ئىزدەش
كــۆرۈش
 
باش بەت » قۇرئان كەرىم: سۈرە ئال ئىمران-   [] گە ئائىت جەمئىي پارچە ئۇچۇر تېپىلدى.
سۈرە ئال ئىمران
مائۇس ئاپارغاندا كۆرسىتىش: قۇرئان ئەسلى(ئەرەبچە) ئېنگلىزچە تۈركچە خەنزۇچە     قىرائەت
 
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

(1) . ئەلىف، لام، مىم
(2) . اﷲ دىن باشقا ھىچ (بەرھەق) مەبۇد يوقتۇر، اﷲ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(3) . (ئى مۇھەممەد!) ئۆزىدىن ئىلگىركى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) (اﷲ) ساڭا نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى
(4) . ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى كىتابنى (يەنى بارلىق ساماۋى كىتابلارنى) نازىل قىلدى. شۇبھىسىزكى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، اﷲ غالىبتۇر(يامانلارنى) جازالىغۇچىدۇر
(5) . شۇبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زىمىندىكى ھېچ نەرسە اﷲ غا مەخپى ئەمەس
(6) . ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا)ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر. اﷲ غالىبتۇ، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
(7) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇ (اﷲ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مەھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مائىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۇچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ)بۇنداق ئايتلەرنىڭ (ھەقىقى) مەنىسىنى پەقەت اﷲ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى)پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۇشىنىدۇ
(8) . پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۇبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن
(9) . پەرۋەردىگارىمىز! شۇبھىسىزكى، كىشىلەر شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھىساب ئىلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن، شۇبھىسىزكى، اﷲ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ »
(10) . كاپىرلار نىڭ ماللىرى، بالىلىرى اﷲ نىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھىچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ. ئۇلار (كۇففارلار) دوزاخنىڭ يېقىغۇسىدۇر
(11) . (بۇ كۇففارلارنىڭ ھالى) پىرئەۋن تەۋەلىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى جازالىدى، اﷲ نىڭ جازاسى قاتتىقتۇر
(12) . (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، « سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇب قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نىمىدىگەن يامان تۆشەك »
(13) . (ئى يەھۇدىيلار جامائەسى! بەدىردە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئككى گورۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى اﷲ يولىدا ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپ ئوچۇق كۆرگەن كاپىرلار گۇرۇھىدۇر (يەنى اﷲ كاپىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كاپىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى). اﷲ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىپ قوللايدۇ. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
(14) . ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن-كۆمۈشتىن توپلانغان كۆپ ماللار، ئارغىماقلار، چارۋىلار ۋە ئېكىنلەردىن ئىبارەت كۆڭۇل تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتى ئىنسانلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەنپەئەتلىنىدىغان (باقاسى يوق) شەيئىلەردۇر؛ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بولسا قايتىدىغان گۈزەل جاي (يەنى جەننەت) باردۇر(شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىغا ئەمەس، جەننەتكە قىزىقىش كېرەك)
(15) . (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، « سىلەر ئۇلاردىنمۇ (يەنى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە نېمەتلىرىدىنمۇ) ياخشى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھۇزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۈپ، (ئۇلار)جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار، (تەقۋادارلار ئۈچۈن)يەنە اﷲ نىڭ رەزاسى بار ». اﷲ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
(16) . ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ
(17) . ئۇلار(يەنى تەقۋادارلار) سەۋرە قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (اﷲ غا)ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر
(18) . اﷲ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۈۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھىللىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق)يوقتۇر، ئۇ غالىپتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
(19) . ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇديلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆز ئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يىقىندا جازالايدۇ) اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
(20) . (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا)مۇنازىرەلەشسە: « ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى اﷲ غا تاپشۇردۇم (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇديلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۈممەتلەگە(يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا): « مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە (ساڭا ھىچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، اﷲ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
(21) . اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۇردىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى اﷲ غا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
(22) . ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھىچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر
(23) . كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى)نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا(دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسدا) اﷲ نىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)
(24) . بۇ ئۇلارنىڭ « دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان 40 كۈنلۈك ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ » دىگەنلىرى ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
(25) . كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا(ئۇلارنىڭ ھالى)قانداق بولىدۇ
(26) . ئېيتقىنكى، « پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى اﷲ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن
(27) . كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن،(شۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن- قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى (يەنى تىرىك بولغان ئىنساننى، ھايۋاننى) جانسىزدىن (يەنى جانسىز بولغان ئابىمەنىدىن)چىقىرىسەن، جانسىزنى (يەنى جانسىز بولغان ئابىمەنىنى )جانلىقتىن (يەنى جانلىق بولغان ئىنساندىن، ھايۋاندىن ) چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بىرىسەن»
(28) . مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۇ اﷲ نىڭ دوستلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلاردىن قورقۇپ دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر
(29) . ئېيتقىنكى (دىلىڭلاردىكىنى مەيلى يوشۇرۇڭلار، مەيلى ئاشكارىلاڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
(30) . ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكىنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا(مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. اﷲ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، اﷲ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر
(31) . (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئۆتكەنكى ) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
(32) . ئېيتقىنكى « اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار » ئەگەر ئۇلار(ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرىسە، اﷲ كاپىرلارنى ( يەنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى)دوست تۇتمايدۇ
(33) . اﷲ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى(پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى
(34) . ئۇ ئەۋلادلار بىر-بىرى بىلەن قانداشتۇر، اﷲ (بەندىلەرىنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(35) . ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى « پەرۋەردىگارىم! مەن قورسۇقۇمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سىنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن»
(36) . ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: « ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم » دېدى، ئۇنىڭ نىمە تۇغقانلىقىنى اﷲ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل(ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر).(ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) مەن ئۇنى مەريەم ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن »
(37) . ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قىتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە بىرەر يىمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: « ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: « بۇ اﷲ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. اﷲ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا مۇشەققەتسىزلا) ھىسابسىز رىزق بېرىدۇ
(38) . شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمنىڭ كارامىتىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: « ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن » دېدى
(39) . ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ساڭا اﷲ نىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بۈلغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ » دەپ نىدا قىلدى
(40) . ئۇ: « پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مىنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: « اﷲ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىيە ھىچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس » دېدى
(41) . ئۇ: « پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن » دېدى. اﷲ: « ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە ھىچكىمگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن،(نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى
(42) . پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! اﷲ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن تاللىدى، سىنى پاك قىلدى، سىنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى
(43) . ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن رۇكۇ قىل»
(44) . (ئى مۇھەممەد!) بۇ-ساڭا ۋەھى قىلىۋاتقىنىمىز-غەيىب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسى تەربىيسىگە ئېلىش(مەسىلىسىدە چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يىندا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيسىدە بولۇشىنى) ئۆز ئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يىنىدا يوق ئىىدىڭ
(45) . ئۆزۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: « ئى مەريەم اﷲ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) اﷲ نىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق)بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە اﷲ غا يېقىنلاردىن بولىدۇ
(46) . ئۇ بۈشۈكتىمۇ (يەنى بۇۋاقلىق چىغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياي بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ »
(47) . مەريەم: « پەرۋەردىگارىم ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى پەرىشتە: «اﷲ خالىغىنىنى شۇنداق يارتىدۇ (يەنى ئاتا- ئانا ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ-دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كىلىدۇ» دېدى
(48) . اﷲ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز- ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ
(49) . ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) « شۇبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان(پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۇۋليمەن-دە، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يىمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۇبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر اﷲ نىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مىنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار
(50) . مەن ئىلگىرى كەلگە تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم) سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. اﷲ دىن قورقۇڭلار ۋە (مىنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار
(51) . اﷲ ھەقىقەتەن مىنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر »
(52) . ئىسا ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: « اﷲ ئۈچۈن(اﷲ غا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى؟ ھەۋارىلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقى مۆمىنلەر) ئېيتتى: « اﷲ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز
(53) . پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابغا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»
