ئىزدەش
كــۆرۈش
 
باش بەت » قۇرئان كەرىم: سۈرە ئەئراف-   [] گە ئائىت جەمئىي پارچە ئۇچۇر تېپىلدى.
سۈرە ئەئراف
مائۇس ئاپارغاندا كۆرسىتىش: قۇرئان ئەسلى(ئەرەبچە) ئېنگلىزچە تۈركچە خەنزۇچە     قىرائەت
 
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

(1) . ئەلىف، لام، مىم، ساد
(2) . (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ، مۆمىنلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭل نازىل قىلىندى، ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى بىكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن
(3) . (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اﷲ نى قويۇپ جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز- نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر
(4) . بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسىنى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى
(5) . بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق، دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
(6) . بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (اﷲ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز
(7) . (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەردارمىز)
(8) . بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر
(9) . ياخشى ئەمەللىرى يىنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر
(10) . شۇبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئازشۈكۈر قىلىسىلەر
(11) . شۇبھىشىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگىزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى
(12) . اﷲ (ئىبلىسقا): «سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چىغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
(13) . اﷲ (ئىبلىسقا)ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشىڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن»
(14) . ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈنگىچە (يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) مۆھلەت بەرگىن» دېدى
(15) . اﷲ : «ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
(16) . ئىبلىس ئېيتتى: «سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم سىنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن
(17) . ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن»
(18) . اﷲ ئېيتتى: «جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن»
(19) . «ئى ئادەم ! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يىقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يىقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر»
(20) . لېكىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر»
(21) . شۇنىڭدەك ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى
(22) . ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى(ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۇبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى
(23) . ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
(24) . اﷲ ئېيتتى: «سىلەر بىر- بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار. ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر»
(25) . اﷲ ئېيتتى: «يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلۈسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر»
(26) . ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن اﷲ نىڭ(بەندىلىرىگە بولغان پەزلى- مەرھەممىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر
(27) . ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ)جەننەتتىن چىقىرۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزىۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلمەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۇبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق
(28) . ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: «ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، اﷲ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇىغان» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا)ئىيتقىنكى، «اﷲ (بەندىلىرنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ. ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟»
(29) . (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر بىر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي اﷲ غا يۈزلىنىڭلار، اﷲ غا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر اﷲ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»
(30) . اﷲ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۇبھىسىزكى، ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ
(31) . ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
(32) . ئېيتقىنكى، «اﷲ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى، « ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ) ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». (اﷲ نىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز
(33) . (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشىنى، (اﷲ نىڭ شېرىكى بولۇشقا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزەڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى اﷲ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى»
(34) . (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان) ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان)مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى- كېيىن بولمايدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ)
(35) . ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە(ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە)قايغۇرۇش يوقتۇر
(36) . بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر
(37) . اﷲ غا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: «اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ)
(38) . اﷲ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار» ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىركى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر(يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا)قارىتىپ: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن» دەيدۇ. اﷲ: «ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى بىلمەيسىلەر» دەيدۇ
(39) . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىركىلەر كېيىنكىلەرگە: «سىلەرنىڭ بىزلەردىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋە ئازابقا تىگىشلىك بولۇشتا بىر-بىرىمىزگە ئوخشايمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ
(40) . شۇبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئىچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشىگىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
(41) . دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
(42) . ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارـ كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىزـ ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ
(43) . ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئاغرىق- ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «جىمى ھەمدۇ سانا بىزلەرنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن اﷲ غا بولسۇنكى، اﷲ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ» دەپ نىدا قىلىنىدۇ(يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)
(44) . ئەھلى جەننەت ئەھلى دوزاخقا: «بىزگە پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: « ھەئە » دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكاچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ)جاكالايدۇ: « زالىملارغا اﷲ نىڭ لەنىتى بولسۇن
(45) . زالىملار كىشىلەرنى اﷲ نىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ»
(46) . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ، ئۇلارئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر
(47) . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخقا بۇرالغاندا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ
(48) . ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: « توپلىغان پۇل-ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ
(49) . (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ)سىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن)غەم قىلىش، كەتكەنگە ) قابغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ)
(50) . ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: «سۇدىن ياكى اﷲ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! » دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): «اﷲ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ
(51) . كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكلىرى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشىنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز)
(52) . ئۇلارغا كىتاب (يەنى قۇرئان) بەردۇق، ئۇنى (يەنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى) بىلىش ئاساسىدا بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق
(53) . ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ)نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلنىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتمىدۇق، بۈگۈن ) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلىشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن غايىپ بولدى
