(1) . ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە (يەنى اﷲ بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ۋە سىلەرنىڭ ئۆز ئاراڭلاردىكى ئەھدىلەرگە) ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە (بۇ سۈرىدە تۆۋەندە) ئۆقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسى (زەبھى قىلىنغاندىن كېيىن يېيىش)ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئىھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۇبھىسىزكى اﷲ (ھالال ھارام تۇغرۇلۇق)خالىغان نەرىسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ(2) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) شەھرى ھەرام(دائۇرۇش قىلىش) نى، ھەديىنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى- تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى) پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاغا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن)كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار، ئىھرامدىن چىققان چاغلىرىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ، بىرەر قەۋم (يەنى مۇشرىكلار)نىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرام (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، اﷲ نىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق(3) . سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، اﷲ دىن غەيرىينىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن)يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ھايۋانلار (تەرىپىدىن ئۈسسۈپ) ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يىگەن ھايۋان (گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇتاھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتىن، ئىلاجسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ) اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر(4) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە (يېمەك ئىچمەكتىن)نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، « سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە ئىتـقارچىغا، قۇشقا ئوخشاش) شىكارغا ئۈگىتىلگەن، سىلەر اﷲ نىڭ ئۆزەڭلارغا ئۈگەتكىنى بويىچە ئۇگەتكەن ئوۋچى جانۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى، ئۇلارنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئوۋلىغان نەرسىلىرىدىن يەڭلا (ئوچى جانىۋارلارنى شىكارغا قويۇپ بەرگەن چېغىڭلاردا) اﷲ نىڭ نامىنى ياد قىلىڭلار (يەنى بىسمىللا دەڭلار)، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش) تىن ساقلىنىڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر »(5) . بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر، مۆمىنلەردىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا- يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا(ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر، كىمكى ئىمانىدىن يېنىۋالىدىكەن (ياكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن)، ئۇنىڭ ئەمىلى (نىڭ ساۋابى) يوققا چىقىرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ(6) . ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ)تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلە قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان)بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن(غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپىراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنۇڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن)نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ(7) . (ئى مۆمىنلەر!) اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن (ئۇلۇغ) ۋە سىلەر بىلەن قىلغان مۇئاھىدىسىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا سىلەر: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېگەن ئىدىڭلار، اﷲ دىن قورقۇڭلار (يەنى اﷲ غا بەرگەن ئەھدىنى بۇزۇشتىن ساقلىنىڭلار). اﷲ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ) دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر(8) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا)ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۇشمىنىڭلارغا) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار)تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، اﷲ دىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر(9) . اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب ۋەدە قىلدى(10) . كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر ئەھلى دوزاختۇر(11) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن (يەنى سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۇرمەكچى) بولغان ئىدى. اﷲ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). اﷲ دىن (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلىنغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن)قورقۇڭلار، مۆمىنلەر اﷲ غا تەۋەككۇل قىلسۇن(12) . شۇبھىسىزكى، اﷲ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەربىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقىنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە اﷲ: « مەن سىلەرگە ياردەم بىرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! اﷲ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى(تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، اﷲ غا قەرزە ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى اﷲ نىڭ يولىدا پۇل-مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى(13) . ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار(تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى.(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۇرگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ(14) . بىز ناسارامىز دىگەنلەردىنمۇ ( اﷲ نى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى،(بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۇشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) اﷲ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)(15) . ئى ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا(ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) ۋەروشەن كىتاب(يەنى قۇرئان) كەلدى(16) . اﷲ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (اﷲ نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى)غا يىتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن(ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ(17) . مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىسا) اﷲ دۇر دېگەن كىشىلەر (يەنى ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى) ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!)