(1) . (ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىمەتلەرنى (قانداق تەقسىم قىلىشىڭ)توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «غەنىمەتلەر توغرىسىدا (ھۆكۈم چىقىرىش ) اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، اﷲ دىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، اﷲ غا ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار»(2) . پەقەت اﷲ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، اﷲ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر(3) . ئۇلار (مۇكەممەل رەۋىشتە) ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل- مالدىن (خۇدا يولىدا) سەرپ قىلىدۇ(4) . ئەنە شۇلار ھەقىقى مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتنىڭ تۈگىمەس نىمەتلىرىگە) ئېرىشىدۇ(5) . (غەنىمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدە ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۇشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ(6) . ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرلىشىدۇ(7) . ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئىككى گورۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋانى يەنە بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلىشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قۇرالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلىشىنى ياقتۇردىڭلار. اﷲ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىشنى خالايدۇ(8) . اﷲ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ(9) . ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، اﷲ : «سىلەرگە ئارقىمۇ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى(10) . اﷲ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بىشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت اﷲ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(11) . ئۆز ۋاقتىدا اﷲ تىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛(تاھارەت ئېلىپ غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۇش ئۈچۈن، (اﷲ نىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلەرنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ(قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى(12) . ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھيى قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار). ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار(13) . بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدى. كىمكى اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلدىكەن، اﷲ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ(14) . (ئى كاپىرلار جامائەسى! بۇ دۇنيادا!) مۇشۇنداق جازانى تېتىڭلار. كاپىرلار (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ(15) . ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار)(16) . كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دۇزاخ نېمىدىگەن يامان جاي(17) . (ئى مۇسۇلمانلار! بەدىردە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر(ئۆزكۇچۇڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن)اﷲ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلار نىڭ كۆزلىرىگە) اﷲ ئاتتى. (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە(ساۋاب، غەلىبە، غەنىمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(18) . بۇ (اﷲ نىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر) اﷲ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر(19) . (ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار ،غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زېيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز. قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچنەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر(20) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇئاننى) ئاڭلارپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار(21) . ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار(22) . شۇبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان،(ياخشى ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقىلنى يوقاتقان كىشىلەردۇر(23) . ئەگەر اﷲ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئەلۋەتتە ھەقتىن يۈز ئۆرۇگەن ھالدا باش تارتاتتى(24) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر(25) . سىلەرنى ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمليدىغان بالا- قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر(26) . ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار. كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان- تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى(27) . ئى مۆمىنلەر! اﷲ غا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار(28) . بىلىڭلاركى سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار(29) . ئى مۆمىنلەر! ئەگەر اﷲ دىن قورقساڭلار، اﷲ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر(30) . (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، اﷲ نىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر(31) . ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى)ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىدۇر» دېدى(32) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «ئەگەر بۇ (يەنى قۇرئان) سېنھڭ تەرىپىڭدىن نازىل بولغان ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن، ياكى بىزنى قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىغىن!» دېدى(33) . سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) اﷲ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا اﷲ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ(34) . ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرامغا كىرىشىنى توسۇۋاتسا. اﷲ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرامنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرامنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ(35) . ئۇلارنىڭ مەسجىدى ھەرامنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق، چاۋاك چالغاندىنلا ئىبارەت بولدى (ئى كاپىرلار!) كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ) ئازابىنى تېتىڭلار(36) . شۇبھىسىزكى، كاپىرلار مال- مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال- مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزىلىدۇ(37) . اﷲ نىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇب قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈندۇر، اﷲ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى ئۈستىگە دۆۋلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر(38) . (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار كۇفرىدىن، پەيغومبەرگە دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۇشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن)(39) . پىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي اﷲ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) يانسا، اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرىدۇ(40) . ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرىسە (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى اﷲ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر، اﷲ نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار، نېمىدېگەن ياخشى يارىدەمچى(41) . (ئى مۆمىنلەر! بىلىڭلاركى سىلەر ئالغان غەنىمەتنىڭ بەشتىن بىرى اﷲ غا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش- ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە خاستۇر، ئەگەر سىلەر اﷲ غا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە)بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر(يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (اﷲ نىڭ غەنىمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(42) . ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزەڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۇكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن اﷲ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدىردە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). اﷲ نىڭ مۇندق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرۇپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(43) . (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، اﷲ چۈشۈڭدە ساڭا ئۇلارنى (يەنى دۈشمەنلىرىڭنى) ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ئۇلارنى ساڭا كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇنچ چۈشەتتى ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دە تالاش قىلاتتڭلار، لېكىن اﷲ (سىلەرنى مۇندتق قىلىشتىن) ساقلىدى. اﷲ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(44) . اﷲ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چىغىڭلاردا (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۇرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش اﷲ غا قايتۇرۇلىدۇ (اﷲ ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ)(45) . ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا)ئۇچراشقان چېغىڭلاردا ساباتلىق كۆرسىتىڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ نى كۆپ ياد ئېتىڭلار(46) . (پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) اﷲ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ- قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر(47) . يۇرتلىرىدىن چوڭچىلىق ۋە رىيا بىلەن چىققان كىشىلەر (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرى) گە ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن توسىدۇ، اﷲ ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر(48) . ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا (قەبىھ) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يىڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن توقۇنۇشقاندا شەيتان ئارقىسىغا چىكىندى ۋە: «مەن سىلەردىن ئادا- جۇدا مەن، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى ھەقىقەتەن مەن كۆرۇپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستىنلا اﷲ دىن قورقىمەن، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى(49) . ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى اﷲ غا يۆلىنىدىكەن (اﷲ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ): چۈنكى اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(50) . پەرىشتىلەر (بەدرى ئۇرۇشىدا) كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقنلىقىنى كۆرسەڭ ئىدى(ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). (پەرىشتىلەر ئۇلارغا) دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» (دەيتتى)(51) . بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، اﷲ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر(52) . (بۇ كاپىرلارنىڭ گۇناھ قىلىش ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلدى، گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن اﷲ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. اﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر(53) . بۇ (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگىچە اﷲ ئۇلار غا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى)ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(54) . (ئۇلارنىڭ ئادىتى) پىرئەۋن جامائەسىنىڭ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئادىتىگە ئوخشايدۇكى، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، پىرئەۋن جامائەسىنى (دېڭىزغا) غەرق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى (كۇفرىلىق ۋە گۇناھ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى (قەۋم) بولدى(55) . اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلاردۇركى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدۇ(56) . (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم كىشىلەر بىلەن(مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىكلىرى ئۈستىدە) مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا مۇئاھىدىنى بۇزىدۇ، ئۇلار اﷲ دىن قورقمايدۇ(57) . ئەگەر ئۇرۇشتا ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، ئارقىدىكىلىرىنىڭ قېچىشى ۋە ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى قاتتىق جازالىغىن (يەنى ئۇلارنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا دەرمانى قالمىسۇن)(58) . ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى)سەزسەڭ، مۇئاھىدىسنى ئۇلارغا ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن(يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنى ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئۇلارغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويغىن). اﷲ ھەقىقەتەن خىيانەتكارلارنى دوست تۇتمايدۇ(59) . (بەدرى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلمەي قالغان) كاپىرلار قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن) قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ(60) . دۈشمىنىڭلا (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قۇرال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن اﷲ نىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزەڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، اﷲ تونۇيدۇ، سىلەرنىڭ اﷲ نىڭ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچنەرسە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)(61) . ئەگەر ئۇلار تىنچلىققا مايىل بولسا، سەنمۇ تىنچلىققا مايىل بولغىن، اﷲ غا تەۋەككۇل قىلغىن اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(62) . ئەگەر ئۇلار (تەييارلىق قىلىۋىلىش ئۈچۈن سۈلھى بىلەن) سېنى ئالدىماقچى بولغان بولسا، اﷲ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن) شەكسىز ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. اﷲ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۆمىنلەر بىلن كۈچلەندۈرىدۇ(63) . اﷲ مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ؛ لېكىن اﷲ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتى كامىلەسى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۇبھىسىزكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(64) . ئى پەيغەمبەر! (يالغۇز) اﷲ ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر(65) . ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۇرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 20 ئادەم بولىدىغان بولسا،(دۇشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار(جاھىل) قەۋم بولۇپ، (اﷲ نىڭ ھېكمىتىنى) چۇشەنمەيدۇ(66) . اﷲ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۇكۇڭلارنى) يېنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا،200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ،ئ ەگەر سىلەردە(چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. اﷲ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر(67) . پەيغەمبەرگە زېمىندا دۈشمەننى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ (يەنى مۇشرىكلىكنىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىسلامغا قۇۋۋەت بەرمەي تۇرۇپ)، ئەسىرلەردىن فىديە ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. (ئى مۆمىنلەر! سىلەر فىديە ئېلىش بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەيسىلەر، اﷲ سىلەرگە ئاخىرەتنى (يەنى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى) تىلەيدۇ. اﷲ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(68) . اﷲ نىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشىنى قىلغانلارنى جازالىمىساق دېگەن) ھۆكمى ئەزىلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىديە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار(69) . (ئى جىھاد قىلغۇچىلار جامائەسى!) غەنىمەت ئالغان نەرسىلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، اﷲ (نىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش)دىن قورقۇڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر،(بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر(70) . ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى، ئەگەر اﷲ دىلىڭلاردا ئىمان بارلىقىنى بىلسە (يەنى دىلىڭلاردا ئىمان بولسا، اﷲ ئۇنى بىلىدۇ)، سىلەرگە ئۆزەڭلاردىن ئېلىنغان فىديىدىن ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ، (ئىلگىركى گۇناھىڭلارنى) مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر(71) . (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشۇ ئەسىرلەر ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇلار (كۇفرى بىلەن، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن) اﷲ غا خىيانەت قىلغان ئىدى، اﷲ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. اﷲ (بولغۇسى ھەممە ئىشنى) بىلگۈچى، ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىش قىلغۇچىدۇر(72) . ئىمان ئېيتقانلار، (اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيۈش يۈزىسىدىن يۇرتىنى تاشلاپ) ھىجرەت قىلغان، پۇل-ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن اﷲ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يەنى مۇھاجىرلار)، (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار)- ئەنە شۇلار ئەلۋەتتە بىر_بىرىگە ئىگىدۇر (يەنى بىر- بىرىگە ياردەمچىدۇر، بىر- بىرىگە مىراسخوردۇر). ئىمان ئېيتقان ئەمما (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلمىغانلار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تاكى ئۇلار ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئۆز ئارا ئىگە بولۇش (يەنى ياردەملىشىش، مىراسخور بولۇش) بولمايدۇ؛ ئەگەر دىن ئىشىدا ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېلىشىم بولمىسا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭلار كىرەك، اﷲ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(73) . كاپىرلار (ياردەمدە ۋە مىراستا) بىر- بىرىگە ئىگىدۇر، ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ(74) . ئىمان ئېيتقانلار (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار (يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا) جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر (يەنى ئەنسارلار)- ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (نىڭ گۇناھى) مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (جەننەتتە) ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ(75) . كېيىن ئىمان ئېيتىپ (مەدىنىگە) ھىجرەت قىلغانلار ۋە سىلەر بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلار سىلەردىن سانىلىدۇ. اﷲ نىڭ ھۆكمىدە، ئۇرۇق- تۇغقانلار بىر بىرىگە مىراسخور بولۇشقا (ياتلاردىن) ئەڭ ھەقلىقتۇر، شۇبھىسىزكى، اﷲ ھەر شەيئىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر