ئىزدەش
كــۆرۈش
 
باش بەت » -ماقالىلەر   [] گە ئائىت جەمئىي پارچە ئۇچۇر تېپىلدى.
Quran Kerim :: قۇرئان كەرىم تور بېتى :: قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن تالاق!
قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن تالاق!

يوللىغۇچى: admin يوللانغان ۋاقىت: 2009-01-04 كۆرۈلۈش سانى: 103760

قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن تالاق سىستېمىسى
(ئەركىشنىڭ نىكاھنى بىكار قىلىش ھوقۇقى)

   «تالاق ئىككى قېىتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ياخشىلىقچە تۇتۇش ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىش لازىم». (بەقەرە 2/ 229)
قۇرئان كەرىمدە تالاق پېئىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پائىلى ئەرلەردۇر. دېمەك تالاق ئەرنىڭ ھەققىدۇر. خوتۇننىڭ نىكاھنى بىكار قىلىش ھەققىگە «ئىفتىدا» دېيىلىدۇ.
«تالاق ئىككى قېتىمدۇر» جۈملىسىنىڭ ئەرەبچىسى «ئەتتالاقۇ مەررەتان». ئەتتەلاق «ئەتتالاق» كەلىمىسىنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ كەلگەن «ال» تالاق كەلىمىسىنى ئېنىق ئىسمىغا ئايلاندۇرىدىغان قوشۇمچىدۇر. يەنى «ئۇ مەلۇم تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن بولىدۇ. چۈنكى تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى تالاق سۈرىسىدە بايان قىلىنغان. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:    
   «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئىددىتىگە لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىڭلار ۋە ئۇ ئىددەتنى ساناڭلار. رەببىڭلار اللەدىن قورقۇڭلار. ئۇلارنى ئوچۇق- ئاشكارا بىر پاھىشە قىلمىسا ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار. ئۇلارمۇ چىقمىسۇن. بۇلار اللەنىڭ چېگرىلىرى. كىم اللەنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەن، اللە بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
   ئۇلار بەلگىلەنگەن مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، ئۇلارنى ياخشىلىقچە تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار...». (تالاق 65/1-2)
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا، بىر كۈنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
   «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالى بىلەن ياراشسۇن. ئۇنى، پاكىزلىنىپ ئاندىن كېيىن ھەيز كۆرۈپ ئاندىن كېيىن پاكىزلانغۇچە تۇتسۇن. ئاندىن كېيىن خالىسا تۇتسۇن، خالىسا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماستىن تالاق قىلسۇن. مانا بۇ، اللە تائالا ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىنىشىغا ئەمر قىلغان ئىددەتتۇر»[1].
دېمەك، «... ئىددىتىگە لايىق بىر زاماندا...» تالاق قىلىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى، ئەگەر پاكىزلىق ھالىتىدە بولسا، ئۇ پاكىزلىق مەزگىلى ئىچىدە ئېرى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىغان بولۇشى كېرەك.
   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغان تالىقى اللەنىڭ ئەمرىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنىڭغا بەك غەزەپلەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[2]. بۇ سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئايالىنى تالاق قىلىشى ئۈچۈن ئارتۇقچە بىر پاكىزلىك دەۋرى كۈتۈش جازاسى بەرگەن. يەنى ئايالىنى بىرىنچى پاكىزلىق مەزگىلىدە ئەمەس، ئىككىنچى پاكىزلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماستىن تالاق قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. باشقا شەكىلدە تالاق قىلىش قۇرئان كەرىمگە زىت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېتىبارسىز بولىدۇ. يەنى قۇرئان كەرىمگە زىت ھالدا قىلىنغان تالاق تالاق ھېسابلانمايدۇ.
   بۇنىڭ مۇھىم ھېكمەتلىرى بار. ئەر كىشى، ھەيزدار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن بىئارام بولۇشى مۇمكىن. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا ئەر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان جىنسىي ھەۋىسى ئەڭ يوقىرى سەۋىيىگە چىقىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ھەۋىسى تۆۋەنلەيدۇ. ئەر كىشىنىڭ، ئايالىنى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغان پاكىزلىق مەزگىلىدىلا تالاق قىلالايدىغانلىقى، تالاقنىڭ ئالدىدا تەبىئىي بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ.
   تالاق قىلىنغان ئايال تالاق بىلەن بىرلىكتە ئىددەت مۇددىتىنى كۈتۈشكە باشلايدۇ. بۇ تۆۋەندىكى شەكىلدە بولىدۇ:
«ئەگەر تالاق قىلىنغان ئايال ئادەت كۆرىدىغان ئايال بولسا، ئۈچ قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكىز بولغانغا قەدەر، ئادەت كۆرمەيدىغان ئايال بولسا، ئۈچ ئاي ئۆتكەنگە قەدەر، ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر كۈتىدۇ»[3].
   «ئۇلارنى ئىددىتىگە لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىڭلار» دېگەن ئەمرىدىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار مۇنداق تىزىلىدۇ:
   1- ئىددەتنى ساناش
   2- خوتۇننى ئۆيىدىن چىقارماسلىق
   3- خوتۇننىڭ چىقماسلىقى
   ئىددەتنى ساناش ئەر كىشىگە قىلىنغان بىر ئەمر. بۇ ئەمر ئۇنى ئايالى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشغا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر ئىددەتنى ئۇ سانىمىسا قايتىش ئىمكانى بار تۇرۇپ مۇددەت تۈگىدى دەپ ئويلاپ قايتىش ھەققىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.
   خوتۇننىڭ، ئىددىتى توغرىسىدا ئېرىگە توغرا مەلۇمات بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:
   «ئۇلارغا، اللە ئۇلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ»[4]. ھەيز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىدىم دېسە گۇناھكار بولىدۇ.
ئەر- خوتۇننىڭ ئىددەت چىققۇچە ئايرىلماسلىقى مۇھىم. خوتۇن ئۆيىدىن چىقرىلسا ياكى چىقسا، ئەر- خوتۇن باشقا بىرىنىڭ يېنىدا، بىر- بىرىنىڭ يامان ھالەتلىرىنى ئوتتۇرىغا تۆكەپ ئارىدىكى سوغۇقلۇقنىڭ ئارتىشىغا سەۋەپچى بولۇشى ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ زىيىنىنى ئۆزلىرى تارتىدۇ. «... كىم اللەنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ...» ئىپادىسى بۇنى كۆرسەتمەكتە.
   ئەر كىشى ئىددەت مۇددىتى جەريانىدا ئەھۋالنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ تېخىمۇ توغرا بىر نەتىجىگە بېرىشى مۇمكىن. خوتۇنمۇ بۇ مۇددەت ئىچىدە ئېرىنى قايىل قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئەر كىشى ئىددەت چىققۇچە قارارىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. بۇ مۇددەت ئىچىدە خوتۇننىڭ ئېرىگە قارشى ھەركەتلىرىدە بىر چەك- چېگرا يوق. ئۇنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاشقا تىرىشسا بولىدۇ. ئارىلىرىدا جىنسىي مۇناسىۋەت مەيدانغا كەلسە ئەر كىشى ئايالىغا قايتقان بولىدۇ.