ئېيتقىنكى، « ئەگەر اﷲ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى(يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، اﷲ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا خاستۇر، اﷲ خالىغىنىنى خەلق ئېتىدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(18) . يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار: « بىز اﷲ نىڭ ئوغۇللىرىدۇرمىز (يەنى ئاتا-بالىدەك يىقىنمىز) ۋە (بىز اﷲ نىڭ دىنىدا بولغاچقا)دوستلىرىدۇرمىز» دېدى. ئېيتقىنكى، «(ئۇنداق بولسا) اﷲ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب قىلىدۇ؟» بەلكى سىلەر باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش اﷲ ياراتقان ئىنسانسىلەر، اﷲ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ؛ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ يەر يۈزىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا خاستۇر، ئەڭ ئاخىر بارىدىغان جاي اﷲ نىڭ دەرگاھىدۇر(19) . ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بىزگە (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) كەلدى (ئەمدى سىلەرگە ئۆزرە قالمىدى). اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(20) . ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد قىلىڭلار، اﷲ ئۆز ۋاقتىدا ئچىڭلاردا(سىلەرنى تۇغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن(دەريانى يېرىپ ئوتتۇرسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يىمەك چۈشۈرشۈپ بېرىش قاتارلىق)نېمەتلەرنى بەردى(21) . ئى قەۋمىم! اﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان (يەنى سىلەرنى كىرىشكە ئەمىر قىلغان) مۇقەددەس زېمىنغا (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە)كىرىڭلار، ئارقىڭلارغا چىكىنمەڭلار، بولمىسا (ئىككىلا دۇنيادا) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر »(22) . ئۇلار: « ئى مۇسا! مۇقەددەس زېمىندا كۈچلۈك (يەنى جاسامەتلىك، قامەتلىك) بىر قەۋم بار (ئۇلار ئاد قەۋمىنىڭ قالدۇقى بولغان ئەمالىقەلەر)، ئۇلار چىقىپ كەتمىگۈچە بىز ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمەيمىز، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ كەتسە چوقۇم كىرىمىز » دېدى(23) . اﷲ دىن قورققۇچىلاردىن بولغان، اﷲ نىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالىب ئىبنى يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ)دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر اﷲ نىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە)ئىشەنسەڭلار، اﷲ غا تەۋەككۇل قىلىڭلار » دېدى(24) . ئۇلار: « ئى مۇسا! مادامىكى ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى » دېدى(25) . مۇسا دېدى: « پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزەمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان)قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن»(26) . اﷲ دېدى: «ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىيدۇ. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن »(27) . (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمىڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى ( يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھىكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن » دېدى، ھابىل نېمىشقا دېۋىدى، قابىل: «اﷲ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل)ئېيتتى: «اﷲ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ(28) . ئەگەر سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭنى سوزىدىغان بولساڭ، مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇمنى سوزمايمەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ دىن قورقىمەن(29) . مەن ھەقىقەتەن سەن بىلەن بولغان گۇناھنى (يەنى مېنى ئۆلتۈرگەنلىك گۇناھىڭنى) ۋە سېنىڭ (ئىلگىركى) گۇناھىڭنى (يەنى ئاتاڭ ئادەمنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق گۇناھىڭنى) ئۈستۈڭگە ئىلىپ ئەھلى دوزاخلاردىن بولۇشۇڭنى تىلەيمەن، (كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى شۇدۇر(30) . ئۇ (يەنى قابىل) نىڭ نەپسى ئۇنىڭغا قېرىندىشىنى (يەنى ھابىلنى)ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى(31) . اﷲ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (تۇمشىقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۇشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى(32) . شۇ (يەنى قابىلنىڭ ناھەق ئۆلتۇرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۇرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقازسا ياكى ھايات قىلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ، پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئىلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى(33) . اﷲ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىشى ياكى دارغا ئىسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ياكى سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كىرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ(34) . سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، اﷲ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(35) . ئى مۆمىنلەر! مەقسەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۇن اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار؛ اﷲ غا (تائەت ئىبادەت قىلىش، گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن)يېقىنچىلىقنى تىلەڭلار، اﷲ يولىدا جىھاد قىلىڭلار(36) . يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى (اﷲ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (بۇ فىدىيسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ(37) . ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇيۇ، ئەمما ھەرگىز چىقالمايدۇ، ئۇلار(ئۈزۈلۇپ قالمايدىغان) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ(38) . ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، اﷲ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، اﷲ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(39) . كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(40) . بىلەمسەنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا خاستۇر، اﷲ خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، اﷲ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر(41) . ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: « ئىمان ئېيتتۇق » دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا(پۇرسۈت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: « ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار » دەيدۇ، اﷲ بىر كىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ غا قارىشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى اﷲ خالىمىغان كىشىلەر ئەنەۈ شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاپقا قالىدۇ(42) . ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش)ھارامنى يىگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا(دەۋالىشىپ كەلسە)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ، (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ). ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى اﷲ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ ئلدىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ(43) . ئۇلارنىڭ يېنىدا اﷲ نىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا(يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد!) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ)ئىشەنمىگۈچىلەردۇر(44) . بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار، (اﷲ نىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ،(يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللا (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلار ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگەشمەڭلار (يەنى پۇل-مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار)، كىملەركى اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر(45) . ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز(يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيىۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا) بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى)غ ا كەففارەت بولىدۇ، اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر(46) . ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىسدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى ئىسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند-نەسىھەتتۇر(47) . ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) اﷲ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، اﷲ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر(48) . (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىركى (ساماۋى) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان (ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.(ئى ئۈممەتلەر!) سىلەرنىڭ ھەر بىرلىرىڭلارغا بىر خىل شەرىئەت ۋە ئوچۇق يول تەيىن قىلدۇق. ئەگەر اﷲ خالىسا، ئەلۋەتتە، سېلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى). لېكىن اﷲ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) اﷲ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ(49) . ئۇلار ( يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ ئارىسىدا ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ (ئەھكامى بويىچە ھۆكۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ اﷲ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئانىنىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرىشىدىن ساقلانغىن.ئەگەر ئۇلار (ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈمدىن ) يۈز ئۆرىسە (ئى مۇھەممەد!)بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى جازالاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شەك-شۇبھىسىزكى، كىشىلەردىن نۇرغۇنى پاسىقتۇر (يەنى پەرۋەردىگارىنىڭ تائىتىدىن باش تارتىپ، ھەققە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھقا چۈمگۈچىلەردۇر)(50) . ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (اﷲ غا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە اﷲ دىنمۇ ئادىل كىم بار(51) . ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر-بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، اﷲ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ(52) . دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن، اﷲ (رەسۇلۇللاغا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى فەتىھ قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ، ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ(53) . (بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە-مىكىرى پاش قىلىنغاندا)مۆمىنلەر (بىر- بىرىگە): « سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە اﷲ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەرمۇ شۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى(54) . ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا)اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگەكۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۇرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقۇردىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش)اﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، (اﷲ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۇچىدۇر(55) . شۇبھىسىزكى، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار اﷲ دۇر، اﷲ نىڭ رەسۇلىدۇر ۋە مۆمىنلەردۇركى، مۆمىنلەر تەئدىل ئەركان بىلەن ناماز ئۆتەيدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنغۇچىلاردۇر(56) . كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەيغەمبىرنى ۋە مۆمىنلەرنى دوست تۇتىدىكەن، (ئۇ اﷲ نىڭ جامائەسىدىندۇر) اﷲ نىڭ جامائەسى(ئەلۋەتتە) غالىبتۇر(57) . ئى مۆمىنلەر سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن دىنىڭلارنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلغانلارنى دوست قىلىۋالماڭلار. ئەگەر (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، اﷲ دىن قورقۇڭلار(58) . سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۇشەنمەس قەۋمدۇر(59) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى) پەقەت بىزنىڭ اﷲ غا، بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) بۇنىڭدىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيىتقانلقىمىز ئۈچۈن ۋە سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار پاسىق بولغانلىقىڭلارئۈچۈن، بىزنى ئەيىپلەمسىلەر؟ »(60) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، « سىلەرگە اﷲ نىڭ نەزىرىدىكى بۇنىڭدىنمۇ يامان جازانى ئېيتىپ بىرەيمۇ؟ (ئۇ شۇنداق) كىشىلەرنىڭ (جازاسىكى)، اﷲ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، اﷲ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مايمۇن ۋە چوشقا قىلدى، بىر قىسمىنى شەيتانغا ئىبادەت قىلىدىغان قىلدى، ئەنە شۇلارنىڭ ئورنى ئەڭ ياماندۇر (يەنى دوزاختۇر)، (ئۇلار) توغرا يولدىن ئەڭ ئاداشقاندۇر »(61) . (يەھۇدىلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغاكەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيىتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). اﷲ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ(62) . ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھقا، زۇلۇم سىلىشقا ۋە ھارام يېيىشكە ئالدىرايدىغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!(63) . ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئەھبارلىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!(64) . يەھۇدىيلار: « اﷲ نىڭ قولى باغلاغلىقتۇر (يەنى اﷲ بىخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە اﷲ نىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەدىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەرقاچان (رەسۇلۇللا غا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، اﷲ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە(ئىسلامغا سۈيقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ، اﷲ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ(65) . ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) (اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ھەقىقىي) ئىمان ئېيتسا ۋە (اﷲ چەكلىگەن ئىشلاردىن)پەرھىز قىلسا ئىدى، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بىز چوقۇم كەچۇرەتتۇق، ئۇلارنى چوقۇم نازۇ- نېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزەتتۇق(66) . ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسل ئىدى ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار(67) . ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر يەتكۇزمىسەڭ، اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. اﷲ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(68) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، « ئى ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئنغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، سىلەر ئىتىبارغا ئالغۇدەك دىندار بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۇنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر)(69) . مۆمىنلەردىن، يەھۇدىيلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۇنىگە ئىمان ئېتقان ۋە ئەمەل قىلغانلارغا (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە)قايغۇرۇش يوقتۇر(70) . بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالدۇق. ئۇلارغا (دىننىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن) پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر بۆلۈكىنى يالغانچى قىلدى، بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردى(71) . ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن ( ئۇلار تەۋبە قىلدى)، اﷲ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن)كور بولدى، (پەند-نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولدى، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(72) . شۇبھىسىزكى، اﷲ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مىنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى اﷲ غا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى اﷲ دىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئىتىقاد قىلىدىكەن)، اﷲ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى اﷲ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى(73) . اﷲ ئۈچ ئىلاھنىڭ بىرىدۇر، دېگۈچىلەر شەكسىز كاپىر بولدى. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر ئۇلار ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىدىن قايتمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىر بولغانلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە)قاتتىق ئازابقا قالىدۇ(74) . ئۇلار اﷲ غا تەۋبە قىلمامدۇ؟ اﷲ دىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(75) . مەريەم ئوغلى ئىسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش)پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنى ئۇلارمۇ باشا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاش، گۆش، سوڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن(76) . (ئى مۇھەممەد!) سىلەر اﷲ دىن باشقا سىلەرگە پايدا زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىگە چوقۇنامسىلەر؟ » دېگىن. اﷲ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى )بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(77) . (ئى مۇھەممەد!) ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار » دېگىن(78) . بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلار داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلدى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۈچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى(79) . ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر-بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!(80) . ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرىنىڭ كاپىرلارنى (يەنى رەسۇلۇللانى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئۆچ كۆرۈش يۈزىسىدىن، مۇشرىكلارنى)دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىغان ئەمەللىرى نېمىدىگەن يامان! (بۇ ئەمەللەر) ئۇلارغا اﷲ نىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەڭگۈ ئازابقا قالغۇچىلاردۇر(81) . ئەگەر ئۇلار اﷲ غا، پەيغەمبەرگە ۋە پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتسا ئىدى، كاپىرلارنى دوست تۇتمايتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر(82) . (ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، بىز ناسارا دېگەنلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر(83) . ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونۇغانلىقلىرىدىن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار ئېيتىدۇ: « رەببىمىز، بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنى(پەيغەمبىرىڭنى، كىتابىڭنى ) ئېتىراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن(84) . بىز نېمىشقا اﷲ غا، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھابۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشىلەر قاتارىدا (جەننەتكە)كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز »(85) . بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن اﷲ ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئەنە شۇ(86) . كاپىر بولغانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر(87) . ئى مۆنىنلەر! اﷲ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى ( تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلماڭلار. (اﷲ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، اﷲ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ(88) . اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان اﷲ غا تەقۋادارلىق قىلىڭلار(89) . اﷲ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۇن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقلىرىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى كەلسە-كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ(90) . ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سىلىش شەيتاننىڭ ئېشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار(91) . شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن، ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟(92) . اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر(93) . ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر (ھارام قىلىنمىغان نەرسىلەرنى) يېسە، ئىچسە ھىچ گۇناھ بولمايدۇ، قاچانكى ئۇلار (ھارام نەرسىلەردىن) ساقلانسا، ئىمانىدا ۋە ياخشى ئەمەللىرىدە ئىزچىل بولسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يەنە ساقلانسا ۋە ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئاندىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن داۋاملىق)ساقلانسا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلسا. اﷲ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ(94) . ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ اﷲ دىن قورقۇدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن اﷲ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا(يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ(95) . ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) اﷲ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكەزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۇرسە)، اﷲ ئۇنى جازالايدۇ، اﷲ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر(96) . سىلەرنىڭ ۋە يولوچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دىڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى)دەرگاھىغا توپلىنىدىغان اﷲ دىن قورقۇڭلار(97) . اﷲ بەيتۇلھەرام بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقىسى قىلدى، بۇ، اﷲ نىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە اﷲ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر(98) . بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا (اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(99) . پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. اﷲ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(100) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ دىن قورقۇڭلار(101) . ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى اﷲ ئەپۇ قىلدى. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)(102) . سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، كېيىن بۇنىڭ سەۋىبىدىن (يەنى سورىغان ئىشلىرى بايان قىلىنىپ ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقتىن) كاپىر بولۇپ كەتتى(103) . بەھىرە (سەككىزنى تۇغقان، بەشىنچىسىنى ئەركەك تۇغقان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بۇ تۆگىنىڭ قۇلىقىنى يېرىپ قويۇپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى، مىنمەيتتى، يۈك ئارتمايتتى)، سائىبە (چىشىدىن ئوننى تۇغقان تۆگە بولۇپ، مىنىلمەيتتى، قىرقىلمايتتى، سۈتى مۇساپىرلارغىلا بېرىلەتتى)، ۋەسىلە (بىرىنچىنى ۋە ئىككىنچىنى چىشى تۇغقان، بۇنلار ئۈچۈن ئۆزمەيلىگە قويۇۋېتىلگەن تۆگە)، ھام (ئون تۆگىگە ئاتا بولغان بۇغرا تۆگە بولۇپ، ئۇلار ئۇنى مىنمەي، يېمەك ئىچمەكتە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى) لارغا اﷲ (يۇقۇرىقىدەك قىلىشنى) بۇيرۇغىنى يوق،(لېكىن كاپىرلار اﷲ غا يالغاننى چاپلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنىڭ يالغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ(104) . ئۇلارغا اﷲ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۇمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: « ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ)(105) . ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، اﷲ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ(106) . ئى مۆمىنلەر ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ياكى(ئۆز دىنىڭلەردىكىلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تىپىلمىسا)غەيرىي دىندىكىلەردىن ئككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن، ئەگەر سىلەر سەپەردە بولۇپ، بىشېڭلارغا ئۆلۇم دەھشىتى كەلگەندە، سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھنىڭ راستچىللىقىدىن )گۇمانلانماڭلار، نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار، ئۇلار: «بىز پايدىسىغا قەسەم قىلىدىغان كىشىلەرمىز، بىزنىڭ يېقىنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز، خۇدالىق ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يوشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق، بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلاردىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن(107) . ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ:« بىزنىڭ گۇۋاھلھقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق،ب ولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن(108) . بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ تۇغرا گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. اﷲ دىن قورقۇڭلار، (اﷲ نىڭ ئەمرىنى)ئاڭلاڭلار. اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(109) . اﷲ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «( قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سىلىشتۇرغاندا)بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيىبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن » دەيدۇ(110) . ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس(يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە(پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مىنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتتىڭ، ئەينى زاماندا، مىنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۇكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبىرلىرىدىن) چىقراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چىغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: « بۇ پەقەت روشەن سېھرىدۇر» دېدى(111) . ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىلارغا: « ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: « بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى(112) . ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىلار:« ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟ » دېدى. ئىسا: «ئەگەر ( اﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (بۇنداق سۇئاللارنى بېرىشتە) اﷲ دىن قورقۇڭلار» دېدى(113) . ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى(114) . مەريەم ئوغلى ئىسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز اﷲ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرىسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى(115) . اﷲ (ئىسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): « ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن » دېدى(116) . ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: « ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! سەن كىشىلەرگە، اﷲ نى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تىگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەم مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن(117) . مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۈزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مىنى قەبزى رۇھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن(118) . ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن)، (ساڭا ھېچ ئەھدى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)، ئەگەر ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا)مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»(119) . اﷲ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۇ قالىدۇ، اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار اﷲ دىن مەمنۇن بۇولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر »(120) . ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا مەنسۇپتۇر، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر