سەپەر دۇئاسى
اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، «سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ» اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ فِي سَفَرِنَا هَذَا الْبِرَّ وَالتَّقْوَى، وَمِنَ الْعَمَلِ مَا تَرْضَى، اللَّهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفَرَنَا هَذَا وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَهُ، اللَّهُمَّ أَنْتَ الصَّاحِبُ فِي السَّفَرِ، وَالْخَلِيفَةُ فِي الأَهْلِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ وَعْثَاءِ السَّفَرِ، وَكَآبَةِ الْمَنْظَرِ وَسُوءِ الْمُنْقَلَبِ فِي الْمَالِ وَالأَهْلِ﴾
«ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. (بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز). ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن بۇ سەپەرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقنى، سەن رازى بولىدىغان ئەمەلنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە يولىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھ، بالا-چاقىلىرىمىزنى ھىمايە قىلغۈچىسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ سەپەرنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىدىن، چۈشكۈنلىك ۋە غەم - قايغۇدىن، پۇل-مال ۋە ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.» سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ يۇقىرىقى دۇئانى قىلىدۇ ۋە: «آيِبُونَ، تَائِبُونَ، عَابِدُونَ، لِرَبِّنَا حَامِدُونَ» تەرجىمىسى: «ئاللاھقا قايتقان، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلغان، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلغان ۋە ئۇنى مەدھىيىلىگەن ھالدا قايتتۇق» دېگەننى قوشۇپ ئوقۇيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].