   ئەر خوتۇنىغا قايتماقچى بولسا، ياخشىلىقچە قايتىدۇ؛ ئايرىلماقچى بولسا، چىرايلىقچە ئايرىلىدۇ[5]؛ خوتۇنغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئىددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن قايتالمايدۇ. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:
   «ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئاندىن ئۇلار بەلگىلەنگەن مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، ئۇلارنى مەرۇف بىلەن تۇتۇڭلار ياكى ئۇلارنى مەرۇف بىلەن قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى ھەددىدىن ئېشىشىڭلار ئۈچۈن زىيان يەتكۈزۈش مەقسىدى بىلەن تۇتماڭلار. كىم شۇنداق قىلسا، ئەلۋەتتە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. اللەنىڭ ئايەتلىرىنى كۆزگە ئىلىنمەيدىغان نەرسە قىلماڭلار. اللەنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى نېمىتىنى، ئۇ سىلەرگە چۈشۈرگەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ياد ئېتىڭلار. ئۇ سىلەرگە ئۇ ئىككىسى بىلەن نەسىھەت قىلماقتا. اللەدىن قورقۇڭلار ۋە اللەنىڭ ھەر نەرسىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار». (بەقەرە 2/231)
   ئەرنىڭ ئايالىغا قايتىشى ئىسلاھ شەرتىگە، يەنى ئەرنىڭ ياخشى نىيەتلىك بولۇش شەرتىگە باغلانغان. ھەتتا ئىددەت مۇددىتى ئاخىرلاشماستىن ئايالىغا قايتالايدۇ. اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:
   «... ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەگەر ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا، ئۇ كۈتۈش مۇددىتى ئىچىدە ئۇلارغا قايتىشقا تېخىمۇ ھەقلىق...» (بەقەرە 2/228)
   خوتۇن، ئېرىنىڭ يامان نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، ئەرنىڭ قايتىشىنى قوبۇل قىلمىسا بۇلىدۇ. يامان نىيەتنى ئىسپاتلاش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن اللە تائالا مۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىدۇ: «... كىم ئۇنى قىلسا، ئەلۋەتتە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ...». (بەقەرە 2/231)
   جاھىلىيەت ئەرەبلىرى تالاقنى بىلەتتى. لېكىن بۇنىڭ مەلۇم بىر سانى يوق ئىدى. ئەر ئايالىنى تالاق قىلىپ ئىددەت ئەسناسىدا ئۇنىڭغا قايتاتتى. بۇ ئىشنى ئۆزى خالىغان مىقداردا قىلالايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىغا يا ئەرلىك قىلمايتتى ياكى باشقىسى بىلەن ئۆيلىنىشى ئۈچۈن ئۇنى ئەركىن قويۇۋەتمەيتتى. ھەتتا ئىددىتى چىقىپ بولسىمۇ توي قىلىشىنى مەنئى قىلالايتتى[6]. ئىسلام چەكسىز تالاق ھەققىنى ئۈچكە چۈشۈردى ۋە ئاۋۋالقى ئىككىسىدە ئەرگە ئىددەت ئىچىدە قايتىش ھەققى بەردى. ئۈچۈنچى تالاقتىن كېيىن بولسا بۇ ھەقنى بەرمىدى.
   تالاق ھەققىنىڭ ئۈچ قېتىم بىلەن چەكلىنىشى فىترەتكە ماس كىلىدۇ. چۈنكى بىر ئىشتىن كېيىن ئەڭ كۆپ ئىككى قېتىم ئۆزرە قوبۇل قىلىنىدۇ؛ ئۈچۈنچى قېتىمدا بولسا ئەسلا ئۆزرە قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇنى مۇسا ئەلەھىسسالام بىلەن ياخشى بەندە (خىزىر) ۋەقەسىدىمۇ كۆرىمىز:
   «مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەندىن ماڭا بىر يېتىلىش بىلىمى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى.
   ئۇ: «مەن بىلەن سەۋر قىلىشقا ھەرگىزمۇ قادىر بولالمايسەن.
   سەن تولۇق سىناپ كۆرمىگەن بىر نەرسىگە قانداقمۇ سەۋر قىلالايسەن؟» دېدى.
   مۇسا: «ئنشائاللاھ مېنىڭ سەۋر قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى ۋە ھېچبىر ئەمرىڭگە قارشى چىقمايدىغانلىقىمنى كۆرىسەن» دېدى.
   ئۇ: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگەشسەڭ، ئۆزۈم ساڭا خەۋىرىنى بەرگەنگە قەدەر ھېچقانداق نەرسە توغرۇلۇق مەندىن سوئال سورىما!» دېدى.
   مۇسا ئەلەيھىسسالام ئىككى قېتىم سوئال سوراپ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
   «ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن سەندىن بىر نەرسە توغرۇلۇق سوئال سورىسام ماڭا ھەمراھ بولمىغىن. ھەقىقەتەن تەرىپىمدىن بايان قىلىنىدىغان ئۆزرىنىڭ ئاخىرىقى نۇقتىسىغا يەتتىڭ» دېدى.
   مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۈچىنچى قېتىم سوئال سورىغاندا ئۇ: «مانا بۇ مېنىڭ ئارام بىلەن سېنىڭ ئاراڭنىڭ ئايرىلىشى» دېگەن ئىدى[7]. چۈنكى ئۈچىنچى قېتىمدىن كېيىن ئۆزرە قوبۇل قىلىنمايدۇ.
   خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش، ئۈچىنچى تالاقتىن كېيىن ئەرنىڭ ئۆزرە بايان قىلىش ئىمكانى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ، فىترەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن.

   بىر مەجلىستە ئۈچ تالاق    
   بۇ ئوچۇق ئايەتلەرگە قارىماي، قۇرئان كەرىم ۋە فىترەتكە زىت ھالدا ئۈچ تالاق قىلىش ھەققىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، يەنى ئەرنىڭ ئايالىغا: «سېنى ئۈچ تالاق قىلدىم، ئۈچ تالاق، سەن ئۈچ تالاق» دېيىشى بىلەن ئۈچ قېتىم تالاق قىلىش ھەققىنى ئىشلەتكەن بولىدىغانلىقى مەشھۇر تۆت مەزھەب ۋە زاھىرىي مەزھىبى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. تۆۋەندە بۇ كۆزقاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى باشقا بىر نۇقتىئىنەزەردىن كۆرۈپ ئۆتەيلى:
   «ئەتتالاقۇ مەررەتان» (ئۇ تالاق ئىككى قېتىمدۇر) ئايىتىدە «قېتىم» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «مەررە» كەلىمىسى لۇغەتتە زاماندىن بىر پارچە ئۈچۈن «ئەلجمۇزئۇ مىنەل ئىيمان» ئىشلىتىلىدۇ[8]. تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتى بۇنى ئىددەت مۇددىتىچىلىك بىر زامان پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئەر، ئايالىنى پەقەتلا بىر قېتىم تالاق قىلالايدۇ. چۈنكى تالاق سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتى مۇنداق:
«ئۇلار بەلگىلەنگەن مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، ئۇلارنى ياخشىلىقچە تۇتۇڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىڭلار...».
«ئۇ تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن ئايەت، بۇ شەكىلدە قىلىنغان تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولالايدىغانلىقىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىنى بىر قېتىمدا ئىككى ياكى ئۈچ تالاق قىلغان كىشىنىڭ تالىقى، ئايالنىڭ پاكىزلىق ھالىتىدە بولۇشى ۋە ئۇ پاكىزلىق ھالىتىدە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىغان بولۇشى شەرتى بىلەن بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى تالاقنىڭ سانى ئەمەس قېتىمى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر بىر مەجلىستە ئىككى ياكى ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ھەيزدار بولسا ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىنغان بىر پاكىزلىق ئىچىدە بولسا بىر تالاقمۇ ھېسابلانمايدۇ.
   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇ يەزىد- رۇكانە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ دادىسى- (ئايالى) ئۇممى رۇكانەنى تالاق قىلىپ مۇزەينە (قەبىلىسىدىن) بىر ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن. قىسقا بىر مۇددەتدىن كېيىن ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ (ئابدۇ يەزىدنىڭ ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن) بېشىدىن ئالغان بىر دانە چاچنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇ ماڭا پەقەتلا بۇ تۇك ئەسقاتقانچىلىك ئەسقىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ئاچچىقلاپ رۇكانە ۋە قېرىنداشلىرىنى چاقىردى. ئاندىن كېيىن يېنىدا ئولتۇرغۇچىلارغا (ئۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ): «پالانىنىڭ شۇ ۋە شۇ يېرىنى ئابدۇ يېزىدغا ئوخشايدۇ ۋە پالانىنىڭ بۇ ۋە بۇ يېرىنى ئۇنىڭغا ئوخشايدۇ دەپ قارامسىلەر؟» دېدى. ئۇلار ھەممىسى بىرلىكتە: «ھەئە» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇ يېزىدغا : «ئۇنى تالاق قىل» دېگەن ئىدى، ئۇ دەرھال شۇنداق قىلدى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئايالىڭغا، يەنى رۇكانە ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئانىسىغا قايتقىن» دېگەن ئىدى، ئۇ: «شۈبھىسىزكى مەن ئۇنى ئۈچ تالاق قىلغان ئىدىم يا رەسۇلەللاھ!» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلۋەتتە بىلىمەن، ئۇنىڭغا قايتقىن» دېدى ۋە: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئىددىتىگە لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى[9].
