تەفسىرلەر ھەققىدە (ئىبنى كەسىر تەفسىرىنىڭ كىرىش سۆزى)

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھربان ﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

كىرىش سۆز

 

جىمى ھەمدۇسانا ۋە گۈزەل ماختاشلار پۈتۈن كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنى ئۆز ھېكمىتىگە لايىق رەۋىشتە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲ غا خاستۇر. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتى، ھېكمەت كارامىتى بىلەن يارىتىپ، ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىلىقىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن نېئمەت قىلىپ بەردى. شۇنداقلا، بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى.

پۈتمەس ـ تۈگىمەس نازۇ - نېئمەتلىك جەننەتتىن خۇش خەۋەر بەرگۈچى، مەڭگۈلۈك كۆيدۈرگۈچى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى، ﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن ئىنسانلارنى ﷲ نى بار ۋە بىر دەپ بىلىشكە، ئۇنىڭغا تائەت ـ ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەرلەرگە، جۈملىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، پۈتكۈل ئىنسانلارغا تاكى قىيامەتكىچە ئۈلگە ۋە يول باشچى بولغان گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل خىسلەتلىك، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكە قەدەر توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرىدىغان بارلىق مۆمىن مۇسۇلمانلارغا سالاملار بولسۇن!

ھەممە نۇقساندىن پاك، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ﷲ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىنى شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە شۇ يولدا تەر تۆكۈشتەك ئالىي ئىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بويان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇشۇ يولغا ئاتاپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە باشلىدى ۋە باشلاۋاتىدۇ. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىنىي ماتېرىياللارنىڭ ئىنتايىن كەم بولۇشىدەك ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ماتېرىياللارغا قارىتا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۆزلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشماقتا...

شۇڭا بۇ جەھەتتە باش قاتۇرۇۋاتقان بىر قىسىم دىن سۈيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىشى، خالىس ياردەم بېرىشى ھەم رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، بىز بىر قانچىمىز سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك بولۇشىغا قارىماي، ﷲ تائالانىڭ ئىرادىسى ۋە ياردىمى ئارقىسىدا، مەشھۇر دىنىي ئالىم ئىبنى كەسىرنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەپسىرى «قۇرئان كەرىم تەپسىرى» نىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى مەشھۇر ئىسلام تەتقىقاتچىسى سەفىيۇرراھمان ئەلمۇبارەكفورى رىياسەتچىلىكىدە بىر تۈركۈم ئۆلىمالار تەرىپىدىن تەھقىقلەپ، قىسقارتىلغان، “دارۇسسالام” نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان نۇسخىسى “المصباح المنير في تهذيب تفسير ابن كثير” نى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە سونۇش ئۈچۈن بىر يەرگە كەلدۇق. گەرچە بۇ كىتاب ئۆزىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئىلمىي سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، تەرجىمانلاردىن يېتەرلىك دەرىجىدە سەۋىيە ۋە ماددىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن ھەقىقەت بولسىمۇ، يەنىلا ﷲ نىڭ ياردىمىگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئىقتىدارىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تىرىشتۇق. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ غايەت زور ئېھتىياجى بار بۇ ساھە ئېتىبارسىز تاشلىنىپ قالسا، قىيامەت كۈنى ﷲ نىڭ ئالدىدا جاۋاب بېرىش مەسىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان.

تەپسىرنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر! ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىزدە تېخى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دىن باشقا قۇرئان كەرىم ھەققىدە تولۇق يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بىرمۇ تەپسىر كىتاب يوق. دېمەك بۇ، ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدىن تارتىپلا ئىسلام دىنى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان، ئىسلام ئەقىدىسىنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن چوڭ بىر تارىخىي بوشلۇقتىن ئىبارەت. ئالىم ئىبنى كەسىرنىڭ بۇ تەپسىرى مۇسۇلمانلارنىڭ تەپسىر ساھەسىدىكى ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرىشىشى يوقىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە باشلىغان بۇ ئەمگەكنى ﷲ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن ئاخىرىغا ئېلىپ چىقتۇق. ھالبۇكى، كىتابنىڭ ئەرەب تىل ـ قائىدە قانۇنىيەتلىرىگە خاس ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، مەزمۇنلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىزنى بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەھرىرلەش جەريانىدا قىسمەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىراتماي قالمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب ۋە پارس تىل - مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنى ئاتالغۇ- ئىستىلاھلار پارس ۋە ئەرەب تىلى بويىچە قوبۇل قىلىنىپ كەلگەنلىكتىن، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى پەقەتلا تونۇشسىز. شۇڭا بىز مۇنداق ئاتالغۇ ۋە ئىپادىلەش ئۈسۇللىرىنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر تىلىغا ماس قىلىپ ئىپادىلەشكە تىرىشتۇق.