(54) . ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، اﷲ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىسا ئەلەيھىسالامنى قۇتقۇزۇپ، ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتى). اﷲ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر
(55) . ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: « ئى ئىسا! مەن سىنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە)قەبزى رۇھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۇرىمەن، (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مىنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن
(56) . كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپ قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن اﷲ نىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ »
(57) . ئىمان ئىيىتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، اﷲ ئۇلارنىڭ(قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بىرىدۇ. اﷲ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟)
(58) . (ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بىرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھىكمەتلىك قۇرئاندۇر
(59) . شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى اﷲ (ئاتا-ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغاِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِِ: « ۋۇجۇتقا كەل » دېدى-دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)
(60) . (ئىسا ھەققىدىكى بۇسۆز) اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
(61) . سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقى مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كىيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: « كىلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، اﷲ نىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ اﷲ غا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى » دېگىن
(62) . شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسىدۇر. بىر اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ ھەقىقەتەن غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
(63) . ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، اﷲ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
(64) . «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار) پەقەت اﷲ غىلا ئىبادەت قىلىش، اﷲ غا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەسلىك، اﷲ نى قويۇپ بىر- بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە ) ئەمەل قىلايلى » دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ينى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): « (ئى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار
(65) . ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟)ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كىيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىگىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟
(66) . (ئى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى)ئۈستىدە نىمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) اﷲ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر » دەڭلار
(67) . ئىبراھىم يەھۇدىمۇ ئەمەس، ناسارامۇ ئەمەس ۋە لىكىن توغرا دىنغا ئىتقاد قىلغۇچى، اﷲ غا بويسۇنغۇچى ئىدى، مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى
(68) . ئىبراھىمغا ئەڭ يىقىن بولغانلار، شۈبھىسىزكى، (ئىبراھىمنىڭ زامانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنىڭغا (يەنى ئۇنىڭ يولىغا) ئەگەشكەنلەردۇر، بۇ پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) دۇر، (بۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولغان) مۆمىنلەردۇر. اﷲ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر
(69) . ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۇم كىشىلەر سىلەرنى ئازدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ، (بۇنىڭ ۋابالى ئۇلارغا ھەسسىلەپ ئازاپ قىلىنىش بىلەن ئۆزلىرىگىلە قايتىدۇ). (لېكىن) ئۇلار(بۇنى) تۇيمايدۇ
(70) . ئى ئەھلى كىتاب! اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام غا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى)بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(71) . ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئرىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردىكى سۈپىتىنى )يوشۇرىسىلەر؟
(72) . ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: « مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچ قۇرۇنلىقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلاغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار » دېدى. (ئى مۇھەممەد!)ئېيتقىنكى، « توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر ». (يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھيى بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى)پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرلىشىپ سىلەرنى يىڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھىچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!)ئېيتقىنكى، « پەزل-كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ)ھەممنى بىلگۈچىدۇر
(73) .
(74) . اﷲ رەھمىتىنى ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، اﷲ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر
(75) . ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ، ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بىشىدا تۇرمىغىچە(يەنى قايتا قايتا سۈيلىمىگىچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: « ئۈممىلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ، (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دېدى، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
(76) . ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (اﷲ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى اﷲ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ
(77) . اﷲ غا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نېسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى اﷲ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارغ ا(رەھمەت كۆزى بىلەن)قارىمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ
(78) . ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۇن، تىللىرىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
(79) . اﷲ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «اﷲ نى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار » دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋە لېكىن (ئۇ): « كىتابنى ئۈگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار » (دەيدۇ)
(80) . شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پەرىشتىلەرنى، پەيغەمبەرلەرنى رەب قىلىۋېلىشقا بۇيرۇشى لايىق بولمايدۇ. مۇسۇلمان بولغىنىڭلاردىن كېيىن پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى كۇفرىغا بۇيرۇمدۇ؟
(81) . ئۆز ۋاقتىدا اﷲ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئىلىپ: « سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېتىشىڭلار كىرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كىرەك » (دېدى). اﷲ: « (بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ)قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مىنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: « ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. اﷲ: « ئۆزەڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى
(82) . كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرىسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا) ئۇلار اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
(83) . ئۇلار (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) اﷲ نىڭ دىنىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە اﷲ غا بويسۇنغان تۇرسا. ئۇلار (قىيامەت كۈنى) اﷲ تەرىپىگە قايتۇرۇلىدۇ
(84) . (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « بىز اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا)ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھىچ بىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز »
(85) . كىمكى ئىسلام ( دىنىدىن) باشقا دىننى تىكلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ(يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر
(86) . ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى اﷲ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
(87) . اﷲ نىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ۋە ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر
(88) . ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاب مەڭگۈ يىنىكلىتىلمەيدۇ. كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
(89) . پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر، بۇنىڭدىن مۇستەسنا، اﷲ (مۇنداقلار غا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر
(90) . شۇبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر
(91) . شۇبھىسىزكى، كاپىر بولۇپ (تەۋبە قىلماستىن) كۇفرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبېرىدىن يەر يۈزىگە بىر كېلىدىغان ئالتۇن فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئۇلارغا(ئۇلارنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇردىغان) ھىچبىر مەدەتكار بولمايدۇ
(92) . ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە (يەنى ماللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى سەدىقە قىلمىغىچە) ھەرگىز ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشەلمەيسىلەر، (اﷲ نىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، اﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(93) . تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يىمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئىلىپ كىلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار »
(94) . شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىل مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن)، كىمكى اﷲ نامىدىن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇلار زالىملادۇر
(95) . ئېيتقىنكى (اﷲ راست ئېيتتى، (ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت) ئىبراھىمنىڭ توغرا دىنىگە ئەگىشىڭلار، ئۇ (يەنى ئىبراھىم ) مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»
(96) . ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۈنجى سىلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللا) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر
(97) . ئۇنىڭدا ئوچوق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئبراھىم شۈلارنىڭ بىرى، بەيتۇللاغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان ئادەم اﷲ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرىز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن زىيىنى ئۆزىگە)، شۇبھىسىزكى، اﷲ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن)بىھاجەتتۇر
(98) . ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: « ئى ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نىمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋاھالەنكى، اﷲ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر »
(99) . (ئى مۇھەمەد!) ئېيتقىنكى، « ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىغا) شاھىت بولۇپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن اﷲ نىڭ يولىنى ئەگرى كۆرسىتىشنى قەستلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇنىڭدىن توسىسىلەر؟ اﷲ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر »
(100) . ئى مۆنىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ
(101) . سىلەرگە اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇۋاتقان (يەنى ۋەھى ئۈزۈلۈپ قالماي اﷲ نىڭ ئايەتلىرى نازىل بولۇۋاتقان) ۋە ئاراڭلاردا اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى (ھايات) تۇرغان تۇرسا، قانداقمۇ كاپىر بولۇسىلەر؟ كىمكى اﷲ غا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىدىكەن، ئۇ توغرا يولغا يىتەكلەنگەن بولىدۇ
(102) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ غا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار
(103) . ھەممىڭلار اﷲ نىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى اﷲ نىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگە نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆز- ئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، اﷲ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، اﷲ نىڭ نېمىتى بىلەن ئۆز ئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، اﷲ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ
(104) . سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرىلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياىخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائەت بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر
(105) . روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(106) . شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر (يەنى مۆمىنلەرنىڭ يۈزلىرى) ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر(يەنى كۇففارلارنىڭ يۈزلىرى)قارىيىدۇ، يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى) « ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغىنىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار »
(107) . يۈزى ئاقارغانلار اﷲ نىڭ رەھمىتىدە (يەنى جەننەتتە)بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا (يەنى جەننەتتە) مەڭگۈ قالىدۇ
(108) . بۇ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىدۇر، ئۇلارنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا راست ئوقۇپ بېرىمىز، اﷲ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ
(109) . ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭ (مۈلكى، مەخلۇقاتى ۋە بەندىلىرى) دۇر، ھەممە ئىشلار اﷲ غا قايتۇرۇلىدۇ
(110) . (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان اﷲ غا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە)ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر
(111) . ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھىچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۈ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ
(112) . ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن اﷲ نىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. مۇھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلار نىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە اﷲ نىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر
(113) . ئۇلار بىر خىل ئەمەس، ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار، ۋە ناسارالاردىن) كېچىلىرى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە سەجدە قىلىپ تۇرىدىغان بىر جامائەت كىشىلەر بار
(114) . ئۇلار اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر
(115) . ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ اﷲ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ
(116) . شۇبھىسىزكى، كاپىرلارنىڭ ماللىرى، بالىلىرى اﷲ نىڭ ئازابى ئالدىدا ھەرگىز ھېچ نەرسىگە دال بولالمايدۇ؛ ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر، دوزاختا مەڭگۇ قالىدۇ
(117) . ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا (رىيا قىلىپ) بەرگەن سەدىقىلىرى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ زىرائىتىگە تېگىپ ئۇنى نابۇت قىلىۋەتكەن سوغۇق شامالغا ئوخشايدۇ (ئىگىلىرىنىڭ گۇناھى تۈپەيلى نابۇت قىلىنغان بۇ زىرائەتكە ئوخشاش، اﷲ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى بەربات قىلىدۇ). ئۇلارغا اﷲ زۇلۇم قىلمىدى ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى
(118) . ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلاردىن بولمىغانلارنى (يەنى مۇناپىقلارنى) سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۇبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق
(119) . (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ) سىلەر (ھەممە سەماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، « ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى اﷲ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» اﷲ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر
(120) . ئەگەر سىلەرگە (كەڭچىلىك، مولچىلىق، نۇسرەت غەنىمەت قاتارلىق)بىرەر ياخشىلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ؛ ئەگەر سىلەرگە(ئېغىرچىلىق، قەھەتچىلىك ۋە مەغلۇبىيەت قاتارلىق ) بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ( ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋرە قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەركىتىڭلاردا اﷲ دىن)قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۇزەلمەيدۇ. اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر
(121) . (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئۇھۇدقا)چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، اﷲ (سۆزۈڭلارنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئوھۋالىڭلارنى)بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(122) . ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گورۇھ (بەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ اﷲ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى.(مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) اﷲ غىلا تەۋەككۇل قىلسۇن
(123) . اﷲ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قۇرالىڭلار ئاز ئىدى). اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن اﷲ دىن قورقۇڭلار
(124) . (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: « پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟ » دەيتتىڭ
(125) . شۇنداق، ئۇ يىتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە ) سەۋرە قىلساڭلار، (اﷲ دىن) قورقۇپ (ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۇشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ
(126) . اﷲ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشىنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن(شۇنىڭ بىلەن دۇشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ تەرىپىدىندۇر
(127) . (اﷲ نىڭ ياردىمى) كاپىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلار نىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشلىرى ئۈچۈندۇر
(128) . (ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى)سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، اﷲ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا)تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يا ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ
(129) . ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر. اﷲ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
(130) . ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يىمەڭلار مەقسىتىڭلارغا ئېرشىش ئۈچۈن اﷲ دىن (نەھىي قىلغان ئىشلارنى تەرك ئىتىپ)قورقۇڭلار
(131) . كاپىرلار ئۇچۇن تەييارلانغان دوزاختىن (يەنى دوزاخقا كىرىشكە سەۋەب بولىدىغان يامان ئشلاردىن) ساقلىنىڭلار
(132) . سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
(133) . پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلارغا تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان-زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار
(134) . تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ اﷲ يولىدا (پۇل-مال)سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۈتىدىغانلار،(يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. اﷲ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
(135) . تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا اﷲ نى ياد ئېتىدۇ. گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان اﷲ دىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ
(136) . ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدىگەن ياخشى!