   ئىبنى ئابباسنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە ئابدۇ يەزىدنىڭ ئوغلى رۇكانەمۇ دادىسىغا ئوخشاش ئايالىنى بىر مەجلىستە ئۈچ تالاق قىلىپ كېيىن بۇنىڭغا قاتتىق قايغۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: «ئۇنى قانداق تالاق قىلدىڭ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ: «ئۈچ تالاق قىلدىم» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بىر مەجلىسىتىمۇ؟» دېدى. ئۇ: «ھەئە» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بۇ، پەقەتلا بىر تالاقتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن خالىساڭ ئۇنىڭغا قايتقىن» دېدى، ئۇ دەرھال ئۇنىڭغا قايتتى[10].
ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەبۇ بەكىرنىڭ زامانىدا ۋە ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىدىن (ئاۋۋالقى) ئىككى يىلدا ئۈچ تالاق، بىر تالاق ھېسابلىناتتى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ھەقىقەتەن ئىنسانلار، ئۆزلىرى ئۈچۈن مۆھلەت بولغان بىر ئىشتا تېز بولۇشنى تەلەپ قىلدى. كاشكى ئۇنى ئۇلارغا قارشى ئىجرا قىلغان بولساق!» دېدى. ئاندىن بۇنى ئۇلارغا ئىجرا قىلدى[11].
   بۇ تارىختىن كېيىن پەتىۋالار ھەيران قالارلىق بىر شەكىلدە ئۆزگەردى. يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلغان ئىبنى ئابباسنىڭمۇ كۆزقارىشى ئۆزگەرگەن ئىدى. مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېنىدا ئىدىم. بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئايالىنى ھەقىقەتەن ئۈچ تالاق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىبنى ئابباس بىر مۇددەت جىم تۇردى. ھەتتا ئىبنى ئابباسنىڭ، ئۇ ئايالنى ئۇنىڭغا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. ئاندىن كېيىن سۆزنى مۇنداق باشلىدى: بىرىڭلار بېرىپ ئەخمەقلىققا مىنىدۇ، ئاندىن كېيىن «ئىبنى ئابباس! ئىبنى ئابباس!» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى اللە تائالا: «كىم اللەدىن قورقسا، اللە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر چىقىش يولى قىلىدۇ» (تالاق 65/1) دەيدۇ. ھەقىقەتەن سەن، اللەدىن قورقمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا بىر چىقىش يولى تاپمىدىم. رەببىڭگە ئاسىيلىق قىلدىڭ. ئايالىڭ سەندىن ئاجرىشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە اللە تائالا: «ئى پەيغەمبەر! خوتۇنلىرىڭلارنى تالاق قىلغان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئىددىتىگە لايىق بىر زاماندا تالاق قىلىڭلار» دەيدۇ. (تالاق 65/1)[12].
   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئېزىز ۋە مەرۋان ئىبنى ئەلھەكەملەرنىڭمۇ بىر مەجلىستە قىلىنغان ئۈچ تالاقنى ئۈچ تالاق بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەنلىكى مەلۇم[13].
   ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىمۇ بىر لەۋزىدە قىلىنغان ئۈچ تالاقنى، ئۈچ تالاق ھېسابلايدۇ. يەنى بىر كىشى ئايالىغا: «سەن ئۈچ تالاق» دېگەن ھامان، ئايال مەيلى ھەيزدار، مەيلى پاكىز بولسۇن، مەيلى ئۇ پاكىزلىق ئىچىدە ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان بولسۇن، مەيلى بولمىغان بولسۇن، ھەتتا توي قىلىپ ئېرى بىلەن جنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغان بولسۇن ئۇ ئايالنىڭ ئۈچ تالاق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلىشىدۇ.
