ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر
﴿الحمد لله وحده، والصلاة والسلام على من لا نبي بعده.﴾
بارلىق ھەمدۇ-سانا يەككە - يېگانە ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالام ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە بولسۇن.
اَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الْشَيْطَانِ الْرَّجِيمِ. ﴿ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُۚ لَا تَأۡخُذُهُۥ سِنَةٞ وَلَا نَوۡمٞۚ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ مَن ذَا ٱلَّذِي يَشۡفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيۡءٖ مِّنۡ عِلۡمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَۚ وَسِعَ كُرۡسِيُّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۖ وَلَا يَ‍ُٔودُهُۥ حِفۡظُهُمَاۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ ٢٥٥﴾
ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن لەنەتكەردى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن. «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر». [سۈرە بەقەر 255- ئايەت].
﴿قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ* اللَّهُ الصَّمَدُ* لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ* وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُواً أَحَدٌ﴾، . ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ* مِن شَرِّ مَا خَلَقَ* وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ* وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ* وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ﴾، . ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ* مَلِكِ النَّاسِ* إِلَهِ النَّاسِ* مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ* الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ* مِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾ (بَعْدَ كُلِّ صَلاَةٍ).
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە دائىمى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن». [سۈرە پەلەق]. ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن». [سۈرە ناس]. (ھەر نامازدىن كېيىن). [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى، تىرمىزى رىۋايىتى]. «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تېرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ(مۈلكى) دۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى (ئاللاھ قەدىمىنى قويىدىغان ئورۇن) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر». [سۈرە بەقەر 255- ئايەت]. (ھەر نامازدىن كىيىن ئوقۇلىدۇ). [نەسائى رىۋايىتى].
أَصْبَحْناَ وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلَّهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، رَبِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا فِي هَذاَ الْيَومِ وَخَيْرَ مَا بَعْدَهُ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِي هَذاَ الْيَومِ وَشَرِّ مَا بَعْدَهُ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكَسَلِ وَسُوءِ الْكِبَرِ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابٍ فِي النَّارِ، وَعَذَابٍ فِي الْقَبْرِ
«بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتتى، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يىگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. پەرۋەردىگارىم! بۇگۇن ۋە ئەتىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ بۇگۇن ۋە ئەتىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ، ھۇرۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبرىدىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. دىققەت: (كەچ كىرگەندە "بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "بىز كەچلىدۇق" دېگەن سۆز ئالماشتۇرۇلىدۇ. ھەر قانداق زىكرىدە ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئالماشتۇرۇلىدۇ).
﴿اللَّهُمَّ بِكَ أَصْبَحْنَا وَبِكَ أَمْسَيْنَا، وَبِكَ نَحْيَا وَبِكَ نمُوتُ، وَإِلَيْكَ النُّشُورُ﴾
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەتىگەن تۇردۇق، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.» (كەچ تەرەپتە "كەچلىدۇق" دېگەن سۆز باشتا دېيىلىدۇ ھەم ئاخىرىدا "قايتىش سەن تەرەپكىدۇر" دېيىلىدۇ). [تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عَهْدِكَ، وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأَبُوءُ بِذَنْبِي، فَاغْفِرْ لِي فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ﴾
«ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق مەندىن ئالغان) ئەھدەڭنى ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن. ساڭا سىغىنىپ، ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچكىم مەغپىرەت قىلالمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَصْبَحْتُ أُشْهِدُكَ، وَأُشْهِدُ حَمَلَةَ عَرْشِكَ، وَمَلائِكَتَكَ، وَجَمِيعَ خَلْقِكَ، أَنَّكَ أَنْتَ اللَّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، وَحْدَكَ لاَ شَرِيكَ لَكَ، وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُكَ وَرَسُولُكَ﴾
«ئى ئاللاھ! مەن سېنى ۋە سېنىڭ ئەرشىڭنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەرنى، جىمى پەرىشتىلىرىڭنى، بارلىق مەخلۇقاتلىرىڭنى، سېنىڭ بىرلا ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلىقىغا، يالغۇز ئىكەنلىكىڭگە ۋە شېرىكىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سېنىڭ بەندەڭ ۋە پەيغەمبىرىڭ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ قىلغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزدۇم.» (تۆت قېتىم ئوقۇلىدۇ). [ئەبۇ داۋۇد ۋە بۇخارى، نەسائى رىۋايىتى]. دىققىەت: (كەچ كىرگەندە "مەن تاڭ ئاتقۇزدۇم" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "مەن كەچلىدىم" دېگەن سۆز ئالماشتۇرۇلىدۇ).
﴿اللَّهُمَّ مَا أَصْبَحَ بِي مِنْ نِعْمَةٍ، أَوْ بِأَحَدٍ مِنْ خَلْقِكَ فَمِنْكَ وَحْدَكَ لاَ شَرِيكَ لَكَ، فَلَكَ الْحَمْدُ وَلَكَ الشُّكْر﴾
«ئى ئاللاھ! ماڭا ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگە ئەتىگەندە ئاتا قىلىنغان قانداقلا بىر نېمەت بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم سېنىڭدىندۇر. سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە شۈكۈر پەقەت ساڭىلا خاستۇر. پەرۋەردىگارىم، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ كاتتىلىقى ۋە شەئنىڭنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق جىمى ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ عَافِنِي فِي بَدَنِي، اللَّهُمَّ عَافِنِي فِي سَمْعِي، اللَّهُمَّ عَافِنِي فِي بَصَرِي، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكُفْرِ، وَالْفَقْرِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ﴾
«ئى ئاللاھ! بەدىنىمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! كۆزۈمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ كۇپۇرلىقتىن ۋە پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» (3 قېتىم ئوقۇلىدۇ). [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد، نەسائى ۋە بۇخارى رىۋايىتى].
