ئۆيدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكرى
﴿بِسْمِ اللَّهِ، تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ، وَلَاَ حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ﴾
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (چىقتىم) ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ ـ قۇۋۋەت يوقتۇر». [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَضِلَّ، أَوْ أُضَلَّ، أَوْ أَزِلَّ، أَوْ أُزَلَّ، أَوْ أَظْلِمَ، أَوْ أُظْلَمَ، أَوْ أَجْهَلَ، أَوْ يُجْهَلَ عَلَيَّ﴾
«ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئېزىپ كېتىشتىن ياكى ئازدۇرۇلۇشتىن، خاتالىشىشتىن ياكى خاتالاشتۇرۇلۇشتىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن، جاھىللىق قىلىشتىن ياكى جاھىللىق قىلىنىشتىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].