      بۇلاردىن بىر قىسمى «ئەتتالاقۇ مەررەتان» (ئۇ تالاق ئىككى قېتىمدۇر) دېگەن ئايەتتىكى «ال»نىڭ (ال الجنسيە) يەنى تۈرنى بىلدۈرىدىغان «ال» ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. بۇ، «ئەر، ئايالىنى ئەڭ كۆپ ئىككى قېتىم تالاق قىلالايدۇ» دېگەن بولىدۇ. تالاقنىڭ ئۈچ قېتىم بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئىختىلاپ يوق. بوسەۋەبتىن «ال»نىڭ تۈر ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلار جۈملىنىڭ تۈزۈلۈشىنى يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇشقان. سەرەخسىي مۇنداق دەيدۇ: «مۇباھ تالاقنىڭ ھەممىسى ئىككى قېتىمدۇر ۋە ئۈچىنچى قېتىمدۇر»[14]. «ئۈچىنچى قېتىمدۇر» دېگەن قوشۇمچە، بەقەرە سۈرىسىنىڭ 230- ئايىتىدىكى «ئەگەر ئەر ئۇنى تەكرار تالاق قىلسا...» ئىپادىسىدىن ئېلىنغان. بۇ ھۆكۈمنى قوشۇش مەجبۇرىيىتى بولىدىغان بولسا، «ال»نىڭ تۈر ئۈچۈن بولۇش ئېھتىمالى قالمايدۇ. چۈنكى «ئەتتالاقۇ مەررەتان» ئىسىم جۈملىسى بولۇپ دائىملىق ۋە قەتئىيلىك ئىپادىلەيدۇ. ئەرەبچە بىلىدىغان ھەر قانداق كىشى، يۇقىرىدىكى پىكىرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاسانلا چۈشىنىدۇ.
«ئەتتالاقۇ مەررەتان» دىكى «ال»نىڭ ئەھد ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، يەنى مەلۇم بىر تالاق شەكلىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى سۆزلىگەنلەرمۇ بولغان. ئىبنى تەيمىييە بۇلاردىن بىرى[15]. ئۇلار بولسا مەلۇم تالاقنىڭ، ئاۋۋالقى ئايەتتە ئۆتكەن «تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۈچ قۇرئ ساقلايدۇ...» دېگەن ئايەتتە ئىشارەت قىلىنغان تالاق ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن. ھالبۇكى بۇ ئايەتتە تالاقنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئادەت كۆرىدىغان ئايالنىڭ تالاقتىن كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر بايان قىلىنىدۇ. تالاق شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان بىرلا ئايەت، تالاق سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتى. بۇ سەۋەبتىن «ئەتتالاق»نىڭ ئۇ ئايەتتىكى تالاق شەكلىدىن باشقا بىر نەرسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەس.    
   ئىبنى ھۇمامغا نىسبەتەن بۇ ئايەت، سۈننەتكە ئۇيغۇن تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغالىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بىر قېتىمدا قىلىنغان ئۈچ تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە تالاق بولىدىغانلىقىنىڭ توغرىلىقىغا ئىتتىپاق بار[16].
   ئايەتلەرگە زىت ھالدا كېيىن شەكىللەنگەن بىر ئىتتىپاقنىڭ، ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىبنى ھۇمامنىڭ بۇ كۆزقارىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
نۇرغۇن فەقىھلەر[17]، «ئەتتالاقۇ مەررەتان» (ئۇ تالاق ئىككى قېتىمدۇر) ئايىتىدىكى مەررەتانى «مرتان» كەلىمىسى زاماندىن ئىككى پارچىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بىر قېتىمدا قىلىنغان ئۈچ تالاقنى كۈچكە ئىگە دەيدۇ. ھەنەفىي فەقىھلىرىدىن ئەلكاسانىي بۇلاردىن بىرى. ئۇنىڭ بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى مۇنداق: اللە تائالانىڭ «ئۇ تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن سۆزى كۆرۈنۈشتە خەۋەر بولسىمۇ مەنىسى ئەمردۇر. چۈنكى ئۇ سۆزنى خەۋەر دەپ چۈشىنىش، خەۋىرى توغرا چىقماسلىق ئېھتىمالى يوق زاتنىڭ خەۋىرىنىڭ توغرا چىقماسلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى تالاق بەزىدە جەمئى يولى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن اللە تائالانىڭ: «ئۇ تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن سۆزى «ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بولساڭلار ئىككى قېتىم تالاق قىلىڭلار» دېگىنىگە ئوخشايدۇ. تالاقلارنى ئايرىشقا بۇيرۇش جەمئى قىلىشتىن توسقانلىق بولىدۇ. چۈنكى جەمئى قىلىش ئايرىشنىڭ زىددى. دېمەك تالاقلارنى ئايرىشقا قىلىنغان بۇ بۇيرۇق، تالاقلارنى جەمئى قىلىشنىڭ ھارام ياكى مەكرۇھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ[18].    