بىز يەنە بۇ كىتابتىن پايدىلىنىشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:

v ئەرەبچە نۇسخىسىدىكى رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكلىرىدىن شۇ رىۋايەتتىكى دەسلەپكى كىشى بىلەن ئاخىرقى كىشىنىڭ ئارىلىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكلىرىنى قىسقارتىۋەتتۇق.

v بەزى سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكىلىك ئانالىزلارنى قالدۇرۇۋەتتۇق.

v قىرائەت ئىلمىگە دائىر بايان قىلىنغان پەرقلىق شىۋىلەرنى ۋە ئۇلاردىن ئېلىنغان شاخچە مەزمۇنلارنى قىسقارتىۋەتتۇق.

v ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسى قىسمەن جايلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى دېگۈدەك مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دىن ئېلىندى. ئاپتورنىڭ ئايەتكە بەرگەن تەپسىرى بىلەن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ شۇ ئايەتكە بەرگەن تەرجىمىسىدە ئوخشىماسلىق بولغان قىسمەن ئورۇنلارغا ئىزاھات بېرىلدى.

v تەپسىرنى تەرجىمە قىلىشتا جۈملىمۇ ـ جۈملە تەرجىمە قىلىش پرىنسىپىنى قوللاندۇق. ئەمما، مەزمۇن جەھەتتە مۇھىم بولمىغان، تەكرارلىنىش قېتىم سانى كۆپ بولغان جۈملىلەرنى قالدۈرىۋەتتۇق.

v بەزى شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە بىر قىسىم دىنىي ئاتالغۇلارنىڭ ئىزاھاتلىرىنى كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى ئىزاھات بۆلۈمىگە بەردۇق.

v تەپسىردە بەزى مەزمۇن ۋە كۆز قاراشلارنىڭ تەكرارلىنىشى، مۇپەسسىرلەرنىڭ بىر- بىرىگە زىت قاراشلىرى ۋە باش- ئاخىرى قىسقارتىپ ئېلىنغان بىر قىسىم مەزمۇنلار بار بولۇپ، بۇنىڭغا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

v تەپسىردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن باشقا، مۇپەسسىرلەردىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىلا قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىندى.

v بىز يەنە تەپسىردە “ئاللاھ” كەلىمىسنى “ﷲ” دەپ، ئەر ساھابىلەرگە خاس بولغان “ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن”، “ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن”، “ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن” ئىبارىلىرىنى ئەرەبچىدىكى ئەينى تىرانسىكرىپىسىيەسى بۇيىچە “رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم” دەپ، ئايال ساھابىگە قارىتا “رەزىيەللاھۇ ئەنھا” دەپ ئەينەن ئىشلەتتۇق.

قۇرئان كەرىمنىڭ بارلىق كائىناتنى ياراتقۇچى، ھەممىنى رىزقلاندۇرغۇچى، ھەممىگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى زات ﷲ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت- سائادەت يولىدىكى مەشئەل قىلىنىشى ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئىلاھىي دەستۇر ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىش، توغرا ھۆكۈم قىلىش ۋە توغرا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەزمۇنلارنى بىلىش ئىنتايىن زۆرۈر. شۇڭا تەپسىر توغرىسىدا توختىلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ تەپسىرنى ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى ئوقۇشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئىلىملىرىگە دائىر بەزى مۇھىم تىمىلار، بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى دەۋردىكى تەپسىرلەر ھەم ئۇلارنىڭ تۈرلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە يىغىنچاقلاپ مەلۇمات بېرىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق:

v قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى: قۇرئان كەرىم ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئالاقىدار بولغان بارلىق ھۆكۈملەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر دەستۇردۇر. ﷲ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق﴾[1] لېكىن، قۇرئان كەرىمدە كەلتۈرۈلگەن ھۆكۈملەر، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە يىغىنچاق شەكىلدە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىس ۋە سۈننەتلىرى ئارقىلىق شەرھىلەنگەن.

v قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشقا باشلىغان يىلى ۋە ئۇنىڭ نازىل بولغان يېرى: ئىشەنچلىك تارىخىي مەنبەلەرگە كۆرە، قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھىجىرىيەدىن 13 يىل ئىلگىرى (مىلادىيەنىڭ 611 ـ يىلى) رامىزان ئېيىنىڭ 21 ـ كۈنى، <دۈشەنبە> كۈنىدىن تارتىپ چۈشۈشكە باشلىغان. بۇ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەن يىل بولۇپ، ﷲ تائالانىڭ ئۇلۇغ ھېكمىتى بىلەن قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس دەستۇر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئادەم ئۆمرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسەت، چۈشەنچە جەھەتتە ئەڭ يېتىلگەن، قىرانلىق، ئالتۇن دەۋرى بولغان 40 يېشىدا چۈشكەن. قۇرئان كەرىم دەسلەپتە ھەممە نەرسە خاتىرىلەنگەن تاختىدىن (يەنى لەۋھۇلمەھپۇز) دىن بىرىنچى قەۋەت ئاسماندىكى “بەيتۇل ئىززە” دېگەن يەرگە قەدىر كېچىسى بىرلا قېتىمدا چۈشۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە ھاكىم سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇرئان كەرىم ھەممە نەرسە خاتىرىلەنگەن تاختىدىن ئېلىپ چىقىلىپ بىرىنچى ئاسماندىكى “بەيتۇل ئىززە” دېگەن يەردە قويۇلدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. ئاندىن قۇرئان كەرىم جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق “ئەلەق سۈرىسى” نىڭ بېشىدىكى بەش ئايەت غارى ھىرادا تۇنجى نازىل بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ 23 يىل جەريانىدا تولۇق نازىل بولۇپ بولغان.

v دەسلەپتە چۈشكەن ئايەت توغرىسىدا ئالىملار ئىككى خىل قاراشقا ئىگە. بۇنىڭ بىرى ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەت “ئەلەق” سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتتۇر. چۈنكى، تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا ئېنىق دەلىل بولالايدۇ:

ئىمام بۇخارى بىلەن مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتقاندا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇنىڭغا: “ئوقۇ” دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دەيدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: “ئوقۇ” دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دەيدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن﴾ دەپ ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتنى ئوقۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنى ئۇنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.

