۈشۈڭلار، سىلەرگە مەن تەرەپتىن بىر يول كۆرسەتكۈچى (يەنى پەيغەمبەر)كىلىدۇ، يولۇمغا ئەگەشكەنلەرگە(ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم- قايغۇ بولمايدۇ»دېدۇق(39) . كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۇ قالىدۇ(40) . ئى ئسرائېل ئەۋلادى! مىنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى ياد ئېتىڭلار، ماڭا بەرگەن (ئىمان ئىيتىش ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىش ھەققىدىكى)ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە (ساۋاپ بىرىش ھەققىدىكى)ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار(41) . مەن نازىل قىلغان تەۋراتنى تەستىق قبلغۇچى قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچى بولماڭلار، ئايەتلىرىمنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتمەڭلار، ماڭىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار(42) . ھەقنى باتىلغا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزەڭلار ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىگە) ئارلاشتۇرماڭلار، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار(43) . نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكات بىرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار(44) . كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر، ھالبۇكى، سىلەر كىتاپ (يەنى تەۋرات)نى ئوقۇپ تۇرسىلەر، چۈشەنمەمسىلەر(45) . سەۋر قىلىش، ناماز ئوقۇش ئارقىلىق (اﷲ دىن) ياردەم تىلەڭلار، ناماز اﷲ دىن قورققۇچىلار (يەنى كەمتەرلىك بىلەن اﷲ غا بوي سۇنغۇچىلار)دىن باشقىلار غا ھەقىقەتەن مۇشەققەت ئىشتۇر(46) . اﷲ دىن قورققۇچىلار پەرۋەردىگارىغا چوقۇم مۇلاقات بولدىغانلىقىغا ۋە اﷲ نىڭ دەرگاھىغا چوقۇم قايتىپ باردىغانلىقىغا جەزمەن ئىشىنىدۇ(47) . ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نىمىتىمنى ۋە سىلەرنى(بىر زامانلاردا) تامام جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئىتىڭلار(48) . كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان ،ھىچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان،ھىچ كىشىدىن فىدىيەئېلىنمايدىغان، ئۇلار(يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئىرشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار(49) . ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن)تىرىك قالدۇرغان پىرئەۋن گوروھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ(ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئاجرىتىدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى(50) . ئۆز ۋاقتىدا دىڭىزنى يىرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق(51) . ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا 40 كېچە (كۈتكەندىن كىيىن تەۋراتنى نازىل قىلىشنى)ۋەدە قىلدۇق. ئۇ سىلەردىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ، موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار(52) . شۇنىڭدىن كىيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق(53) . ئۆزۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، مۇساغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق(54) . ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە:«ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ ، ھەقىقەتەن ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، موزايغا چوقۇنمىغانلار چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرسۇن»دېدى. مۇنداق قىلىش ياراتقۇچىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. اﷲ تەۋبىنى ھەقىقەتەن بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر(55) . ئۆز ۋاقتىدا :«ئى مۇسا! اﷲ نى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز»دېدىڭلار-دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى)كۆرۈپ تۇرغىنىڭلار ھالدا سىلەرنى چاقماق سوقتى(56) . ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق(57) . سىلەرگە بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (بىز سىلەرگە) «رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ-ئىچىڭلار» (دېدۇق). ئۇلار(نېمەتلىرىمىزگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن)بىزگە ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىگىلا زۇلۇم قىلدى(58) . ئۆزۋاقتىدا(مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا):«بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە)كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس)دەرۋازىسىدىن(شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن)سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (پەرۋەردىگارىمىز)گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز»دېدۇق(59) . زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە سۆزلەنگەن سۆزنى باشقا سۆزگەئۆزگەرتىۋوتتى، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى (يەنى اﷲ غا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاپ چۈشۈردۇق(60) . ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا:«ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن»دېدۇق. تاشتىن 12بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى قەبىيلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا)«اﷲ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)(61) . ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا)سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يىمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زىمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن»دېدىڭلار، مۇسا:«سىلەر ياخشىنى ناچارغا تىگىشەمسىلەر؟ ( يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۆنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلە؟)بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە)تىلىگىنىڭلار بار»دېدى. ئۇلار خارلىقتا، مۇھتاجلىقتا قالدى. اﷲ نىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈلرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ اﷲ غا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى(62) . شۇبھىسىزكى مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار(ئارسىدىن)ۋە پەرىشتەلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارسىدىن اﷲ غا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قىشىدا ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا(ئاخىرەتتە)قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ يوقتۇر(63) . ئۆز ۋاقتىدا،بىز سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغان ۋە تۇر تىغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلەپ قويغان، سىلەرگە: «(دۇنيادا ھالاك بولۇشتىن، ئاخىرەتتە ئازابقا قىلىشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز بەرگەن كىتاپنى مەھكەم تۇتۇڭلار(يەنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىڭلار)، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار»(دېگەن ئدۇق)(64) . شۇنىڭدىن كىيىن(بەرگەن ۋەدەڭلاردىن)يۈز ئۆرۈدىڭلار، سىلەرگە اﷲ نىڭ پەزلى-مەرھەممىتى بولمىسى ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار(65) . ئاراڭلاردىكى شەنبە كۈنى(بىلىق تۇتماسلىق) توغرىسىدىكى شەرىئەت چەكلىمىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى(قانداق قىلغانلىقىمىزنى)، ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، بىز ئۇلارغا:«خار مايمۇن بولوپ كىتىڭلار»دېدۇق(66) . ئۇنى (يەنى ئۇلارغا بىرىلگەن بۇ جازانى) زامانداشلىرى ۋە كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئىبرەت، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت قىلدۇق(67) . ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرنى بىر كالا بوغۇزلاشقا بۇيرۇيدۇ»دېگەن ئدى. ئۇلار: «بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟»دېدى. مۇسا: «جاھىللاردىن (يەنى مەسخىرەقىلغۇچىلاردىن) بولۇپ قىلىشتىن اﷲ غا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېدى(68) . ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە قانداق كالا ئىكەنلىكىنى بايان قىلسۇن»دېدى. مۇسا: «اﷲ ئۇنى قىرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېتتى، سىلەر بۇيرۇلغاننى قىلىڭلار» دېدى(69) . ئۇلار: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېتتىكى«اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇردىغان ساپسىرىق بولسۇن دېدى»(70) . ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، (يەنى دىھقانچىلىققا ئشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟)بۇ بىزگە مۇجمەل بولۇپ قالدى(بۇ ئىنىق بولدىغان بولسا)خۇدا خالىسا (ئۇنى) بىز چوقۇم تاپىمىز» دېدى(71) . مۇسا: «اﷲ ئۇنىڭ يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۇغىرىپ كۆندۈرۈلگەن بولماسلىقىنى، بىجىرىم ئالىسى يوق (يەنى رەڭگىدە سىرىقلىقتىن باشقا رەڭ يوق) بولۇشۇنى ئىيتتى»دېدى. ئۇلار: «ئەمدى تولۇق بايان قىلدىڭ» دېدى. ئۇلار (كالىنى)تېپىپ كېلىپ بوغۇزلىدى، (ئۇلار سۇئال سوراۋەرگەنلىكتىن) بۇنى ئورۇنلىيالمىغىلى تاس قالدى(72) . ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋە (قاتىلنىڭ كىملىكى)توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئېدىڭلار. سىلەر يوشۇرماقچى بولغان نەرسىنى (يەنى قاتىلنىڭ ئشىنى) اﷲ ئاشكارالىغۇچىدۇر(73) . (سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئىتىپ بېرىدۇ)، اﷲ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا ئالۈكنى تېرىلدۈرگەندەك) تېرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ(74) . (ئى يەھۇدىيلەر جامائەسى!) شۇنىڭدىن كىيىن (يەنى شانلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كىيىن) دىلىڭلار قىتىپ كەتتى، تاشتەك ياكى تاشتىنمۇ قاتتىق قىتىپ كەتتى. تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن(سۇ ئېتىلىپ چىقىپ) ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، يېرىلىپ ئارسىدىن سۇ چىقىدىغانلىرىمۇبار؛ اﷲ دىن قورقۇپ (تاغ چوقىلىرىدىن)دوملاپ چۈشىدىغانلىرىمۇ بار (دېمەك تاش يۇمشايدۇ، سىلەرنىڭ دىلىڭلار بولسا يۇمشىمايدۇ ۋە تەسىرلەنمەيدۇ)، اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر(75) . (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇديلارنىڭ ئىمان ئېىتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇلاردىن بىر گورۇھ ئادەم، اﷲ نىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كىيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى(76) . ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېتتۇق»دەيتتى. بىر-بىرلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تىپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قىشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ اﷲ سىلەرگە ۋەھينى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى)چۈشەنمەمسىلەر» دەيتتى(77) . يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئشلىرىنى اﷲ نىڭ ئۇقۇپ تۇردىغانلغقىنى ئۇقمامدۇ؟(78) . ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى ) ئۇقمايدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئش قىلىدۇ(79) . كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يىزىپ ئاز پۇلغا سىتىش (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپىئەتى) ئۈچۈن، بۇ اﷲ تەرپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي!(80) . ئۇلار: «بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ» دەيدۇ.(ئۇلارغا) «سىلەرگە اﷲ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ، (ۋەدە بەرگەن بولسا) اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ، ياكى ئۆزەڭلار بىلمەيدىغاننى اﷲ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟» دېگىن(81) . ئۇنداق ئەمەس (سىلەرنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرىدۇ)، گۇناھ قىلغان ۋە گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ(82) . ئېمان ئېتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئەھلى جەننەتتۇر. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ(83) . ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن اﷲ دىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا-ئانىغا، خىش-ئەقرىبالارغا، يىتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بىرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىلەردىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يىنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدىڭلاردىن)يىنىۋالسىلەر(84) . ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرىڭلارنىڭ قىنى تۆكمەسلىككە، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقارماسلىققا، سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كىيىن بۇنى(يەنى ئەھدىنى)ئىتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزەڭلار گۇۋاھسىلەر(85) . كىيىن سىلەر (ئەھدىنى بۇزۇپ)بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ قارشى تەرپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار ئەسىر چۈشۈپ كەلسە فىدىيە بىرىپ قۇتقۇزۋالسىلەر، ھالبۇكى ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش، ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرىسىلەرۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قىلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ)بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ، بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتي دۇنيادا خارلىققا قىلىش، قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولۇشتۇر. اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر(86) . ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى بېرىپ، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ(87) . شەك-شۇبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات)بەردۇق. ئۇنىڭدىن كىيىن ئارقىمۇ ئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئىلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار(88) . ئۇلار: «دىللىرىمىز پەردىلەنگەن»دېدى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك اﷲ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئىيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز(89) . ئۇلارغا اﷲ تەرپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب(قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كاپىرلەرگە قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كىلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان(يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. اﷲ كاپىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلارغا) لەنەت قىلدى(90) . يەھۇدىيلارنىڭ اﷲ نازىل قىلغان قۇرئاننى ئنكار قىلىشى اﷲ نىڭ ئۆز پەزلىنى(يەنى پەيغەمبەرلىكىنى)خالىغان بەندىسىگە چۈشۈرگەنلىكىگە ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى (يەنى ئىمانىنى)كۇفرىغا سىتىشى ئەجەپ بامان ئىشتۇر. ئۇلار ئۈستى ئۈستىگە غەزەبكە تېگىشلىك بولدى. كاپىرلار خارلىغۇچى ئازاپقا دۇچار بولىدۇ(91) . ئۇلارغا: «اﷲ نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى نەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا)ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن(92) . مۇسا سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىنىق مۆجىزىلەرنى كەلتۈردى، مۇسا (تۇر تېغىغا كەتكەن)دىن كىيىن، ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلىپ موزاينى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار(93) . ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەردىن (تەۋراتقا ئەمەل قىلىشقا) چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، سىلەرگە: «مەن نازىل قىلغان كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار(بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى تاشلايمىز)» دەپ تۇر تىغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق ۋە (تەۋراتقا) قۇلاق سىلىڭلار (دېدۇق). ئۇلار: «سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇق ئەمرىڭگە ئاسىيلىق قىلدۇق»دېىيىشتى. ئۇلارنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ (سىلەر مۆمىن ئەمەس، چۈنكى ئىمان موزايغا چوقۇنىشقا بۇيرۇمايدۇ)» دېگىن(94) . ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (يەنى جەننەت) اﷲ نىڭ قېشىدا(سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلار غا ئەمەس، يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا، (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇردىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن(95) . ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەبلىك، ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر(96) . شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى ھاياتقا ھەممە كىشىدىن، ھەتتا مۇشرىكلاردىنمۇ ھېرىس كۆرىسەن؛ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ. اﷲ ئۇلار نىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(97) . ئېيىتقىنكى، «جىبرىئىلغا دۈشمەن بولغان ئادەم (اﷲ غا دۈشمەندۇر)، چۈنكى ئۇ (يەنى جىبرىئىل) اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىدىن ئىلگىركىنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچى، توغرا يول كۆرسەتكۈچى، مۆمىنلەرگە بىشارەت بەرگۈچى قۇرئاننى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى(98) . كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (اﷲ نى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۇبھىسىزكى اﷲ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ»(99) . شەك- شۇبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ(100) . ھەر قاچان ئۇلار بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ) تولىسى (تەۋراتقا)ئىمان ئېيتمايدۇ(101) . ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) كەلسە، (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، اﷲ نىڭ كىتابىنى (يەنى تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرىۋىتىدۇ (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ)(102) . ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ(سىھرىگەرلىكىگە ئائىت)سۆزلىرىگە ئەگەشتى. (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لىكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىربولدى، ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت- مارۇت دىگەن ئىككى پەرىشتىگە نازىل بولغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە)بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دىمىگىچە ھىچ كىشىگە ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر-خوتۇننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار(سېھىر ئارقىلىق) اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز ھىچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن)ھىچ نىسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى(103) . ئەگەر ئۇلار ئىمان كەلتۈرسە، (سېھىرنى تاشلاپ) اﷲ دىن قورقسا، (ئۇلار ئۈچۈن) اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، كاشكى ئۇلار بۇنى بىلسە ئىدى(104) . ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سىلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(105) . ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، اﷲ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكنى خاس قىلىدۇ، اﷲ چوڭ پەزىل ئىگىسىدۇر(106) . قانداقكى بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق،(ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرمىز. اﷲ نىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟(107) . ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ سىلەرگە اﷲ دىن باشقا ھىچقانداق دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر(108) . ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سۇئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سۇئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىماننى كۇفرىغا تىگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ(109) . ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت (يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى) ئاشكارا بولغاندىن كىيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. اﷲ نىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر(يەنى سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلغۇچە) ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر(110) . نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزەڭلارئۈچۈن ئىشلىگەن ھەر قانداق ياخشى ئەمەل بولسا، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمىلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(111) . ئۇلار: «يەھۇدى ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېيىشتى. بۇ ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا)راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن(112) . ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى اﷲ غا تاپشۇرىدىكەن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس اﷲ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) ھىچ قورقۇنچ ۋە غەم- قايغۇ بولمايدۇ(113) . يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھابۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى)ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، اﷲ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ(114) . اﷲ نىڭ مەسجىدلىرىدە اﷲ نىڭ نامىنىڭ ياد قىلنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا)دۇچار بولىدۇ(115) . مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ(يەنى پۈتۈن يەر يۈزى)اﷲ نىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ اﷲ نىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى)دۇر. اﷲ (نىڭ مەغپىرىتى )ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (اﷲ)ھەممىنى بىلگۈچىدۇر(116) . ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار): «اﷲ نىڭ بالىسى بار»دەيدۇ. اﷲ (ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن) پاكتۇر، ئۇنداق ئەمەس، ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر، ھەممىسى ئۇنىڭغا بوي سۇنغۇچىدۇر(117) . اﷲ ئاسمانلار ۋە زىمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. بىر ئىشنى يوقتىن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا («ۋۇجۇتقا كەل»)دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كىلىدۇ(118) . بىلمەيدىغانلار (يەنى قۇرەيىش كاپىرلىرى): «اﷲ بىز بىلەن سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى نىمە ئۈچۈن بىزگە (راست پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىلى سۈپتىدە) بىرەر مۆجىزە كەلمەيدۇ»دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان(يەنى ھەقىقەت ئىزدەيدىغان) قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن بايان قىلدۇق(119) . بىز سىنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خەۋەر بەرگۈچى(كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن)بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ(يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئىيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋاپكار ئەمەسسەن(120) . سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگىچە سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد، ئۇلارغا) ئېيتقىنكى: «توغرا يول پەقەت اﷲ نىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كىيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كىيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئگىشىدىغان بولساڭ (سىنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزدىغان) ھىچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ(121) . بىز ئاتا قىلغان كىتابنى تېگىشلىك رەۋىشتە ئوقۇيدىغانلار بار، ئەنە شۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. كىملەركى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۈچىلاردۇر(122) . ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرگە بەرگەن نىمىتىمنى ۋە سىلەرنى (بىر زامانلاردا) ھەممە جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ياد ئېتىڭلار(123) . بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھىچ كىشىنىڭ فىديىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھىچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار، ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار(124) . ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمرلەر (يەنى شەرىئەت تەكلىپلىرى) بىلەن سىنىدى، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى. اﷲ ئۇنىڭغا:«سىنى چوقۇم كىشىلەرگە (دىندا) پىشۋا قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم: «مىنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پىشۋا قىلساڭ» دېدى. اﷲ: « مىنىڭ (پىشۋا قىلىش) ئەھدەمگە زالىملار (يەنى كاپىرلار)ئېرشەلمەيدۇ» دېدى(125) . ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر جەم بولدىغان جاي ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار(يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپ قىلغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق(126) . ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (يەنى مەككىنى) تىنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن اﷲ غا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مىۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. اﷲ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (يەنى ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كىيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە)دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ)نىمە دىگەن يامان ئاقىۋەت!(127) . ئۆزۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن(128) . پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزدىنىمۇ ئۆزەڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەججىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مىھرىبانسەن(129) . پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى)، ھىكمەتنى (يەنى پاك سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۈگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن)پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»دېدى(130) . ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇدۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە)تاللىدۇق. شەك- شۇبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ(131) . ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: « (پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى(132) . ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! اﷲ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار(يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى(133) . يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يىنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كىيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ «دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر اﷲ غا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى(134) . ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ ساۋابى) ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار (نىڭمۇ ساۋابى) ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس(135) . ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن(136) . ئېيتىڭلاركى، «اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن(ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرپىدىن بېرىلگەن(كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز»(137) . ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئېمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن)يۈز ئۆرىسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى اﷲ ساڭا كۇپايەدۇر. اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىلە- مىكىرنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(138) . اﷲ نىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، اﷲ نىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز اﷲ غا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز(139) . «بىز بىلەن اﷲ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، بىز اﷲ غا سادىقمىز»دېگىن(140) . «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدى ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېىتقىنكى، « (ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى اﷲ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا اﷲ نازىل قىلغان دەلىل-ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»(141) . ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس(142) . بەزى ئەخمەق كىشىلەر: «ئۇلارنى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن مۆمىنلەرنى) قاراپ كىلىۋاتقان قىبلىسىدىن (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستىىن)نىمە يۈز ئۆرۈگۈزگەندۇ؟ »دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئىيتقىنكى «مەشرىق ۋە مەغرىب (يەنى ھەممە تەرەپ) اﷲ نىڭدۇر، اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»(143) . شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە(يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كىلىۋاتقان تەرەپنى، (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن)ئايرىۋىلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. اﷲ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئىغىردۇر. اﷲ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى(يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. اﷲ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مىھرىباندۇر،ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر(144) . بىز سىنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا-قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سىنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈلرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرام تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرام تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، چوقۇم بىلىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس(145) . كىتاب بېرىلگەنلەرگە بارلىق دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار سىنىڭ قىبلەڭگە بوي سۇنمايدۇ، سەنمۇ ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايسەن؛ ئۇلار (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ھەم ئۆز ئارا بىر- بىرلىرىنىڭ قىبلىسىگە بويسۇنمايدۇ. ساڭا ئىلىم (يەنى ۋەھى)كەلگەندىن كىيىن، مۇبادا ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنساڭ، ئۇ چاغدا سەن چوقۇم زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن(146) . بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى ( يەنى پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ(147) . ھەقىقەت اﷲ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، ھەرگىز شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن(148) . ھەر (ئۈممەت) نىڭ يۈز كەلتۈردىغان تەرىپى (يەنى قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) اﷲ ھەممەڭلارنى (ھىساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر(149) . (قەيەردىن سەپەرگە چىقمىغىن، نامىزىڭدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرام (يەنى كەبە) تەرەپكە قىلغىن؛ بۇ، ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر، اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر(150) . كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ۋە مۇشرىكلار ) گە سىلەرگە قارشى دەلىل- ئسپات بولماسلىقى ئۈچۈن، (ئى مۇھەممەد! سەپەر قىلىشقا)قەيەردىن چىقمىغىن، (نامىزىڭدا) يۈزۇڭنى مەسجىدى ھەرام تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامىزىڭلاردا)يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرام تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىگىنى سىلەرگە قارشىى دەلىل قىلىۋالىدۇ)، ئۇلار (يەنى زالىملار ) دىن قورقماڭلار،(مىنىڭ ئەمرىمنى تۇتۇش بىلەن ) مەندىن قورقۇڭلار. (قىبلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمىر قىلىشىم) سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ۋە توغرا يولدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر(151) . شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك ) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بىرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى ) ۋە ھىكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈردىغان بىر پەيغەمبەرئەۋەتتۇق(152) . مېنى (تائەت- ئىبادەت بىلەن) يادئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار ) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بىرىش بىلەن، مەغپىرەت قىلىش بىلەن ) ياد ئىتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار(153) . ئى مۆمىنلەر! سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. اﷲ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر(154) . اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى (يەنى شېھىتلەرنى ) ئۆلۈك دىمەڭلار، بەلكى ئۇلار تىرىكدۇر، لېكىن سىلەر بۇنى سەزمەيسىلەر(155) . بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋەماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان -زەخمەتلەرگە) سەۋىرقىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن )خۇش خەۋەر بەرگىن(156) . ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە اﷲ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى اﷲ نىڭ بەندىلىرىمىز )، چوقۇم اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ(157) . ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئىرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر(158) . سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارسىدا سەئيى قىلسا ھىچ باك يوق. كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ) اﷲ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر(159) . بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا اﷲ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (يەنى پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ(160) . پەقەت تەۋبە قىلغانلار (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن(161) . شۇبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ، كاپىر پېتى ئۆلگەنلەر بار، ئەنە شۇلار چوقۇم اﷲ نىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ(162) . ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ(163) . سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ (بەرھەق) مەبۇد يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(164) . ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كىمىلەردە، اﷲ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زىمىننى تىرىلدۈردىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋانلاردا، شامال يـۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان-زىمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە(اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر(165) . بەزى ئادەملەر اﷲ دىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ غا شىرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) اﷲ نى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بوي سۇنىدۇ). مۆمىنلەر اﷲ نى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار(قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ قۇۋۋەتنىڭ اﷲ غا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە اﷲ نىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا اﷲ غا شىرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى)(166) . ئەينى ۋاقىتتا ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئازابنى كۆرۈپ ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى (يەنى دۇنيادىكى دوستلۇقى) ئۈزۈلىدۇ(167) . ئەگەشكۈچىلەر: «كاشكى بىزلەرگە (دۇنيىاغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، ئۇلار بىزدىن ئادا-جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولاتتۇق »دەيدۇ. اﷲ ئۇلارغا (يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەسرەت بولغانلىقىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دوزاختىن چىقمايدۇ(168) . ئى ئىنسانلار! يەر يۈزىدىكى ھالال-پاكىز نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئۇچۇق دۇشمەندۇر(169) . شەيتان سىلەرنى ھەقىقەتەن يامانلىقلارغا، قەبىھ گۇناھلارغا ۋە اﷲ نامىدىن، يالغاندىن (اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ، ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ)، سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ(170) . ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «اﷲ نازىل قىلغان نەرسىگە(يەنى اﷲ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىگە، قۇرئانغا)ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا- بوۋىلىرى ھىچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟(171) . كاپىرلەرنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشىنى ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان چاھار پايلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ (كاپىرلار ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاستۇر، (ھەقنى سۆزلەشتىن ) گاچىدۇر، (ھەقنى كۆرۈشتىن)كوردۇر، ئۇلار(ۋەز نەسىھەتنى) چۈشەنمەيدۇ(172) . ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، ئەگەر اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار (يەنى اﷲ نىڭ ھەددى - ھېسابسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار(173) . اﷲ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، اﷲ دىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى، كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن(يۇقىرقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يىسە، ئۇنىڭغا ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر(174) . اﷲ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇردىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر(چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارغا (ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(175) . ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا، (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نىمىدىگەن چىداملىق!(176) . بۇ (قاتتىق ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، اﷲ ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى(تەۋراتنى) نازىل قىلدى (ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى يوشۇردى ۋە ئۆزگەرتىۋەتتى)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلغۇچىلار چۇڭقۇر نىزادىدۇر(177) . سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى اﷲ غا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى اﷲ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، اﷲ نى سۆيۈش يۈزسىدى خىش-ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل-مىلىدىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كىسەللىككە ۋە (اﷲ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا)راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر(178) . ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىل ئۈچۈن (دىني) قېرىندىشى تەرپىدىن بىرنەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا ( يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە (يەنى كېچىكتۈرمەستىن، كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق) بېرىشى لازىم. بۇ (ھۆكۈم)پەرۋەردىگارىڭلار تەرپىدىن (سىلەرگە بېرىلگەن ) يېنىكلىتىشتۇر ۋە رەھمەتتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى دىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن)، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن (يەنى قاتىلنى ئۆلتۈرگەن) ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(179) . ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى)(180) . ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋە خىش-ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى(181) . ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىھنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىھنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(182) . كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلىنغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ(يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ئارىسىنى تۈزەپ قويسا، ئۇنىڭغا ھىچ گۇناھ بولمايدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر(183) . ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىركىلەرگە (يەنى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى(184) . (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى(يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىديىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن)ياخشىدۇر(185) . رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كىسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا)شۈكۈرقىلىشىڭلارنى خالايدۇ(186) . مىنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغۇرلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئېجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مىنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئىيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)(187) . روزا كېىچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يىقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يىپىشقتندەك يىپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كېيىم بەدەنگە يىپىشقاندەك يىپىشىسىلەر). اﷲ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئلدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يىقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى)بىلدى. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا(يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپىدىن قارا يىپى ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا)قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چىغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن) ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىگەن چىگرالىرىدۇر(يەنى مەنئى قىلىنغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يىقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ (188) . بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنىنى زۇلۇم بىلەن يەۋىلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا، پارا بەرمەڭلار(189) . (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يىڭى چىققان ئاي (يەنى ئاينىڭ كىچىك چىقىپ چوڭىيىدىغانلىقى، ئاندىن كىچىكلەيدىغانلىقى) توغرۇلۇق سورشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ كىشىلەرنىڭ (سودا-سىتىق، مۇئامىلە، روزا تۇتش، ئېغىز ئېچىش قاتارلىق ) ئىشلارنىڭ ۋە ھەجنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر». (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئىھرامدىكى چىغىڭلاردا) ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن (تۆشۈك ئىچىپ) كىرىش ياخشىلىققا ياتمايدۇ. (اﷲ نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشتىن) قورققان ئادەم ياخشى ئەمەل (ئىگىسى) دۇر. (ئھرامدىكى چىغىڭلاردا ئادەتتىكىدەك) ئۆيلەرنىڭ دۈرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، بەختكە ئېرشىشڭلار ئۈچۈن اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار(190) . سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى اﷲ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ(191) . ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) (ئۇلار ھەرەمدە بولسۇن يا باشقا يەردە بولسۇن، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا بولسۇن) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن (يەنى مەككىدىن) چىقىرۋەتكەندەك سىلەرمۇ ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرام ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرام ئەتراپىدا) ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ(192) . ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا (سىلەرمۇ ئۇرۇشتىن قول يىغىڭلار)، اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر(193) . تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە اﷲ نىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ(194) . (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئاي (ئۇرۇش) قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چىقىلسا، شۇ ئايلاردا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، ئىنتىقام ئىلىش يۈزسىدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھىچ يامىنى يوق). بىراۋ سىلەرگە قانچېلىك چېقىلغان بولسا سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچېلىك چېقىلىڭلار؛ اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى اﷲ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر(195) . اﷲ نىڭ يولىدا (پۇل -مال )سەرپ قىلىڭلار، ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار ،ئېھسان قىلغۇچىلارنى اﷲ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ(196) . ھەج بىلەن ئۆمرىنى اﷲ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كىسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇھالدا نىمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نىمىنى تاپالىساڭلار) شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بىشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كىسەل (يەنى چىچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بىشىدا ئىللەت بار(يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نىمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن،(پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تامالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن)قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم )مەسجىدى ھەرام دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر(197) . ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (يەنى ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسي ئالاقە قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن)زاد-راھىلە ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى زاد-راھىلە تەقۋادارلىقتۇر. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار(198) . پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەپاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا (يەنى مۇزدەلىفەدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلاراﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (يەنى اﷲ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلا)(199) . ئاندىن كېيىن (سىلەر)كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، اﷲ دىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(200) . سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، اﷲ نى بولسا ئاتا -بوۋاڭلارنى (پەخىرلىنىپ) ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزگە (نىسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن»دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھىچ نېسىۋە يوقتۇر(201) . بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ(202) . ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. اﷲ نىڭ ھېساب ئېلىشى تىزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ)(203) . ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار(يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار )، (مىنادىن) ئالدىراپ ئىككى كۈندە قايىتقان ئادەمگە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ، تەخىر قىلىپ قايىتقان ئادەمگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى ئەھكاملار )تەقۋادارلىق قىلىپ (ھەجنى تولۇق ئادا قىلماقچى بولغان) ئادەم ئۈچۈندۇر. اﷲ دىن قورقۇڭلار؛ بىلىڭلاركى، سىلەر ھىساب ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغلىسىلەر(204) . (ئى مۇھەممەد!)كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىگى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (يەنى دىلى باشقا تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) اﷲ نى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددى دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شىرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ )(205) . ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كىيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). اﷲ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ(206) . ئۇنىڭغا (ۋەز نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز – ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ ) اﷲ دىن قورققىن دىيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە-پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يىتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر(207) . بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار اﷲ نىڭ رەزاسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). اﷲ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر(208) . ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرىك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئىغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر(209) . سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) اﷲ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئش قىلغۇچىدۇر(210) . ئۇلار (يەنى ئسلامغا كىرىشنى تەرك ئەتكەنلەر) پەقەت اﷲ نىڭ (قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن)بۇلۇت پارچىلىرى ئىچىدە كېلىشىنى، پەرىشتلەرنىڭ كېلىشىنى ۋە(خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىر گورۇھ جەننەتى، بىر گورۇھ دوزىخى بولۇپ ئايرىلىش بىلەن خالايىقنىڭ) ئىشىنىڭ پۈتۈشىنى كۈتەمدۇ؟ (بەندىلەرنىڭ) ھەممە ئىشى اﷲ غا قايتۇرۇلىدۇ(211) . (ئى مۇھەممەد!) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا نەقەدەر روشەن دەلىللەرنى ئاتا قىلدۇق. كىمكى اﷲ نىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ) ئۆزگەرتىۋەتسە (اﷲ ئۇنىڭغا ئازاب قىلىدۇ)، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر(212) . كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ)، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن (دەرىجە جەھەتتە) ئۈستۈن تۇرىدۈ؛ اﷲ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ(213) . ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، اﷲ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى،(كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛(اﷲ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ھەق كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ(214) . سىلەر تېخى ئىلگىركىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن)لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە، ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «اﷲ نىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر(215) . (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال-مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»(216) . سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مومكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرشۇڭلار مومكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نىمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر (شۇنىڭ ئۈچۈن) اﷲ بۇيرىغانغا ئالدىراڭلار(217) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: « ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ اﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش، اﷲ غا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرامدا (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرامدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانداشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پىتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۇ قالغۇچىلاردۇر(218) . شۇبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، ھىجرەت قىلغانلار ۋە اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۈنداق كىشىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(219) . (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لىكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغانداتېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغۇرلق سورايدۇ، « (ئىھتىياجدىن) ئارتۇقنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن.(دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى)تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئۆزئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ(220) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېىتىملار توغرىسىدا سورشىدۇ، ئېيتقىنكى، «(تەربىيلەش، ماللىرىنى ئۆستۈرۈپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارلىشىپ ياشىساڭلار، ئۇ چاغدا (يەنى ئۇلارغا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىڭلار)، ئۇلار سىلەرنىڭ دىني قېرىندىشىڭلاردۇر. اﷲ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى)بۇزغۇچى ۋە تۈزگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر اﷲ خالىسا سىلەرنى(قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى». اﷲ ھەقىقەتەن غالىپتۇر ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(221) . (ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۈر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن-جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۈر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، اﷲ ئۆزئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكەچاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند-نەسىھەت ئالسۇن دەپ اﷲ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ(222) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغۇرلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسې ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسي ئالاقە قىلىش ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر)، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن)پاك بولغۇچە ئۇلارغا يىقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا اﷲ بۇيرىغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار». اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ(223) . ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر). ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزەڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، (گۇناھتىن چەكلىنىش بىلەن) اﷲ دىن قورقۇڭلار، سىلەر اﷲ غا مۇلاقات بولۇسىلەر، مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن(224) . ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن (ئۇلارنى قىلىشقا) اﷲ نى توسالغۇ قىلماڭلار (يەنى اﷲ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشى ئشلارنى قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى قىلماڭلار)، اﷲ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(225) . مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ )(226) . ئايالىرىغا يىقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر تۆت ئاي كۈتىدۇ؛ ئەگەرئۇلار (بۇ مۇددەت ئىچىدە ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا )قايىتسا، (ئايالىرىغا يامانلىق قىلغان گۇناھىنى) اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. اﷲ ناھايىتى مىھرىباندۇر(227) . ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيتىگە كەلسە، اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى )بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(228) . تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ غا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، بەچچىدانلىرىدىكى اﷲ ياراتقان نەرسىنى (يەنى بالىنى ياكى ھەيزنى ) يوشۇرۇشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا، شۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كىلىشكە (باشقىلارغا قارىغاندا) ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئايالىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقوقتىن بەھرىمەن بولىشى كىرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. اﷲ غالىپتۇر. ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(229) . (قايتا يارشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن(خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش، ياكى ياخشىلىق بىلەن (يەنى زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي)قويۇۋېتىشى لازىم، اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى(يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، اﷲ بەلگىلىگەن ئەر-خوتۇنلۇق ھوقوقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال- مۈلۈكتىن ھىچقانداق نەرسىنى قايتۇرۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر-ئايال) نىڭ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خىتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىككىسىگە (يەنى ئەر-خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر(230) . ئەگەر (ئۇ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى) (ئۇچ قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن)باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ، كېيىنكى ئەر ئۇنى تالاق قىلغاندىن كېيىن (ئىددىتىنى توشقۇزۇپ)، بۇرۇنقى ئەر بىلەن قايتا ياراشسا، ئۈلارغا ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالايدىغانلىقىنى (يەنى قايتا ياراشقاندىن كېيىن ياخشى ئۆتەلەيدىغانلىقىنى) تەسەۋۋۇر قىلسا. بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇركى، اﷲ ئۇنى بىلىدىغان (يەنى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە پەمى يىتىدىغان) قەۋم ئۈچۈن بايان قىلىدۇ(231) . سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار، زۇلۇم قىلىش مەقسىتىدە زىيان يەتكۈزۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى چىرايلىقچە ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن ئەمەس، ئىددىتىنى ئۇزارتىپ زۇلوم قىلىش نىيىتىدە خوتۇنى بىلەن يارىشىدىكەن)، ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى كۈلكە قىلىۋالماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى خىلاپلىق قىلىش يولى بىلەن مەسخىرە قىلماڭلار)، اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ۋە سىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان كىتابنى، ھېكمىتىنى (يەنى كىتابدىكى ئەھكاملارنى) ياد ئېتىڭلار، اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر(232) . ئەگەر سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان ۋە قائىدە بويىچە (تەگمەكچى بولغان) ئېرى بىلەن پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسماڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئىچىڭلاردىن اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ (يەنى ۋەز نەسىھەت ئىلىش، اﷲ نىڭ ئەمىرلىرىنى تۇتۇش)، سىلەر ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقتۇر ۋە ئەڭ پاكتۇر، (شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن سىلەرگە نېمىلەر ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر(233) . ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كىرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئاي قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا- ئانا كېڭىشىپ(بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا ئۇلار غا ھىچ بىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ دىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(234) . ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە(يەنى شۇ ئاياللارغا ئېگىدارچىلىق قىلغۇچىلار غا) ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر(235) . ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشورۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار اﷲ غا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى اﷲ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (اﷲ دىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)(236) . ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلەنمەي تۇرۇپ تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا)ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ، لىكىن ئۇنىڭغا مۇتئە(يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل-مال) بېرىشىڭلار كىرەك، ئۇلارغا نەرسە بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بۇيىچە بەرسۇن (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر(237) . ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرمىنى بېرىڭلار (ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋاز كىچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە) شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار (ئۆتۈنگەن ئادەم)تەقۋادارلىققا ئەڭ يىقىندۇر. ئۆز ئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمىلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(238) . (بەش) نامانى ۋە بولۇپمۇ نامازدىگەرنى داۋاملاشتۇرۇڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىداتولۇق ئادا قىلىڭلار). اﷲ نىڭ ھۇزۇرىدا (يەنى نامازدا) ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار(239) . قورقۇنچتا قالغىنىڭلاردا، پىيادە ياكى ئۇلاغلىق كىتىپ بېرىپ (ناماز ئوقۇڭلار) ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا اﷲ نىڭ سىلەرگە ئۈگەتكىنى بويىچە اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنى قورقۇنچ تۈگىگەندە، اﷲ نامازنى قانداق ئۆتەشكە ئەمرقىلىغان بولسا، تولۇق ئەركانلىرى بىلەن شۇنداق ئۆتەڭلار)(240) . سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يىمەك-ئچمەك، كىيىم-كىچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ غالىپتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىغۇچىدۇر(241) . تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە نەپىقە بېرىش لازىم. (ئۇ)تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر(242) . سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ(243) . ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق، ئۆلۈمدىن قورقۇپ، يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ اﷲ ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى(ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن اﷲ ئۇلارنى تىرىلدۈردى، اﷲ ئىنسانلار غا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لىكىن ئىنسانلار نىڭ كۆپچىلىكى (اﷲ نىڭ نېمىتىگە ) شۈكۈر قىلمايدۇ(244) . اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(245) . كىمكى اﷲ غا قەرزي ھەسەنە بېرىدىكەن ( يەنى اﷲ نىڭ يولىدا پۇل-مېلىنى خوشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. اﷲ (سىناش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، اﷲ (بەزى كىشىلەرنى سىناش ئۈچۈن رىزقىنى )كەڭ قىلىدۇ،(قىيامەت كۈنى) اﷲ نىڭ دەرگاھىگە قايتۇرۇلسىلەر(246) . ساڭا مۇسا (ۋاپاتى) دىن كېيىن ئىسرائىل جەمەتىدىن بولغان بىر جامائەتنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: « بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، (ئۇنىڭ يىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى) اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلايلى » دېيىشتى. پەيغەمبەر: « سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟» دېدى. ئۇلار: « يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر(247) . پەيغەمبىرى ئۇلارغا: « اﷲ ھەقىقەتەن تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى» دېدى. ئۇلار (پەيغەمبىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ): «ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ. (ئارىمىزدا پادىشاھ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقتىن) پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مال-مۈلكى كۆپ بولمىغان تورسا» دېدى. پەيغەمبەر: « اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (پادىشاھلىق قىلىشقا) ئۇنى ئىختىيار قىلدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى، اﷲ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ. اﷲ (نىڭ پوزلى) كەڭدۇر (ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ » دېدى(248) . ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيىتتىكى: « ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭدا رەببىڭلار سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ ھارۇننىڭ تەۋەلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر (يەنى مۇسانىڭ ھاسىسى، كىيمى ۋە تەۋرات يىزىلغان بەزى تاختىلار) قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كىلىدۇ. ئەگەر (اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگەئىشىنىدىغان)بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى تابۇتنىڭ نازىل بولۇشىدا اﷲ نىڭ تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھلىققا تاللىغانلىقىغا) ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن (روشەن)ئالامەت بار »(249) . تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇل مۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: « اﷲ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلىقىنى بىرئاز بېسىش ئۈچۈن) ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى): « بۈگۈن بىز جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تاقەت كەلتۈرەلمەيمىز» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) اﷲ غا مۇلاقات بولۇشقا ئېتىقاد قىلغانلار: « اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ » دېدى.اﷲ چىداملىق كۆرسەتكۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر(250) . ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا « پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى(251) . مۆمىىنلەر اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. اﷲ داۋۇد قا سەلتەنەتنى، ھىكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. اﷲ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك بىر تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن اﷲ (يامانلىقنى ئۈستۈنلەككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەممەت قىلغۇچىدۇر(252) . بۇ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. (ئى مۇھەممەد!) سەن ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن) پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىسەن(253) . ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنى بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ اﷲ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ)دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىساغا (ئۆلۇكلەرنى تېرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر اﷲ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن اﷲ خالىغىنىنى قىلىدۇ(254) . ئى مۆمىنلەر! سودا-سىتىق، دوستلۇق ۋە (اﷲ نىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كىلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزق قىلىپ بەرگەن مال-مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كۇفرانى نېمەت قىلغۇچىلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر(255) . بىر اﷲ تىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمھشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگىدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ(مۈلكى)دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھىچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقۇرى مەرتىۋەلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر(256) . دىندا (ئۇنىڭغا كېرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى اﷲ دىن باشقا بارچە مەبۇد)نى ئىنكار قىلىپ، اﷲ غا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(257) . اﷲ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلىقىغا چىقىرىدۇ؛ كاپىرلەرنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلىقىدىن(گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر(258) . پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرلەشكەن، اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم(اﷲ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): « مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى)ئۆلتۈرەلەيدۇ » دېدى. ئۇ: « مەنمۇ (ئۆلۈكنى )تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى)ئۆلتۈرەلەيمەن » دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى، بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): « اﷲ ھەقىقەتەن كۈننى شەرىقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق داۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەرىبتىن چىقىرىپ باققىن » دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(259) . ياكى سەن تام ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس)تىن ئۆتكەن كىشىنى(يەنى ئۇزەيرنى)كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ(ئەجەبلىنىپ): « اﷲ بۇ شەھەر نىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. اﷲ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن)تىرىلدۈردى. اﷲ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: « (بۇھالەتتە)قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: « بىركۈن يا بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم » دېدى. اﷲ ئېيتتى: « ئۇنداق ئەمەس (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يىمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سوڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سوڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئىنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: « مەن اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم » دېدى(260) . ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: « پەرۋەردىگارىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈردىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. اﷲ: « ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەمنىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىراھىم: « ئىشەندىم، لىكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. اﷲ ئېيتتى: « قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزەڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سىنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كىلىدۇ ». بىلگىنكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(261) . اﷲ نىڭ يولىدا پۇل-مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ*. اﷲ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەممىتى(چەكلىك ئەمەس)كەڭدۇر (اﷲ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)(262) . پۇل-مىلىنى اﷲ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەيرى ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ(263) . ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. اﷲ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر(يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشتا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)(264) . ئى مۆمىنلەر! پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلدىغان، اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى(نىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل-مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا-چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولوپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن(ئاخىرەتتە) ھىچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. اﷲ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(265) . ماللىرىنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش ۋە نەپىسلىرىنى (سەدىقە-ئېھسانغا) ئادەتلەندۈرۈش يۈزسىدىن سەرپ قىلدىغانلار ئىگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۈنداق خەيرى-ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). اﷲ قىلغان ئەمىلىڭلارنى كۆرۇپ تۇرغۇچىدۇر(266) . ئاراڭلاردا كىممۇ ياقتۇرسۇنكى، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قىرىپ قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ ،(بۇ باغ ) ئوت ئىلىپ كەلگەن بىر قارا بوراندا كۆيۈپ كەتسۇن. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق (گۈزەل مىسال بىلەن) بايان قىلىدۇ (يەنى پۇل-مىلىنى رىيا ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياكى باشقىلارغا رەنجىتىش، مىننەت قىلىش بىلەن سەرپ قىلغان ئادەم ساۋابىنى ئەڭ مۇھتاج تۇرۇقلۇق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ)(267) . ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زىمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مىۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە بىرىڭلار؛ ئۆزەڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر(268) . شەيتان سىلەرنى پىقىرلىقتىن قورقىتىدۇ، يامان ئىشلارغا (يەنى بېخىللىققا، زاكات بەرمەسلىككە) بۇرۇيدۇ؛ اﷲ سىلەرگە ئۆز مەغپىرىتىنى ۋە پەزلىنى ۋەدە قىلىدۇ. اﷲ نىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(269) . ھىكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى)خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگەكۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند- نەسىھەت ئالىدۇ(270) . نىمىنى خەير- ئېھسان قىلماڭلار ياكى (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلماڭلار اﷲ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (يەنى زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل-مېلىنى گۇناھ ئىشلىرىغا سەرپ قىلغۇچىلار)غا ھىچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ(271) . سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمىلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر(272) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس (ساڭا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە پەقەت كىشىلەرگە اﷲ نىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتۇر). لېكىن اﷲ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير-ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)(273) . ئۆزىنى اﷲ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلار غا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير-ئېھسان قىلىنىشى كىرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر(274) . ماللىرىنى كىچەكۈندۈز (يەنى ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا خەير-ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ(275) . جازانە، ئۆسۈم يىگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چىپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەمدەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ « سودا-سىتىق، جازانىگە ئوخشاش (جازانە نىمىشقا ھارام بولىدۇ؟)» دېدى. اﷲ سودا-سىتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخىسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز-نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى اﷲ غا تاپشۇرىلىدۇ (يەنى اﷲ خالىسا ئۈنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانا قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ(276) . اﷲ جازانىنىڭ (بەركىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەركىتىنى)زىيادە قىلىدۇ. اﷲ ھەر بىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى)گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ(277) . ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ناماز ئوقۇغان زاكات بەرگەن كىشىلەر پەرۋەردىگاھىنىڭ دەرگاھىدا (چوڭ) ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ(278) . ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقي) مۆمىن بولساڭلار، اﷲ ( نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك) قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار(279) . ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار بىلىڭلاركى، اﷲ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزەڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزەڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر(280) . ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قېيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر(281) . سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن)قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى-يامان )ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كەمەيتىلىپ، يامان ئومەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)(282) . ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆز ئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى(ھۆججەت قىلىپ) يىزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى (كەم-زىيادەقىلماي) ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى (اﷲ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى) رەت قىلمىسۇن، ئۇ يازسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم (يازىدىغان كىشىگە) ئېيتىپ بەرسۇن (قەرزدار)پەرۋەردىگارى اﷲ دىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن ھىچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق (يەنى خۇدبىن، ئەقىلسىز، ئىسراپخور) ياكى ئاجىز (يەنى كىچىك بالا ياكى بەكمۇ قېرى) بولسا، ياكى (گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن) ئۆزى ئەيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەركىشى بولمىسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر ئككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار (گۇۋاھلىققا)چاقىرىلغان ۋاقتىدا (گۇۋاھ بولۇشتىن باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. اﷲ نىڭ نەزىرىدە (يەنى ھۆكمىدە) بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر (يەنى گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر)، گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر. لېكىن ئاراڭلاردا قىلىشقان قولمۇ- قول سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھىچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا گۇۋاھچى تەكلىپ قېلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن؛ ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر، اﷲ نىڭ (ئەمرىگە ۋە نەھيىسىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار، اﷲ سىلەرگە ئۆگىتىدۇ (يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ)، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىگۈچىدۇر(283) . ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا ئۇ چاغدا ئامانەت ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشورىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. اﷲ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر(284) . ئاسمانلاردىكى، زىمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۇچۇن اﷲ سىلەردىن ھىساب ئالىدۇ. اﷲ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر(285) . پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى اﷲ غا ۋە اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى.(ئۇلار) « اﷲ نىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىلىرىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: « بىز (دەۋېتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر » دەيدۇ(286) . اﷲ ھىچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ (جازاسىمۇ)ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) « پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز!بىزدىن ئىلگىركىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قېيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۇرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن » دەيدۇ