   تالاقلارنى جەمئى قىلىشنى مەنئى قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئۆز ئىچىدە بىر زىتلىق تەشكىل قىلمامدۇ؟. ئۇلارنىڭ بىر كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى كۈچكە ئىگە دەپ قوبۇل قىلىپ ئاندىن بۇ كۆزقاراش قۇرئان كەرىمنىڭ ئايىتىگە زىت كەلسە ئۇ خاتا كۆزقاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئورنىغا ئايەت ئۈستىدە ئويۇن ئويناشلىرى بىر مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.
   تەفسىرچىلەرمۇ ئەينى يولنى تۇتۇپ مەيلى «مرتان» كەلىمىسى ئۈستىدە بولمىسۇن، مەيلى بۇ ئايەت بىلەن تالاق سۈرىسىنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە بولمىسۇن ھېچ توختالمىغان[19].
   ئالىملىرىمىز، ئۆز كۆزقاراشلىرى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا، قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىپ ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىشى لازىم. ئۆز كۆزقارىشى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش ئارزۇسى، خاتا نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.

   خۇلاسە
   1- كىشى ئايالىنى نىكاھدىن كېيىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر تالاق قىلالايدۇ، يەنى قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە.
   2- كىشى نىكاھدىن كېيىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان، ھەيز كۆرىدىغان ۋە ھامىلدار ئەمەس ئايالىنى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بىر تالاق قىلالايدۇ.
   3- ھەيز كۆرمەيدىغان ئايالنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر تالاق قىلىش جائىز.
   4- ھامىلدارلىقى ئېنىق بولغان ھامىلدار ئايالنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بىر تالاق قىلىش جائىز.
   5- ھەيز ياكى نەپاس مەزگىلىدە ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىنغان پاكىزلىك ئىچىدە قىلىنغان تالاق كۈچكە ئىگە ئەمەس.
   6- شەرتكە باغلانغان ھېچقانداق تالاق كۈچكە ئىگە ئەمەس.
   7- ئىددەت ئىچىدە قىلىنغان تالاق كۈچكە ئىگە ئەمەس.
   8- تالاقنىڭ سانى مەيلى سۆز بىلەن مەيلى ئىشارەت بىلەن بولسۇن، ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بۇنداق تالاق ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىنمىغان پاكىزلىق ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن بولسا، پەقەتلا بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ.
   9- تالاق، تالاقنى پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىنغان سۆز ياكى ئۇنىڭ ئالامىتى بىلەنلا مەيدانغا كېلىدۇ.
   10- تالاقنى خەۋەر قىلىش ۋە تالاققا ئىقرار قىلىش تالاق ھېسابلانمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تالاقنى پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولسا ۋە خەۋەر قىلغان چاغدا تالاقنىڭ دۇرۇس بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولسا تالاق ھېسابلىنىدۇ.
   11- ئايالغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىدى بىلەن يېنىۋېلىش توغرا ئەمەس. يېنىۋالغاندىن كېيىن يەنە بىر تالاق قىلىش مەقسىدى بىلەن يېنىۋېلىش ئايالغا زىيان يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ.
   12- ئايال يېنىۋېلىشنىڭ زىيان يەتكۈزۈش مەقسىدى بىلەن بولغانلىقىنى دەۋا قىلسا، ئىسپاتلاشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىسپاتلىيالمىسا ئەر قەسەمگە بۇيرۇلىدۇ. ئەرنىڭ سۆزى قەسەمى بىلەن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
   13- ئىددەت تۇتىدىغان ئايال ھەيز كۆرىدىغان ئاياللاردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەر ئايدا بىر قېتىم ھەيز كۆرمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلسا، ئۇنىڭ ئىددىتى تالاق قىلىنغان تارىختىن باشلاپ تولۇق ئۈچ ئاي بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئايالنىڭ ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ھالەتتە بولماسلىقى لازىم.