يەنە بىرى “مۇددەسسر سۈرىسى”. لېكىن ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ئارقىسىدا ئېرىشكەن يەكۈنلىرى شۇكى، ئايەت ئېتىبارى بىلەن ئەڭ دەسلەپتە چۈشكەن ئايەت “ئەلەق سۈرىسى” نىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتتۇر. تولۇق چۈشكەن سۈرە ئېتىبارى بىلەن ئەڭ دەسلەپتە چۈشكەن سۈرە “مۇددەسسىر سۈرىسى” دۇر.

ئالىملار يەنە ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكەن ئايەتنىڭ قايسى ئايەت ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ بىر نەچچە خىل قاراشقا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ توغرا بولغىنى ﷲ تائالانىڭ: ﴿سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)﴾[2] دېگەن ئايىتىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئىبنى ئابباسنىڭ ﴿سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)﴾[3] دېگەن ئايەت ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكەن ئايەتتۇر،- دېگەن سۆزىدۇر.

 قۇرئان كەرىمنىڭ رەتكە تىزىلىش تەرتىپى ئۇنىڭ زېمىنغا چۈشۈرۈلۈش تەرتىپى بىلەن ئەمەس، لەۋھۇلمەھپۇردىكى تەرتىپى بويىچە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قايسى سۈرىنى قايسى سۈرىنىڭ ئالدىغا ياكى ئارقىغا، قايسى ئايەتنى قەيەرگە قويۇش ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن كۆرسەتمىسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە ساھابىلەرگە تەلىم بېرىشى بويىچە تىزىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاندا قۇرئاننى ھازىرقى تەرتىپ بويىچە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا بىر قېتىم تىڭشىتاتتى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدىكى رامىزاندا بولسا، ئىككى قېتىم تىڭشاتقان.

قۇرئان كەرىم 114 سۈرە، 6236 ئايەتتىن تەركىب تاپقاندۇر.

سۈرىلەرنىڭ مەككىدە چۈشكەنلىكى ياكى مەدىنىدە چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش: بىر سۈرىنىڭ مەككىدە چۈشكەنلىكىنى ياكى مەدىنىدە چۈشكەنلىكىنى بېكىتىشتە ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلەشكەن:

بىرىنچى، مەيلى ھىجرەتتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەككىدە چۈشكەن سۈرىلەرنى مەككىدە چۈشكەن دەپ ئاتاش، مەدىنىدە چۈشكەن سۈرىلەرنى مەدىنىدە چۈشكەن دەپ ئاتاش قارىشى. بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىنا ۋە ئەراپات تاغلىرىدەك مەككىنىڭ تەۋەلىرى ھېسابلىنىدىغان جايلاردا چۈشكەن سۈرىلەرمۇ مەككىدە چۈشكەن سۈرىلەرنىڭ قاتارىغا، ئۇھۇد تېغى ۋە بەدىر قۇدۇقىدەك مەدىنىنىڭ تەۋەلىرى ھېسابلىنىدىغان جايلاردا چۈشكەن سۈرىلەرمۇ مەدىنىدە چۈشكەن سۈرىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.

ئىككىنچى، مەككىدىكى كىشىلەرگە خىتاپ قىلىپ چۈشكەن سۈرىلەرنى مەككىدە چۈشكەن، مەدىنىدىكى كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ چۈشكەن سۈرىلەرنى مەدىنىدە چۈشكەن دەپ ئاتاش قارىشى. بۇ قاراش ساھابىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن ﷲ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى “يأيها الناس” (يەنى ئى ئىنسانلار!) دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلانغانلىرى مەككىدە نازىل بولغان، “يأيها الذين آمنوا” (يەنى ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر!) دېگەن سۆزلەر بىلەن باشلانغانلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان.

ئۈچىنچى، ھىجرەتتىن بۇرۇن چۈشكەن سۈرىلەرنى مەككىدە چۈشكەن، ھىجرەتتىن كېيىن چۈشكەن سۈرىلەرنى مەدىنىدە چۈشكەن دەپ ئاتاش قارىشى.

بۇ قاراش بويىچە بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن كېيىن مەككىگە بارغاندا چۈشكەن سۈرىلەرمۇ مەدىنىدە چۈشكەن سۈرە، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەڭ توغرا ۋە كۈچلۈك بولغان مەشھۇر قاراشتۇر. سۈرىلەرنىڭ مەككىدە نازىل بولغان ياكى مەدىنىدە نازىل بولغان دەپ ئاتىلىشىمۇ مۇشۇ قاراش بويىچە بولغان.

v سۈرىلەرنىڭ مەككىدە ياكى مەدىنىدە چۈشكەنلىكىنى بىلىشنىڭ پايدىلىرى: سۈرىلەرنىڭ قەيەردە چۈشكەنلىكىنى بىلىشنىڭ پايدىلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

