ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قۇرئان كەرىم تور بېتى زىيارەتچىلىرى قېرىنداشلار!


تور بېتىمىز http://www.qurankerim.com/qkpub تورى، قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەردىن بولغان مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرىمىزغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئاساسى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ مەخسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچە ئەسلىنىڭ سىن ھۆججەتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشىمىغان تىللاردىكى تەرجىمىلىرىنىڭ سىن ھۆججەتلىرىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچى....
ھازىر  قۇرئان كەرىم تورىدا تېپىلىدىغان ھۆججەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1-شەيخ ئابدۇللاھ بەسفەرنىڭ قىرائىتى (realmedia).
2- شەيخ سەئدۇلغامىدى (mp3).
3- مىنشاۋىي بىلەن كىچىك بالىلار (ئۆگىنىش ئۈچۈن)...(mp3).
4- سەئدۇلغامىدى + تۈركچە ئاۋازلىق تەرجىمە (mp3).
5- قۇرئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى (mp3)
يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم تور ئۈستىدىن ئاڭلىيالايسىز، ھەمدە كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈۋالالايسىز.

ئاللاھ نېسىپ قىلسا تورنىڭ باشقا تىللىرىدىكى نۇسخىلىرىمۇ تولۇقلانسا، يەنە باشقا ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ...

ئەسكرتىش: قېرىنداشلارنىڭ مەزكۇر تورنى ئىقتىدار ۋە كۆرۈنۈش جەھەتتىن باھالىشىنى ۋە قولىدىن كېلىدىغان دوستلارنىڭ
ياردەملىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز....
چۈنكى قۇرئان كەرىم خىزمىتىنى، قۇرئان كەرىمگە يارىشىدىغان رەۋىشتە بىرىش ئۈچۈن لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىدىن ئىككى كىشىنىڭ پىكرى ياخشى ئەلۋەتتە.
ئاللاھ بۇ خىزمەتنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلغىلى نېسىپ قىلسۇن...



ھۆرمەت بىلەن قۇرئان كەرىم تورى باشقۇرغۇچىلىرى
http://www.qurankerim.com