(54) . شۇبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ كېچە بىلەن (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ)؛ اﷲ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش)راستىنلا اﷲ نىڭ ئىلگىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ نىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر
(55) . پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە كەلمەس سۆزلەپ توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەنكەنلەرنى اﷲ ياقتۇرمايدۇ
(56) . اﷲ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار، (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە(رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار، شۇبھىسىزكى، اﷲ نىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر
(57) . اﷲ نىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كىلىش ئالدىدا، اﷲ بىشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتەرگۈن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك(يەنى قاغجىراپ ياتقان گىياسىز)جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك- تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز
(58) . مۇنبەت يەرنىڭ گىياسى اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز- نەسىھەتكە قۇلاق سىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر)، ناچار يەرنىڭ گىياسى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر)، شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز
(59) . شەك- شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ:« ئى قەۋمىم! اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ دىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ(يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى
(60) . قەۋمنىڭ چوڭلىرى: «بىز سىنى ھەقىقەتەن روشەن گۈمراھلىقتاكۆرىمىز» دېدى
(61) . نۇھ ئېيىتتى: «ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
(62) . سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن اﷲ نىڭ ۋەھى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
(63) . سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۈفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟»
(64) . ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا)غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى)كور قەۋم ئىدى
(65) . ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: «ئى قەۋمىم! اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ دىن باشقا مەبۇد(بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى
(66) . ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيىتمىغان چوڭلىرى:« بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك داۋايىڭدا)يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز» دېدى
(67) . ھۇد ئېيىتتى:« ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
(68) . سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىگىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن
(69) . پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟» ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، اﷲ نىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى، ۋۇجۇدۇڭلارنى قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئىېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار
(70) . ئۇلار: «ئى (ھۇد!) ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر اﷲ غا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى
(71) . ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى نازىل بولىدۇ، سىلەر ئۆزەڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلار ئات قويۇۋالغان، بۇ ھەقتە(ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل نازىل قىلمىغان(بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرلىشەمسىلە؟ (اﷲ نىڭ ئازابىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە(سىلەرگە نازىل بولىدىغان ئازابنى )كۈتىمەن» دېدى
(72) . بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى)رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۈكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى
(73) . سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەسغەمەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ دىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى مانا بۇـ اﷲ (بىۋاستە) ياراتقان چىشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى اﷲ نىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ
(74) . ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا اﷲ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇن باسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تىشىپ ئۆيلەر سالدىڭلار، اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئىتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى
(75) . ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارنى يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى
(76) . ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئەگەشكەنگە بىز ھەرگىز ئەگەشمەيمىز» دېدى
(77) . ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ: «راستىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى
(78) . ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە ئۇلار ئۆيلىرىدە ئۆلتۇرغان پىتى قېتىپ قالدى
(79) . ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكوزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى
(80) . لۇتنى (ئەھلى سەدۇمغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېىچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى
(81) . سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىۋىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»
(82) . لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
(83) . لۇتنى ئۇنىڭ خوتۇنىدىن باشقا، تەۋە كىشىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە نازىل بولغان ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت خوتۇنىلا (شەھەردە)قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى
(84) . ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
(85) . مەديەن (خەلقىغە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئىېتتى: «ئى قەۋمىم اﷲ غا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ دىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (اﷲ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ)زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
(86) . سىلەر اﷲ غا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقاتقان، اﷲ نىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار، ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، اﷲ نىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار
(87) . ئەگەر سىلەردىن بىر گورۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، اﷲ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۇم چىقارغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. اﷲ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»
(88) . شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار)بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟» دېدى
(89) . (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «اﷲ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، اﷲ غا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز اﷲ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، اﷲ غا تەۋەككۇل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى اﷲ غا تاپشۇرىمىز) پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن »
(90) . ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبگە ئەگەشسەڭلار، شۇبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى
(91) . ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قىتىپ قالدى
(92) . شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (اﷲ نىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك)بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
(93) . شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى
(94) . بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق(شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ اﷲ غا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق
(95) . ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى، ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ اﷲ تەرەپتىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق
(96) . (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق
(97) . (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ
(98) . شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟
(99) . ئۇلار اﷲ نىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۈيۈقسىز تۇرغاندا اﷲ نىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا اﷲ نىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ
(100) . زېمىننىڭ ئىلگىركى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا)ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋىتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى)ئاڭلىمايدۇ