بىرىنچى، بىر ئورۇندا بىرەر ئىشنى قىلىشتىن توسۇش ياكى بىرەر ئىشقا بۇيرۇشقا كەلگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەر يەنە بىر ئورۇندا ئۇنىڭ ئەكىسىچە كەلگەندەك ياكى ئازراق قوشۇمچە قىلىنغان ۋە مەلۇم بىر سەۋەبلەرنى شەرت قىلغان ھالدا كەلگەندەك ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەندە، قايسى ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا پايدىلىق. چۈنكى، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش كۆرۈلگەن ئايەتلەردە، مەدىنىدە چۈشكەن ئايەتلەر مەككىدە چۈشكەن ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھۆكۈمدىن ئەلۋەتتە مەدىنىدە چۈشكەن ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكام، قائىدە ـ تۈزۈم، بەلگىلىمىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانىنى بىلىۋېلىشقا ياردىمى بولىدۇ. مېھرىبان ﷲ بىرەر ئېغىر ھۆكۈمنى يولغا قويماقچى بولسا ئۇنى بىراقلا يولغا قويماستىن بەلكى باسقۇچلارغا بۆلۈپ قەدەممۇ ـ قەدەم يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى تۇتىدۇ. ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئاخىرقى باسقۇچتا پۈتۈنلەي ھالدا ھارام قىلىنىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

ھۆكۈملەرنىڭ تەدرىجىي ھالدا يولغا قويۇلىشى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمەتكە ئىگە دىن ئىكەنلىكىنىڭ روشەن پاكىتىدۇر. چۈنكى، بۇ خىل ئوسۇل ھېچقانداق تەربىيە كۆرمىگەن كىشىلەرنى يەنى، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىغا، شۇنداقلا ئۆز قەۋمىگە، ئۆز مىللىتىگە تەۋە پىسخىك خاسلىقى بىلەن مەلۇم بىر نەرسىنى چۈشىنىشتىن، ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن، ئۇنىڭغا ئادەتلىنىشتىن ناھايىتى يىراق قالغان كىشىلەرنى تەربىيىلەشتە ئەڭ ياخشى تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، سۈرىلەرنىڭ قەيەردە چۈشكەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش، ئالىملارنىڭ ئۇنى قايسى جايدا، قانداق ئەھۋالدا، نېمە سەۋەپتىن چۈشكەنلىكىنى بىلىشى ۋە ئۇنى توغرا چۈشىنىپ، توغرا ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

v قايسى سۈرىنىڭ قەيەردە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەر ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن قىلىنغان ئىشەنچلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بېكىتىلگەن. بىز بۇ ئالامەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندا، قايسى سۈزىنىڭ قەيەردە چۈشكەنلىكىنى ئۆزلىگىدىن بىلىۋېلىشغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن قىسقىچە بايان قىلماقچىمىز:

1- ئەرەبچە “كلا” دېگەن سۆز بار ھەرقانداق سۈرە مەككىدە چۈشكەن. بۇ سۆز قۇرئاندا 33 يەردە تەكرارلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئاننىڭ ئاخىرقى 15 پارىسىنىڭ ئىچىدىكى 15 سۈرە ئىچىدە كەلگەن.

2- سەجدە ئايىتى بار ھەرقانداق سۈرە مەككىدە چۈشكەن.

3- بەقەرە ۋە ئال ئىمران سۈرىلىرىدىن باشقا سۈرىنىڭ بېشىدا ئۈزۈپ ئوقۇلىدىغان ئېلىپە ھەرپلىرى بار ھەرقانداق سۈرە مەككىدە چۈشكەن.

4- بەقەرە سۈرىسىدىن باشقا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ھەرقانداق سۈرە مەككىدە چۈشكەن.

5- بەقەرە سۈرىسىدىن باشقا ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىبلىسنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ھەرقانداق سۈرە مەككىدە چۈشكەن.

6- “ئى ئىنسانلار” ياكى “ئى ئادەم بالىلىرى!” دېگەن سۆزلەر كەلگەن سۈرىلەر مەككىدە چۈشكەن. “ئى مۆمىنلەر!” دېگەن سۆز بار سۈرىلەر بولسا، مەدىنىدە چۈشكەن. پەقەت ھەج سۈرىسىدىكى “ئى مۆمىنلەر!” دەپ باشلانغان بۇ ئايەت بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

7- ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىگە ئائىت مەزمۇندىكى سۈرىلەر مەككىدە، پەرز ئەمەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ۋە جىنايەتلەرنىڭ جازالىرىنى بايان قىلغان سۈرىلەر مەدىنىدە چۈشكەن. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى چېغىدا ساھابىلارغا دىننىڭ ئاساسى بولغان ئەقىدە، تەۋھىد ئۇقۇملىرىنى بىلدۈرگەن. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى، كېڭىيىشى ۋە كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ، قانۇن ـ تۈزۈمگە ئائىت ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان.

8- ئايەتلىرى قىسقا - قىسقا كەلگەن سۈرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەككىدە، ئايەتلىرى ئۇزۇن - ئۇزۇن كەلگەن سۈرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەدىنىدە چۈشكەن.

9- ئەنكەبۇت سۈرىسىدىن باشقا مۇناپىقلارنىڭ بايانى بار ھەرقانداق سۈرە مەدىنىدە چۈشكەن. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى ئاجىز بولغان مەككىدىكى چاغلاردا مۇناپىقلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈلمىگەن، مۇسۇلمانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ (دىننىڭ كۈچىدىن قورقۇپ) مۇسۇلمان بولىۋالغان مۇناپىقلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان.

ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى بىلىشنىڭ ئەھمىيىتى: قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىرەر سەۋەب بىلەن چۈشۈرۈلگەن ئايەتلەر ۋە چۈشۈشكە ھېچقانداق سەۋەب بولمىغان، ئەمما ﷲ تائالا پەقەت ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى بەندىلىرىگە بايان قىلىپ بېرىش مەقسىدىدە چۈشۈرگەن ئايەتلەر، دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئىككىنچى خىلدا چۈشكەن ئايەتلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.

