 |
باش بەت » -سۇئال - جاۋاب [] گە ئائىت جەمئىي پارچە ئۇچۇر تېپىلدى. |
 |
| ســـۇئال: |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم؟ ئادەتتە بىز بۇش ۈاقىتلاردا قانداق قىلغاندا گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇشقا پايدىسى بار؟ مەسىلەن دۇكان ئاچقاچ قايسى سۇرىنى ئۇقۇش ياكى دۇرۇتلارنى ئۇقۇش كېرەك؟
|
| |
( يوللىغۇچى: xahar |
يوللانغان ۋاقىت: 07-02-2010 |
سۇئال سەھىپىسى: دىننىي بىلىملەر ) |
|
1. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم! گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىمىزدا، دۇكاندا خېرىدار بولمىغان چايلاردىلا ئەمەس، ھەر ۋاقىت، ھەر دائىم ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئوقۇشىمىز، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە چۈنكى تەۋبە قانداق قىلىش، گۇناھلىرىمىزنى قانداق يۇيۇشىمىزنىمۇ يەنە قۇرئان كەرىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ماھىيىتىدكى ھەدىسلىرىدىن ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن قۇرئان كەرىم تەۋبىنى قاچان قىلىدىغانلىقىمىز ھەققىدە تەلىمات بېرىپ تەۋبىنى قاچان قىلىشىمىز ھەققىدە: «اﷲ قەبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كىلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ اﷲ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» دېسە، قانداق كىشىلەرنىڭ ۋە قانداق تەۋبىنىڭ قۇبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە: «داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم دىگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى)قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق. » دەيدۇ...
تەۋبىنىڭ سۆزدىلا ئەمدىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بولسا مۇنۇ ئايەتنى نەمۇنە سۈپىتىدە ئەسلەپ ئۆتۈشكە بولىدۇ: «كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ اﷲ غا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى اﷲ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ).»
شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن بىرىنچىدىن قىلىپ سالغان خاتالىقىمىزنى ئىككىنچى قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھغا سەمىمىي ۋەدە بېرىش، ئىككىنچىدىن ئەمەلىيىتىمىزنىمۇ بەرگەن ۋەدىمىزگە ئاساسەن تۈزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان كەرىمنىڭ مەلۇم سۈرىلىرىنىلا ئەمەس ھەممىسىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. تىجارەتتە زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماقالىلارنى ئوقۇشقا قانداق ئەھمىيەت بەرسەك، دۇنيا- ئاخىرەتتە زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ ئاز دېگەندە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى ئايرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ... ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلارغا قۇرئان كەرىمنى ساھابىلارغا ئوخشاش ئوقۇپ ئەمەل قىلىدىغان ئاڭ ئاتا قىلسۇن!
|
| |
( يوللىغۇچى: admin |
يوللانغان ۋاقىت: 31-12-1969 ) |
|
2. بۇ جاۋاب تېخى تەستىقلانمىدى.
|
| |
( يوللىغۇچى: dndovgatcg |
يوللانغان ۋاقىت: 31-12-1969 ) |
|
|
|
|
|
|
|
 |
|
|
|