﴿حَسْبِيَ اللَّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ﴾
«ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.» (يەتتە قېتىم ئوقۇلىدۇ). [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافِيَةَ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ. اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْعَفْوَ وَالْعَافِيَةَ فِي دِينِي، وَدُنْيَايَ وَأَهْلِي، وَمَالِي، اللَّهُمَّ اسْتُرْ عَوْرَاتِي، وَآمِنْ رَوْعَاتِي، اللَّهُمَّ احْفَظْنِي مِنْ بَيْنِ يَدَيَّ، وَمِنْ خَلْفِي، وَعَنْ يَمِينِي، وَعَنْ شِمَالِي، وَمِنْ فَوْقِي، وَأَعُوذُ بِعَظِمَتِكَ أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحْتِي﴾
«ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەغپىرەت ۋە دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل - مېلىمدا سالامەتچىلىك تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! ئەۋرەتلىرىمنى يۆگىگىن، قورقۇنچلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن. سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سىغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَاطِرَ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ رَبَّ كُلِّ شَيْءٍ وَمَلِيكَهُ، أَشْهَدُ أَنْ لاَّ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ نَفْسِي وَمِنْ شَرِّ الشَّيْطَانِ وَشِرْكِهِ، وَأَنْ أَقْتَرِفَ عَلَى نَفْسِي سُوءًا أَوْ أَجُرَّهُ إِلَى مُسْلِمٍ
«ئى يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچى، ئاسمانلار - زېمىن ۋە ھەر شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئىگىسى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. ساڭا سىغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشىمدىن ياكى بىرەر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىپ قىلىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن.» [تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الأَرْضِ وَلاَ فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ﴾
«نامى ئاتالغاندا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ). [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿رَضِيتُ بِاللَّهِ رَبًّا وَبِالإِسْلَامِ دِينًا وَبِمُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَبِيًّا﴾
«پەرۋەردىگارىمنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە، دىنىمنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇم.» (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ). [ئەھمەد ۋە نەسائى، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿يَا حَيُّ يَا قَيُّومُ بِرَحْمَتِكَ أَسْتَغِيثُ أَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ وَلاَ تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ﴾
:«ئى ئەبىدى ھاياتقا ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاللاھ، ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزۇشۇڭنى تەلەپ قىلىمەن. مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى ياخشىلاپ بەرگىن ۋە مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن.» [ھاكىم رىۋايىتى].
﴿أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَيْرَ هَذَا الْيَوْمِ: فَتْحَهُ، وَنَصْرَهُ، وَنُورَهُ، وَبَرَكَتَهُ، وَهُدَاهُ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِيهِ وَشَرِّ مَا بَعْدَه﴾
«بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاس بولغان ھالدا تاڭ ئاتتى، ئى ئاللاھ! سەندىن بۈگۈننىڭ ياخشىلىقىنى، غەلىبىسىنى، نۇسرىتىنى، نۇرىنى، بەرىكىتىنى، ھىدايىتىنى سورايمەن، بۇ كۈننىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يامانلىقلاردىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿أَصْبَحْنَا عَلَى فِطْرَةِ الإِسْلاَمِ، وَعَلَى كَلِمَةِ الإِخْلاَصِ، وَعَلَى دِينِ نَبِيِّنَا مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّه عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَعَلَى مِلَّةِ أَبِينَا إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا مُسْلِمًا وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ﴾
«بىز ئىسلام تەبىئىتى بىلەن، ئىخلاس كەلىمىسى بىلەن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بىلەن، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان، مۇسۇلمان بولغان، مۇشرىكلەردىن بولمىغان ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
﴿سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ﴾
«ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» (يۈز قېتىم). [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيكَ لَهُ. لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾
«بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» (10 قېتىم، ھېچ بولمىغاندا بىر قېتىم). [نەسائى رىۋايىتى].
﴿لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَشَرِيكَ لَهُ. لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾
«بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» (يۈز قېتىم).[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِهِ وَرِضَا نَفْسِهِ وَزِنَةَ عَرْشِهِ وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ﴾
«ئاللاھنى مەخلۇقلىرىنىڭ سانى، ئۆزىنىڭ رازىلىقى، ئەرشىنىڭ ۋەزنى ۋە كەلىمىلىرىنىڭ سىياسى (رېڭى) مىقدارىچە ھەمدە ئېيتىش بىلەن بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» (ئەتىگەندە ئۈچ قېتىم) [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ عِلْمًا نَافِعًا، وَرِزْقًا طَيِّبًا، وَعَمَلاً مُتَقَبَّلاً﴾
«ئى ئاللاھ! مەن ھەقىقەتەن سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، پاك رىزق، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەل سورايمەن.» (ئەتىگەن تەرەپتە ئوقۇلىدۇ). [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ﴾
«ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن.» (كۈندە يۈز قېتىم). [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ﴾
«ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرىگە سىغىنىمەن.» (كەچتە ئۈچ قېتىم). [ئەھمەد ۋە نەسائى، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ صَلِّ وَسَلِّمْ عَلَى نَبِيِّناَ مُحَمَّدٍ﴾
«ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەرھەمەت قىلغىن ۋە سالام يەتكۈزگىن.» (ئون قېتىم). [تەبەرانى رىۋايىتى].