بىرەر ئىش سەۋەبىدىن چۈشۈرۈلگەن ئايەتلەر بولسا سورالغان ياكى سورالماقچى بولغان بىرەر ئىشقا ياكى ھۆكۈم قىلىنىشقا زۆرۈر بولۇپ قالغان بىرەر مەسلىگە قارىتا چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ.

كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشى بويىچە، ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېرىشىلىدىغان پايدىلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

1- ھۆكۈملەرنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەتلەرنى چۈشىنىش.

2- ھۆكۈملەرنى ئومۇملۇقتىن خاسلاشتۇرۇش.

3- ئايەتتە نېمىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش.

بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىيە: ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بىلىش شۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشىنىشكە پايدىلىقتۇر. چۈنكى، بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپچى بولغان ئامىل شۇ ئىشنى ياخشى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ،- دېگەن.

5- ئايەتنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەپكار بولغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلىش.

v قۇرئاننىڭ كىتاب شەكلىدە توپلىنىشى: قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان 23 يىل جەريانىدا مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، ﷲ تائالا خالىغان ۋاقىتتا چۈشۈرۈلۈپ تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر ئايەت چۈشكەن ھامان ئايەتلەرنى يېزىشقا تەيىنلىگەن ساھابىلىرىغا ئۇنى يېزىشقا بۇيرۇپ، ئايەتنىڭ يېزىلىش ئورنى ۋە تەرتىۋىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرەتتى. خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرى، تېرە ياكى ياپىلاق تاشتەك نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بىرىدە ساقلىناتتى. ھەر ۋاقىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئايەتلەر چۈشۈپ تۇرغاچقا، قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ھازىرقىدەك بىر كىتاب شەكلىدە توپلانمىغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىككە تەيىنلەندى. شۇ دەۋرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن پەيغەمبەرلىك دەۋاسىنى قىلغان مۇسەيلىمە كاززاپنىڭ ئادەملىرى ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۇرۇش يۈز بېرىپ، بۇ ئۇرۇشتا شېھىت بولغان كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدا قۇرئاننى ياد ئالغان نۇرغۇن قارىلارمۇ بار ئىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قارىلارنىڭ ئۇ ئۇرۇش، بۇ ئۇرۇشتا شېھىت قىلىنىپ كېتىپ قۇرئاننىڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا كېلىپ قۇرئاننى كىتاب شەكلىدە توپلاش مەسلىھەتىنى بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا قىلمىغان ھەم قىلىشقىمۇ بۇيرىمىغان بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىككىلىنىپ قالغان ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قايتا ـ قايتا ئۆتۈنىشى بىلەن بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، قۇرئاننى ھازىرقى شەكىلدە رەتلەپ چىقىشقا ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئايەتلەرنى يېزىشقا تەيىنلەنگەن قارى زەيد ئىبنى سابىتنى مەسئۇل قىلدى.

 قۇرئاننى كىتاب شەكلىدە توپلاشتا، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەينى چاغدا يېزىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان ئايەتلەر بىلەن قارىلارنىڭ ياد ئالغىنىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يېزىشى تاپىلاندى. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىمۇ قۇرئاننى پۇختا ياد ئالغان قارى ئىدى. زەيد ئىبنى سابىت قۇرئاننى كىتاب شەكلىدە توپلاشتا ئاساسلىقى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇلغان ئايەتلەرگە تاياندى. قوشۇمچە قىلىپ قۇرئاننى يېزىپ ئۆز ئالدىغا ساقلاۋاتقان ساھابىلارنىڭ يازمىلىرىغىمۇ تاياندى. لېكىن ئۇ، ئۇلار يېزىپ ساقلىغان ئايەتلەرنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئايەتلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىلغانلىقىغا گۇۋاھچى بولىدىغان ئىككى ئادىل كىشىنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلدى.

ﷲ نىڭ خالىشى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەلىۋى، ئەبۇبەكرىنىڭ بۇيرۇقى، باشقىلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى، زەيدنىڭ قاتتىق ئەستايىدىللىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرئان بىر پۈتۈن كىتاب بولۇپ توپلىنىپ چىقىلدى. بۇ كىتاب ئەبۇبەكرىنىڭ ۋاپاتىغىچە ئۇنىڭ قېشىدا، ئاندىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدا، ئۆمەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ قىزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسەنىڭ ئۆيىدە ساقلاندى.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىكى دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان جايلارنىڭ ئىسلامغا كىرىپ، ئىسلام دۆلىتىگە ئايلىنىشى بىلەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ چېگراسى كېڭەيدى. قۇرئان ئەسلىدە يەتتە خىل قىرائەت شىۋىسى بىلەن چۈشكەن بولۇپ، يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن، قۇرئاننىڭ مۇشۇنداق كۆپ شىۋە بىلەن چۈشكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئارىسىدا قۇرئاننى بىر خىل شىۋىدە ئوقۇغان بىرى يەنە بىر خىل شىۋىدە ئوقۇغان بىرىنىڭ ئوقۇغان قۇرئانىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك زىدىيەتلەر كېلىپ چىقتى. بۇ خىل ئىختىلاپتىن يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەفسەنىڭ يېنىدىكى قۇرئاننى ئەكەلدۈرۈپ، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئابدۇللا ئىبنى زۇبەير، سەئىد ئىبنى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىس قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان (قۇرەيش شىۋىسىنى ئاساس قىلغان) بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، قۇرئاننى ئالتە نۇسخا (يەنە بىر رىۋايەتتە يەتتە نۇسخا) كۆپەيتىپ يېزىپ، شۇ چاغدىكى ئىسلام ۋىلايەتلىرىگە بىر نۇسخىدىن ئەۋەتىپ بەردى. ھەفسەدىن ئارىيەتكە ئېلىنغان ئەسلى نۇسخىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، كۆپەيتىلگەن نۇسخىدىن بىرنى ئۆز يېنىدا ساقلاپ قالدى. كۆپەيتىلگەن بۇ يېڭى نۇسخىلاردىن باشقا ھەممە قۇرئانلارنى، ھەتتا ساھابىلارنىڭ ئۆزلىرى يېزىپ ساقلاۋاتقان نۇسخىلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈشكە، قۇرئاننى يېڭى نۇسخا بويىچە ئۆگىنىشكە ۋە ئۆگىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. مانا بۇ بىز كۆرۈۋاتقان قۇرئاننىڭ «ئوسمانىيە نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا قارىغاندا كۆچۈرۈلگەن ئاشۇ قوليازمىلارنىڭ بىر قىسمى دۇنيادىكى چوڭ موزېيلارنىڭ بەزىسىدە ساقلىنىپ كېلىنمەكتە.