(137) . سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كىلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار
(138) . بۇ (قۇرئان) (ئومۇمىي) ئىنسانلارغا باياندۇر (يەنى ھالال بىلەن ھارامنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ)، تەقۋادارلارغا توغرا يول كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە ۋەز-نەسىھەتۇر
(139) . (جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر
(140) . ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شېھىت بولغان بولساڭلار)، دۇشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارالاندى ۋە ئۆلتۇرۇلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز(يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە بىر كۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) اﷲ نىڭ(ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى(مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شېھىتلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شېھىتلىك دەرىجىسگە مۇشەررەپ قىلىشى)ئۈچۈندۇر،- اﷲ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ
(141) . مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر
(142) . (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) اﷲ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي تۇرۇپ)، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دىيىش بىلەنلا)جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟
(143) . سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن بىلەن) ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار (ئەمدى نىمىشقا مەغلۇب بولىسىلەر؟)
(144) . مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟)كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ اﷲ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ
(145) . ھىچ كىشى اﷲ نىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، اﷲ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيا ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە ئۇنىڭغا ئاخىرەت ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز
(146) . نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇدا جۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار اﷲ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن رۇھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، اﷲ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ
(147) . ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: « پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چىكىدىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن » دېگەندىن باشقا بولمىدى
(148) . اﷲ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى ساۋابىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، اﷲ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دۇست تۇتىدۇ
(149) . ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر
(150) . ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، اﷲ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر
(151) . (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ غا شىرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر
(152) . اﷲ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، اﷲ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار،(پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن اﷲ سىناش ئۈچۈن سىلەردىن دۈشمەننى قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەفلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. اﷲ مۆمىنلەرگە مەرھەممەت قىلغۇچىدۇر
(153) . ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى اﷲ نىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھدۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇجەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن)قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىمەتكە)، بىشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). اﷲ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
(154) . غەمدىن كېيىن اﷲ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسىدا بولۇپ كەتتى)، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، اﷲ غا قارىتا نا توغرا گۇمانلاردا بولدى: ئۇلار « بىزگە اﷲ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، « ھەممە ئىش ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئىلگىدە ». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرىدۇ؛ ئۇلار: « ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق » دەيدۇ. (ئى مۇھەمەد!)ئېيتقىنكى، « ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ(ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلىشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (اﷲ نىڭ قازاسىدىن قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. اﷲ كۆڭۈللەردىكىنى(ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر
(155) . ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
(156) . ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يىنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دىگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، اﷲ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
(157) . شۇبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر اﷲ يولىدا (ينى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كىتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر
(158) . ئەگەر سىلەر (ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار ياكى (جەڭ مەيدانىدا)ئۆلتۈرۈلسەڭلار (ئاخىرەتتە) چوقۇم اﷲ نىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر(اﷲ سىلەرنى ئەمەلىڭلارغا قاراپ مۇكاپاتلايدۇ)
(159) . اﷲ نىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بۇلدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا كۆڭۈل باغلىساڭ اﷲ غا تەۋەككۇل قىلغىن، اﷲ ھەقىقەتەن تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
(160) . ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ، ئەگەر اﷲ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، اﷲ دىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بىرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز اﷲ غا تەۋەككۇل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى اﷲ غا تاپشۇرسۇن)
(161) . ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلغىلى بولمايدۇ) كىمكى غەنىمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ
(162) . اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تىگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تىگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمەدىگەن يامان جاي!
(163) . اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ. اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
(164) . اﷲ مۆمىنلەرگە اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى(گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۇننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئىھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى
(165) . سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: « بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، « ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەر نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى ». اﷲ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
(166) . ئككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئوھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقى مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر
(167) . ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش ) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: « كېلىڭلار، اﷲ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزەڭلارنى) قوغداڭلار » دېيىلسە، ئۇلار: « ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بىرگە ئۇرۇش قىلاتتۇق)» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى (نىفاق بىلەن مۇشرىكلىكنى) اﷲ ئوبدان بىلىدۇ
(168) . (بۇ يەنە اﷲ نىڭ)ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: « ئەگەر ئۇلار(يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى » دېدى. ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، « (ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزەڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (داۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار »
(169) . اﷲ نىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى رىزقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن ئەتىگەن-ئاخشامدا مەڭگۈ رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ)
(170) . ئۇلار اﷲ نىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن پەزلىدىن خۇرسەندۇر، ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن تېخى يېتىپ كەلمىگەن (يەنى شېھىت بولماي تېرىك قالغان) قېرىنداشلىرىغا (ئاخىرەتتە)نە قورقۇنچ، (دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىغا) قايغۇ يوق ئىكەنلىكى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى تىلەيدۇ
(171) . ئۇلار اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت ۋە پەزلنى، مۆمىنلەرنىڭ ئەجرىنى اﷲ نىڭ بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشىنى تىلەيدۇ
(172) . (ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن اﷲ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆنىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ
(173) . (مۇشرىكلار تەرەپدارى بولغان) ئادەملەر ئۇلارغا: « شەك-شۇبھىسىزكى، كىشىلەر (يەنى قۇرەيشلەر) سىلەرگە قارشى قوشۇن توپلىدى، ئۇلاردىن قورقۇڭلار » دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. ئۇلار: « بىزگە اﷲ كۇپايە، اﷲ نېمىدېگەن ياخشى ھامى! » دېدى
(174) . ئۇلار اﷲ نىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار اﷲ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. اﷲ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر
(175) . ئەنە شۇ شەيتان ئۆز دوستلىرىنى (يەنى كۇففارلارنى) قورقىتىدۇ. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار
(176) . (ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) اﷲ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(177) . ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن)اﷲ غا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(178) . كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرىگە پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز)پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپۈيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار(ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(179) . اﷲ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى)ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن)ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پىتىڭلارچە قويمايدۇ. اﷲ سىلەرنى غەيبدىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ، ۋە لېكىن اﷲ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغىنىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا مۇناپىقلارنىڭ ھالىنى بىلدۈرگەندەك) غەيبنى بىلدۈرىدۇ؛ اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە(پەرۋەردىگارىڭلاردىن) قورقساڭلار، چوڭ ساۋابقا ئېرىشىسىلەر
(180) . اﷲ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل-مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). اﷲ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
(181) . «اﷲ بولسا ھەقىقەتەن پىقىر، بىز بولساق باي » دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى اﷲ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرلەپ قويىمىز (يەنى نامى ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە – ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار دەيمىز
(182) . بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر
(183) . ئۇلار: « (تەۋراتتا) اﷲ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئوت يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگىچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى » دېدى (بۇ ئىپتىرا بولۇپ، اﷲ ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەس). (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، سىلەرگە مۆجىزىلەر ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزىلەر بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (داۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»
(184) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سىنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆجىزىلەرنى ،كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام غا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى
(185) . ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تېرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۇگەيدۇ)
(186) . سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كىسەل بولۇش بىلەن)چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆزلەرنى ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقۇرقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەركىتىڭلار دا اﷲ دىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر
(187) . ئۆز ۋاقتىدا، اﷲ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلاردىن) دىن كىتابىنى (يەنى كىتابتىكى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لىكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرىۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە(يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان
(188) . (ئى مۇھەممەد!) قىلغان ئىشلىرىدىن (يەنى ھەقنى ياپقانلىقىدىن)خوشال بولىدىغان، قىلمىغان ئىشلىرى بىلەن مەدھىيلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ھەرگىز اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
(189) . ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا خاستۇر، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
(190) . شۇبھىسىزكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىلەر بار
(191) . ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
(192) . پەرۋەردىگارامىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ
(193) . پەرۋەردىگاىرىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ) رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلا، دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى رۇھ قىلغىن
(194) . پەرۋەردىگارىمىز! بىز پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى(يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن »
(195) . ئۇلارنىڭ دوئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلدى: « مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن، ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى اﷲ نىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن)ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن ». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) اﷲ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار
(196) . كاپىرلارنىڭ (پۇل-مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن)شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن
(197) . بۇ ئازغىنا بەھرىمەن بولۇشتۇر، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ نېمە دېگەن يامان تۆشەك!
(198) . پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇيەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ، اﷲ تەرىپىدىن بولغان كۈتۈۋېلىشتۇر. اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەر(يەنى مۇكاپات ۋە ھۆرمەت) ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن (كۇففارلار بەھرىمەن بولغان باقاسى يوق ئازغىنا راھەتتىن) ئارتۇتقتۇر
(199) . ئەھلى كىتاب ئارىسىدا ھەقىقەتەن اﷲ غا ئىمان كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، ئۆزلىرىگە نازىل بولغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىشىنىدىغانلار بار؛ ئۇلار اﷲ دىن قورقىدۇ، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام نىڭ سۈپەتلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى، راھىبلارغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىلىرىنى دەپ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ)، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب بېرىلىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
(200) . ئى مۆمىنلەر! تائەت- ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن اﷲ دىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)

باشبەت
قۇرئان كەرىم ھەققىدە
سۈرە ئاڭلاش ۋە چۈشۈرۈش
ماقالىلەر
سۇئال - جاۋاب
سۆز قالدۇرۇش
ھۆججەت چۈشۈرۈش
ئەڭ يېڭى ماقالىلـــەر
12/31
01/04
06/01
ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەر
475
344
194
95
140
1539
خەتكۈچلەر   يەنە بار...
دوستانە ئۇلىنىش   تىخىمۇ كۆپ...
Copyright © 2008-2010 ::WWW.QURANKERIM.COM:: All rights reserved. E-mail: admin@qurankerim.com
Donate towards my web hosting bill!