 |
باش بەت » -سۇئال - جاۋاب [] گە ئائىت جەمئىي پارچە ئۇچۇر تېپىلدى. |
 |
| ســـۇئال: |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ئۇستازلار؟ ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ يۇقتۇر. مۇھەممەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر.ئامىين. ئاللاھ بىزگە بەش ۋاقىت نامازنى پەرىز قىلغان. بەشۋاخ نامازنىڭ تۇلۇق قائىدىلىرى قانداق؟ بولۇپمۇ مېنىڭ بىلمەيدىغىنىم نامازنى ئوقۇپ بولۇپ دەيدىغان گەپلەرنى بىلمەيمەن. ماڭا دەپ بەرسىڭىز. بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىپ. يەنە بىرسى مەن نامازنى شۇنداق ئىخلاسىم بىلەن ئۇقۇيمەن دەپ بىسسىمىللاھىر رەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەنۇ يەنىلا ئاشۇ نەلىتى شەيتان ئازدۇرۇپ كالامنى يىغالمايمەن. قانداق قىلغاندا پۇتۇن دىققىتى بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بولىدۇ؟
|
| |
( يوللىغۇچى: xahar |
يوللانغان ۋاقىت: 14-02-2010 |
سۇئال سەھىپىسى: دىننىي بىلىملەر ) |
|
1. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم. بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن دۇرۇت - تەسبىھ ئېيتىلىپ دۇئا قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ناماز ھەقتە مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم ھازىرلىغان دۇئا كىتابى بىلەن مۇھەممەد يۇسۇف ھاجىم ھازىرلىغان دۇئا كىتابى ۋە ھىسنۇلمۇسلىم ناملىق دۇئا كىتاپلىرىدا تەپسىيلى مەلۇماتلار بېرىلگەن... يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن قاچان قانداق قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.... بۇ كىتاپلاردىن مۇھەممەد سالىھ داموللاجىمنىڭكىنى شىنخۇۋا كىتاپخانىلىرىدىن تاپالايسىز. باشقىلىرىنى بولسا تور بەتلەردىن تاپالايسىز... نامازدا كاللىنى يىغالماسلىققا كەلسەك، سىز نامازدىن بۇرۇن كامىل تاھارەت ئېلىشقا، تاھارەت ئېلىش جەريانىدا دۇئا ئوقۇش ئارقىلىق كاللىڭىزدىكى باشقا خىياللارنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە بىزنىڭ ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى، تەربىيەتچىسى، رىزىق بەرگۈچىسىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشقا ھازىرلاڭ ۋە ئەڭ ئاددىيسى بىر باشلىق ئالدىغا چىققاندا قانداق دىققەت بىلەن تۇرساق، پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ دىققەت، ھۆرمەت ۋە باش ئېگىش بىلەن تۇرۇش لازىم ئىكەنلىكىنى...يادىڭىزغا ئېلىشقا تىرىشىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئىشىنىمەنكى تەقۋالىقىڭىزنى زىيادە بولغانىسىرى دىققەتسىزلىكتىن ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنالايدىغان بولىسىز. ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭىزنى قۇبۇل قىلسۇن!
|
| |
( يوللىغۇچى: admin |
يوللانغان ۋاقىت: 31-12-1969 ) |
|
2. بۇ جاۋاب تېخى تەستىقلانمىدى.
|
| |
( يوللىغۇچى: zbuqmmcr |
يوللانغان ۋاقىت: 31-12-1969 ) |
|
3. بۇ جاۋاب تېخى تەستىقلانمىدى.
|
| |
( يوللىغۇچى: |
يوللانغان ۋاقىت: 31-12-1969 ) |
|
|
|
|
|
|
|
 |
|
|
|