تەپسىرلەرنىڭ تۈرلىرى

بىز قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىر تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن «قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە توختالماقچىمىز.

“قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى” بولسا، مۇپەسسىرلەرنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى، دىنىي ۋە ئىلمىي سەۋىيەسى ئارقىلىق ئىگەللىگەن مەلۇماتلىرى ئاساسىدا قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىشىدۇر.

قۇرئان كەرىم ھەققىدە يېزىلغان تەپسىرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار كۆز قاراش ۋە پىكىر جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئالتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

v ئەسەرلەر (رىۋايەتلەر) گە تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەر

 بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنى يازغۇچىلار تەپسىر قىلىش ئۇسۇلىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىغا تايانماستىن، بەلكى بىر ئايەتنى باشقا بىر ئايەت بىلەن، ئەگەر ئۇ ئايەت ھەققىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بولسا شۇ ھەدىس بىلەن ۋەياكى ساھابىلاردىن ۋە تابىئىنلاردىن قالغان ئەسەر بولسا شۇ ئەسەرلەر بىلەن تەپسىر قىلغان. تۆۋەندىكىلەر بۇ تۈردىكى تەپسىرلەردىندۇر:

① تەپسىر تەبەرى “جامع البيان في تفسير القرآن للطبري”:

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى ئەبۇجەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئىبنى يەزىدتۇر. ئىبنى جەرىر تەپسىر قىلىشتا ئايەتلەرنى ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن قالغان ئەسەرلەرگە تايىنىپ تەپسىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز ئىكەنلىكىگىمۇ ئالاھىدە ئىشارەت قىلىپ، قايسى قاراشنىڭ قايسىسىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى باھالاپ ئۆتىدۇ.

بۇ تەپسىر يۇقىرىقىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بۇندىن بۇرۇن بۇ تۈر بويىچە يېزىلغان تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇلغان. كۆپلىگەن ئالىملار بۇ تەپسىر ھەققىدە ناھايىتى ياخشى باھا بەرگەن. ھەتتا ئىمام نەۋەۋىي بۇ تەپسىرنىڭ تەرىپىنى قىلىپ: ھېچكىم ئىبنى جەرىرنىڭ تەپسىرىدەك بىرەر تەپسىر قىلمىدى،- دەپ ماختىغان. لېكىن بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئىبنى جەرىر شۇ زاماندىكى كىشىلەرگە مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تەپسىرىدە رىۋايەت قىلغان بەزى رىۋايەتلەرنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەنلىكىگە ئەسكەرتىش بەرمەي ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ تەپسىر ئامما ئارىسىغا كەڭ تارقالغان تەپسىرلەرنىڭ بىرىدۇر.

② تەپسىر ئىبنى كەسىر “تفسير القرآن العظيم”:

بۇ قولىڭىزدىكى مەزكۇر تەپسىر كىتاب بولۇپ، بۇ تەپسىر مۇشۇ تۈر بويىچە مەيدانغا كەلگەن تەپسىرلەر ئىچىدە ئەڭ توغرا دەپ باھا بېرىلگەن، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىدا يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغان تەپسىرلەردىندۇر. ﷲ تائالا خالىسا، بۇ تەپسىر ھەققىدە ئۆز نۆۋىتىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمىز.

③ بەھرۇلئۇلۇم “بحر العلوم”:

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى ھەنەفىي مەزھەبىگە مەنسۇپ بولغان سەمەرقەنتلىك ئەبۇللەيس نەسىر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم دېگەن ئالىمدۇر. ئاپتور بۇ تەپسىرنى يېزىشتا ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ سۆزلىرىنى، ئۇ سۆزلەرنىڭ كىم ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئاساستا بايان قىلىدۇ. بۇ تەپسىر ھازىرمۇ بەزى كىتابخانلاردا قول يازما ھالىتىدە ساقلانماقتا.

④ ئەلدۇررۇل مەنسۇر فىت تەپسىرىل مەئسۇر “الدر المنثور في التفسير بالمأثور”:

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى جالالۇددىن ئەبۇلفەزلى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى مۇھەممەد دېگەن ئالىمدۇر.

