1. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم. تويلاردا ناخشا - ئۇسۇل ئويناش ھارام ئەمەس. توي تۈكۈنلەردە، ھېيت - بايراملاردا ناخشا ئېيتىپ توي ۋە ھېيتنى خۇشال خورام ئۆتكۈزسە بولىدۇ. ئەمما بولمايدىغان، ھەتتا ھارام بولىدىغان تەرىپى ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچتۇق دەپ ئەر - ئاياللار بىرلىكتە ئارىلىشىپ ئويناپ، ھايۋانلارچە سەكرەپ يۈرۈشتۇر. بۇنداق قىلىش ھارامدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تەئەلەا زىناغا يېقىنلاشماڭلار دېيىش ئارقىلىق زىناغا ئېلىپ بارىدىغان، زىناغا يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭغا ۋاسىتە بولىدىغان ھەر قانداق يولنى ھارام قىلغان... توي - تۈكۈنلەردە ئەر - ئاياللار بىرلىكتە ھايۋانلارچە ناخشا ئېيتىپ، تانسا دەيدىغان تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارمۇ قىلمايدىغان ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈش ئاللاھ تەئەلانىڭ چەكلىمىسىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىغا زىت ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ... ئەمما توي تۈكۈنلەردە ئەرلەر ئايرىم زالدا، ئاياللارمۇ ئايرىم زالدا ئولتۇرۇپ ئۆز ئارا ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچسا، بۇنىڭ بولمايدىغان تەرىپى يوق...
|