قۇرئان - ھەدىسقا ئاساسەن تالاق

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇقەدىمە
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تالاق ئىككى قېتىمدۇر. ھەر بىرىدىن كېيىن ئەرنىڭ، ئايالىنى يا چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇشى ياكى ئۇنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىشى لازىمدۇر…»- (بەقەرە 2/229).
ئايەتنىڭ «تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى ئەتتالاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دۇر. ئەتتالاقۇ «الطَّلاَقُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئەلىف لام «ال» ئەھد «العهد» ئۈچۈن بولۇپ، «بىلدۈرۈلگەن» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ئەلىف لام «ال» نىڭ جىنس «الجنس» ئۈچۈن بولۇشىغا يەنى تالاقنىڭ ھەممىسىگە دالالەت قىلىشىغا بۇ ئايەتتىن كېيىنلا كېلىدىغان ئايەتنىڭ بېشىدىكى فەئىنتەللەقەھا «فَإِن طَلَّقَهَا… (ئەگەر ئەر ئايالىنى يەنە بىر قېتىم تالاق قىلسا…» دېگەن ئىپادە توسالغۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە ئۈچىنچى قېتىملىك تالاقنى كۆرستىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمى بولغان ئىككى قېتىمنىڭ، قېتىملارنىڭ ھەممىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى ھەر كىم بىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ: ئەتتەلاقۇ مەررەتانى «الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا مەنىسى: «بىلدۈرۈلگەن تالاق ئىككى قېتىمدۇر» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىدە بىلدۈرۈلگەنلىكى ئەلىف لام «ال» بىلەن ئىپادىلەنگەن تالاق، قۇرئان كەرىمنىڭ 65- سۈرىسى بولغان تالاق سۈرىسىدە ئېنىق بىلدۈرۈلمەكتىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئۇ سۈرىدە بىر قېتىملىك تالاقنىڭ شەكلىنى ۋە بۇ بىر قېتىملىق تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان.
دېمەك، ئاللاھ تەئالا تالاق سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، بۇ سۈرىدە تالاقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي بىر شەكىلدە بىلدۈرگەن. يۇقىرىدىكى ئايەتتە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ئايىتىدە بولسا، بۇ تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ تالاقنى ئەينەن ئىجرا قىلغان.
ئەپسۇس! ئىسلام دىنىنىڭ كىتابى ئوتتۇرىغا قويغان، پەيغەمبىرى ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسى بىلەن، مەزھەپلەر ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇسۇلمانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن تالاق سىستېمىسى بىر-بىرىگە ھېچ ئوخشىمايدۇ. قۇرئان-ھەدىستىكى تالاق سىستېمىسى بىر ۋادىدا، مەزھەپلەردىكى تالاق سىستېمىسى باشقا بىر ۋادىدىدۇر.
توغرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى خاتانىڭ داۋاملىشىشىغا، ئەڭ مۇھىمى توغرىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇناھكار بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىكى توغرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆزىمىزگە بىر دىنى ۋەزىپە دەپ بىلىپ بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق.
ئىشىنىمىزكى، تەتقىقاتىمىزنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان ھەر ئەقىل ئىگىسى ئاللاھ تەئالا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىجرا قىلغان تالاق سىستېمىسىنىڭ «مۇكەممەل بىر نىزام» ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.