(101) . ئەشۇ شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھىكايە قىلىپ بېرىمىز، شەك شۇبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئىلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. اﷲ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پىچەتلەيدۇ
(102) . ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ (روزىمىساقتا) بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق، ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار(يەنى اﷲ نىڭ ئەمرى- پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق
(103) . مەزكۈر پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
(104) . مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن
(105) . اﷲ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن، راستىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلە قويۇپ بەرگىن، (مەن بىلەن بىللە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»
(106) . پىرئەۋن (مۇسۇغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ داۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى
(107) . مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى
(108) . قولىنى (ياقىسىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى
(109) . پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھرىگەر ئىكەن
(110) . ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
(111) . ئۇلار ئېيتتى:« (ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزەڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىققۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن
(112) . ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»
(113) . (پىرئەۋن سېھىرگەرلەرنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى
(114) . پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى
(115) . ئۇلار (يەنى سېھرىگەرلەر) ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋال تاشلامدۇق؟» دېدى
(116) . مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۇچۇتىۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرىنىدىغان)سېھىرىنى كۆرسەتتى
(117) . مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۈتۈۋەتتى
(118) . ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى
(119) . بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە) قايتتى
(120) . سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى
(121) . ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق
(122) . مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق »)
(123) . پىىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر
(124) . سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى، چوقۇم ئوڭ- چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»
(125) . سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلارمىز
(126) . سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيبلەۋاتامسەن، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پىتىچە قەبزى رۇھ قىلغىن»
(127) . پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمىندا پىتنە- پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى
(128) . مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «اﷲ دىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۈپ» دېدى
(129) . ئۇلار:«سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققىقتۇر» دېدى
(130) . اﷲ غا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق
(131) . ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق- مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملىقىدىن كەلدى، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملىقىدىن ئەمەس) اﷲ نىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالاـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى اﷲ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ
(132) . ئۇلار (يەنى پىرئۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ئىشەنمەيمىز» دېدى
(133) . ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چىكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (اﷲ غا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى
(134) . ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، اﷲ غا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۋەتسەڭ، ساڭاچوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى
(135) . ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى
(136) . ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق
(137) . بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىل قەۋمىنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىنىنىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى(يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق
(138) . ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزىۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا!بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى
(139) . شۇبھىسىزكى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر
(140) . مۇسا: «اﷲ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى
(141) . ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنىى ئۆلتۈرەتتى ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى
(142) . مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى
(143) . مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا(بىۋاستە) سۆزقىلغان چاغدا: « پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزەڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىركۆرۈپ ئالاي» دېدى. اﷲ: «مېنى (بۇ دۇنيادا)ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىشى بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھۇش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھۇشىغا كېلىپ: « (پەرۋەردىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى
(144) . اﷲ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاستە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»
(145) . بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا مۇھتاج بولغان) ۋەز-نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلى يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن
(146) . يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى
(147) . بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە اﷲ غا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن)بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ
(148) . مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بويۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى
(149) . ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا بىز ئەلۋەتتە، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
(150) . مۇسا غەزەبلەنگەن ۋە غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار- ھە!(كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەبلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى(يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى.(ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە تەپەررۇج قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چەقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن »
(151) . مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
(152) . شۇبھىسىزكى موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىقتا قالىدۇ، (اﷲ غا) بۇھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
(153) . يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن توۋبە قىلغان ۋە ئىماندا سەمىمى بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ
(154) . مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى
(155) . مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى: ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە مۇسا: « پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن
(156) . بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»
(157) . ئۇلار ئەلچىگەـ ئۇممى پەيغەمبەرگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا)ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلگىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا- كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ(يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقتنلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان ) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
(158) . (ئى مۇھەمەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا اﷲ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ غا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، اﷲ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۇرىدۇ، اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ اﷲ غا ۋە اﷲ نىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۈممى پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار »
(159) . مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار
(160) . ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل)نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلار قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇردى) ئۇنىڭدىن(قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى اﷲ نىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىشلىرى بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى
(161) . ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا) « سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يىمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى اﷲ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز ،ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق
(162) . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆزلەرنى (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق
(163) . ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى(ئەيلە) شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بىلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە اﷲ نىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بىلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن غەيرى كۈنلەردە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز
(164) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە ئادەملەر، «اﷲ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز نەسىھەت قىلىسىلەر؟»دېدى. ئۇلار (يەنى ۋوز نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۇكۇت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ دىن قورقۇپ(گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى
(165) . ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، اﷲ نىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق
(166) . ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق
(167) . (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدۇ. شۇبھىيىزكى، پەرۋەردىگارىڭ(ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
(168) . ئۇلارنى (يەھۇدىيلارنى) يەر يۈزىدە تۈرلۇك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشىلىرىدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىقچىلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن سىنىدۇق
(169) . ئۇلاردىن كېيىن (يامان) ئەۋلاتلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل- مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي قارا قويۇق) ئالىدۇ ۋە بىزنى اﷲ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل- مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) اﷲ غا (يالغان چاپلىماي ) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھابۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى، ھارامنى تەرك ئېتىپ، اﷲ دىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟
(170) . كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز
(171) . ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تاغنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى.(ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزەڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»
(172) . ئۆزۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ(ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇرلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى اﷲ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز)قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز». دېمەسلىكلىرى، ياكى «ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى)شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر
(173) .
(174) . ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز
(175) . (ئى مۇھەمەد!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى،ئ ۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۈگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولىشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى
(176) . ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە كۆتۈرەتتۇق)لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى، ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن
(177) . بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!
(178) . اﷲ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر
(179) . شەك- شۇبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا(يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار كۆزلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئېلىپ)تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گەيا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھدۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر
(180) . اﷲ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، اﷲ نى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، اﷲ نىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
(181) . بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار
(182) . بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستاـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز
(183) . ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
(184) . ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
(185) . ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، اﷲ نىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مومكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللا ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
(186) . اﷲ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ
(187) . (ئى مۇھەممەد !) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (اﷲ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر(ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت اﷲ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپى بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ
(188) . اﷲ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزەمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى ئۆزەمدىن دەپئى قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيىبنى بىلىدىغان بولسام (دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن) نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان-زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن. شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»
(189) . ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ) ئۇنسى- ئۇلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى(يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن)ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر-خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى اﷲ غا: «ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى
(190) . اﷲ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈپ (بۈتلارغا چوقۇندى)، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر
(191) . ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچنەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اﷲ غا شېرىك كەلتۈرەمدۇ!
(192) . ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ
(193) . ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)
(194) . سىلەر اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا)راسىتچىل بولسىاڭلار، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن
(195) . ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى، « شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن(قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن اﷲ غا يۆلەنگەنلىگىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن)
(196) . ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان اﷲ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلق قىلىدۇ
(197) . سىلەرنىڭ اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بىرەلمەيدۇ»
(198) . ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ
(199) . ئەپۇنى دوسىت تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن)
(200) . ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) اﷲ غا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
(201) . تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەۋەسىسىگە ئۇچرىسا، اﷲ نى ئەسلەيدۇ- دە، ھەقىقەتنى كۆرىۋېلىپ (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ
(202) . شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولىشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ
(203) . (ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزەڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ، (ئى مۇھەممەد!)ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «(ئىش مېنىڭ ئىلگىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن(ئۆزلۈكۈمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە)پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياج قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر»
(204) . اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار)
(205) . پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن
(206) . پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) اﷲ غا ئىبادەتن قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، اﷲ غا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ«سەجدە»

باشبەت
قۇرئان كەرىم ھەققىدە
سۈرە ئاڭلاش ۋە چۈشۈرۈش
ماقالىلەر
سۇئال - جاۋاب
سۆز قالدۇرۇش
ھۆججەت چۈشۈرۈش
ئەڭ يېڭى ماقالىلـــەر
12/31
01/04
06/01
ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەر
475
344
194
95
140
1539
خەتكۈچلەر   يەنە بار...
دوستانە ئۇلىنىش   تىخىمۇ كۆپ...
Copyright © 2008-2010 ::WWW.QURANKERIM.COM:: All rights reserved. E-mail: admin@qurankerim.com
Donate towards my web hosting bill!