----------------------------
[1] - سەھىھۇلبۇخارىي، تالاق، 1 ،3، 44،45؛ تالاق سۈرىسىنىڭ تەفسىرى، 1؛ سەھىيھ مۇسلىم، تالاق، 1، 14؛ سۈنەنى نەسەئىي، تالاق، 13، 15، 19؛ سۈنەنى ئىبن ماجەھ، تالاق، 1، 3؛ سۈنەنى دارىمىي، تالاق، 1، 2؛ مۇۋاتتا، تالاق، 53؛ سۈنەنى ئەبى داۋۇد، تالاق، 4، تىرمىزىي،تالاق، (يوقىرىدىكى مەتنى سەھىيھۇلبۇخارىي، تالاق، 1 نىڭ تەرجىمىسىدۇر)
[2]- سەھىھۇلبۇخارىي، ئەھكام، 13.
[3]- بەقەرە 2/229؛ تالاق 65/4
-[4] بەقەرە 2/228.
[5] بەقەرە 2/231، تالاق 65/2.
[6] - ئەلجەسساس، ئەھكامۇلقۇرئان، ج. 2، س.73؛ مۇھەممەد رەشىيد رىزا، تەفسىيرۇلمەنار، قاھىرە، 3، 38.
[7] - كەھف 18/66- 78.
[8] -مۇفرەداتۇ ئەلفازۇلقۇرئان، م ر ر ماددىسى. ئەلبەشائىر نەشرى، ج. 4، س. 490.
[9] - سۈنەنى ئەبى داۋۇد، تالاق، 10/2196.
[10] - مۇسنەدۇ ئەھمەد ئبىنى ھەنبەل، 1، 265. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلگە نىسبەتەن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىلىك كىشىلەر. ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئەلبەننا، بۇلۇغۇلمەرام مىن ئەسرارى فەتھۇررەببانىي، دارۇششىھاب، قاھىرە، ج. 17، س. 7.
[11]- سەھىھى ۇسلىم، تالاق، 2 (15، 16 ۋە 17 (1472) نومۇرلۇق ھەدىسلەر)؛ سنن النساېي، 8؛ سنن ۆبي داود، كتاب الطلاق، 10.
[12]- سۈنەنى ئەبى داۋۇد، تالاق، 10/2197.
[13] - ئەلمۇۋەتتا، تالاق، 1.
[14] - سەرەخسىي، ئەلمەبسۇت، ج. 6، س. 5
[15] - شەيخۇلئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىتتە، مەجمۇئۇلفەتاۋا ، بەيرۇت 1398 ھ. ج. 33، س. 80
[16] - كامالۇددىين مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھىد ئەسسۇيۇتىي، ئىبنى ھۇمام دەپ تونۇلغان (ئۆلۈم تارىخى، 681 ھ) شەرھۇ فەتھۇلقەدىېر، دارۇلفىكر، بەيرۇت،ج. 4، س. 70،
[17] - شەرىئەت ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى.
[18] - ئەلكاسانىي (ئۆلۈم تارىخى، 587 ھ)، كىتابۇ بەدئىئۇسسانائىئ فى تەرتىيبىششەرائىئ ، 1974، ئىككىنچى بېسىلىشى، ج. 3، س. 94،
[19] - بۇ چوڭ بىر دەۋادەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن بىز ئېرىشەلىگەن پۈتۈن تەفسىرلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە ھەممىسىنىڭ خۇددى بىرى- بىرىنىڭ تەكرارى ماھىيىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈك. قۇرتۇبىي، ئىبنى كەسىير، بەيزاۋىي، ئەبۇسسۇئۇد ۋە فەتھۇلقەدىير قاتارلىق تەفسىلەر بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى.

مەنبە : ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى
باشبەت
قۇرئان كەرىم ھەققىدە
سۈرە ئاڭلاش ۋە چۈشۈرۈش
ماقالىلەر
سۇئال - جاۋاب
سۆز قالدۇرۇش
ھۆججەت چۈشۈرۈش
ئەڭ يېڭى ماقالىلـــەر
12/31
01/04
06/01
ئەڭ يېڭى ھۆججەتلەر
475
344
194
95
140
1539
خەتكۈچلەر   يەنە بار...
دوستانە ئۇلىنىش   تىخىمۇ كۆپ...
Copyright © 2008-2010 ::WWW.QURANKERIM.COM:: All rights reserved. E-mail: admin@qurankerim.com
Donate towards my web hosting bill!