بۇ تەپسىر بۇ تۈردىكى تەپسىرلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئەسەرگىلا تايانغان تەپسىردۇر. بۇ تەپسىر ئالتە توم قىلىپ بېسىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان. بۇ تۈردە يېزىلغان تەپسىرلەردىن يەنە يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدىن باشقا نۇرغۇن تەپسىرلەر بار.

v فىقھى ئىلىمنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ يېزىلغان تەپسىرلەر

فىقھى ئىلمى يەنى ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن ـ تۈزۈم، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان تەپسىرلەر مەزمۇن جەھەتتىن ئىسلام دىنىنىڭ قانۇن ـ تۈزۈم، شەرئىي ئەھكاملىرىغا ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خىلدىكى تەپسىرلەر بەزىدە بىرەر مەزھەبنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ يېزىلسا، بەزىدە تۆت مەزھەبنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا يېزىلغان.

بۇ تۈردىكى تەپسىر كىتابلىرىدىن تۆۋەندە بىر نەچچىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:

① ئەھكامۇلقۇرئان “أحكام القرآن”: يەنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى دېگەن تەپسىر كىتاب بولۇپ، ئۇنى جەسساس دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئەبۇبەكرى ئەھمەد ئىبنى ئەررازى دېگەن ئالىم يازغان. ئۇ ھەنەفىي مەزھەبىدە بولۇپ، بۇ مەزھەبنىڭ كاتتا ئالىملىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تەپسىر كىتابىمۇ ھەنەفىي مەزھەبىنىڭ كۆز قارىشى ئاساسىدا ۋە فىقھى تۈرىدە ئەڭ بۇرۇن يېزىلغان ئاساسلىق تەپسىر ھېسابلىنىدۇ.

② ئەھكامۇلقۇرئان “أحكام القرآن”: يەنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى دېگەن تەپسىر كىتاب بولۇپ، ئۇنى ئىبنۇل ئەرەبىي دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئەندەلۇسلۇق (ئىسپانىيە) ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دېگەن ئالىم يازغان.

ئاپتور مالىكى مەزھەبىدە بولۇپ ئۇنىڭ مەزكۇر تەپسىر كىتابىمۇ مالىكى مەزھەبىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلغان. بۇ تەپسىر كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.

③ جامىئۇلئەھكامىل قۇرئان “جامع الأحكام القرآن”: يەنى قۇرئان ھۆكۈملىرىنىڭ توپلىمى دېگەن تەپسىر كىتاب بولۇپ، بۇنى ئەبۇئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەبۇبەكرى دېگەن ئەندەلۇسلۇق (ئىسپانىيە) ئالىم يازغان. ئاپتور گەرچە مالىكىي مەزھەبىدە بولسىمۇ، لېكىن باشقا مەزھەب ئىماملىرىنىڭ كۆز قاراش، دەلىل ـ پاكىتلىرىنى بايان قىلىدۇ.

بۇ تەپسىر مۇشۇ تۈر بويىچە يېزىلغان تەپسىرلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىل ۋە كەڭ دائىردە يېزىلغان تەپسىردۇر. بىراق ئاپتور ئۆزى مالىكىي مەزھەبىدە بولغاچقا قىسمەن ھاللاردا ئۆز مەزھەبىگە ئېغىپ كېتىپ قېلىشتىن ساقلىنالمىغان. بۇ تەپسىرمۇ كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان.

④ ئەھكامۇلقۇرئان “أحكام القرآن”: يەنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى. بۇ تەپسىرنى ھاراسىي دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئەبۇلھەسەن ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلكىيا دېگەن ئالىم يازغان بولۇپ، ئاپتور بۇ تەپسىرنى ئۆزى تەۋە بولغان شافىئىي مەزھەبىنىڭ كۆز قارىشى ئاساسىدا ۋە ئۇنى قاتتىق ھىمايە قىلغان ھالدا يېزىپ چىققان. بۇ تەپسىر كىشىلەر ئارىسىغا تارقالماستىن، پەقەت كىتابخانلاردا قول يازما سۈپىتىدە ساقلانماقتا.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەپسىرلەر پەقەت بۇرۇنقى زاماندا يېزىلغان، شۇنداقلا ئاساسىي جەھەتتىن بىرەر مەزھەپنىڭ كۆز قارىشىغا بەكرەك بېرىلگەن ھالدا يېزىلغان تەپسىرلەردۇر.

بۇندىن باشقا، يېقىنقى 100 يىل مابەينىدە شەرئىي مەسىلىلەرگە قارىتا تۆت مەزھەبنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتبىقلاش ئاساسىدا يېزىلغان يىڭى تەپسىرلەرمۇ خېلى كۆپ. بۇ تەپسىرلەردىن:

① مۇھەممەد ئەلى سايىسىنىڭ ئايەتۇلئەھكام “أحكام القرآن” يەنى ھۆكۈم ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى دېگەن كىتابىدۇر. بۇ تەپسىر ئىككى توم بولۇپ ھازىر كۆپلىگەن ئىسلامىي ئالىي مەكتەبلەردە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلمەكتە.

بۇ تەپسىر باشقا تەپسىرلەردە يوق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن مۇشۇ تېمىدا ھازىرقى زاماندا يېزىلغان تەپسىرلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

② مۇھەممەد ئەلى ئەسسابۇنىنىڭ ئاياتۇلئەھكام “أحكام القرآن” دېگەن تەپسىر كىتابى. بۇ تەپسىرمۇ ئىككى توم بولۇپ ئامما ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. ئەمما بۇ تەپسىر ئىلگىرىكى تەپسىردەك كەڭ دائىرىدە ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭدا بار بەزى ھۆكۈملەر بۇنىڭدا يوق. لېكىن بۇ تەپسىردىمۇ ئۇنىڭدا يوق بەزى ئارتۇقچىلىقلار بار.

يۇقىرىقى تەپسىر كىتابلاردىن باشقا مەيلى بىرەر مەزھەبنىڭ ياكى تۆت مەزھەبنىڭ ۋەياكى تۆت مەزھەبتىن باشقا شىئە مەزھىبىدەك مەزھەبلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلغان تەپسىر كىتابلارمۇ خېلى بار.

v تارىخ ۋە قىسسىلەرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان تەپسىرلەر

بۇ خىلدىكى تەپسىرلەردە تارىخىي ۋەقەلىك ۋە قىسسىلەر، ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلاردا كۆپ توختىلىدۇ. سۆئلەب ۋە خازىنلارنىڭ تەپسىرلىرى بۇ خىلدىكى تەپسىرلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدۇر.

سۆئلەب ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە گەرچە ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ۋە ئەسەرلەرگە تايانغان بولسىمۇ، لېكىن، تەپسىردە تارىخىي ۋەقەلىك ۋە قىسسىلەرنىڭ بايانى كۆپتۇر. قىسسىلەرنى بايان قىلىشتا ھەتتا ئەھلى كىتابلاردىن قوبۇل قىلغان قىسسىلەرنى ئۇنىڭ توغرا - خاتالىقىغا ئىشارەت قىلىپ قويماستىنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمما خازىن تەپسىرىدە تارىخىي ۋەقەلىك ۋە قىسسىلەرنى بايان قىلغاندا، ئۇنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

v قۇرئان كەرىمنىڭ گىرامماتىكىلىق تىل قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان تەپسىرلەر

بۇ خىلدىكى تەپسىرلەر ئاساسەن ئەرەب تىلىنىڭ مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىلىق سۆز تەرتىپىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ تۈرلىنىش قائىدىلىرى، ھەر خىل گىرامماتىكىلىق شەكىللىرى ھەم شۇلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن گىرامماتىكىلىق مەنىلىرى، سۆزلەرنىڭ بىرىكمىسى ۋە جۈملە قۇرۇلمىسى جەھەتلەردىن ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان ھالدا چۈشكەنلىكىنى، تىل بايلىقى مول بولغان ئەرەبلەرنىڭ ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇنقى تىل سەنئىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەندەم شۇنىڭغا ماس ھالدا تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بىر كىتاب بولۇپ چۈشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. تۆۋەندىكىلىرى بۇ تۈردە يېزىلغان تەپسىرلەردىندۇر:

① ئەلبەھرۇلمۇھىت “البحر المحيط”

 بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى ئەبۇھەييان دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئەندەلۇسلۇق مەھەممەد ئىبنى يۇسۇف ئىبنى ئەلى ئىبنى يۇسۇف ئىبنى ھەييان دېگەن كىشىدۇر. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 654 ـ يىلى تۇغۇلغان. بۇ تەپسىر كىشىلەر ئارىسىغا تارقالغان.

② كەششاف “ الكشاف”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى زەمەخشەرى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان، خارەزىملىك ئالىم مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ كىشى مۇئتەزىلە ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ تەپسىرىمۇ بۇ قاراشنى ياقلايدىغان مەزمۇنلاردىن خالىي ئەمەس. لېكىن بۇ تەپسىر بۇ تۈر بويىچە يېزىلغان تەپسىرلەر ئىچىدە گىرامماتىكىلىق ۋە باشقا جەھەتلەردە ناھايىتى ئىلغار پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولغاچقا، سۈننى ئەقىدىسىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ تەپسىرنىڭ مۇئتەزىلە قارىشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنى چىقىرىۋېتىپ كىشىلەرنىڭ بۇ تەپسىردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر خىزمەت كۆرسەتكەن.

③ مەدارىكىل تەنزىل ۋە ھەقائىقۇلتەئۋىل “مدارك التنزيل وحقائق التأويل”

بۇ تەپسىر «تەپسىرى نەسەفىي» دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان. بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى ھەنەفىي مەزھەپىگە مەنسۇپ بولغان، كاتتا ئالىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مەھمۇد نەسەفىي دېگەن كىشىدۇر. ئۇ مەزكۇر تەپسىر كىتابىنى زەمەخشەرىنىڭ مۇئتەزىلە كۆز قارىشىدىن ناھايىتى يىراق بولغان ھالدا ئۇنىڭ «كەششاف» دېگەن تەپسىرىدىن ۋە «تەپسىرۇلبەيداۋىي» لاردىن ئىخچاملاپ يېزىپ چىققان.

v پەلسەپەۋىي ئاڭ ۋە ئەقلىي كۆز قاراشلار ئاساس قىلىپ يېزىلغان تەپسىرلەر

بۇ ماۋزۇدا يېزىلغان تەپسىرلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى پەخرۇددىن رازى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مۇھەممەد ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ھۇسەين ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئەلى تەرىپىدىن يېزىلغان «مەفاتىھۇلغەيب»، يەنى غەيىبلەرنىڭ ئاچقۇچلىرى دېگەن تەپسىردۇر.

 ئاپتور بۇ تەپسىردە ئاسمان جىسىملىرى، تەبىئەت ئىلىملىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. پەيلاسوپلارنىڭ ۋە ھېكمەت ئىگىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى كۆپ نەقىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنغا قارشى خاتا كۆز قاراش، پىكىرلىرىنى ۋە دىن ھەققىدە بولغان شەك - شۈبھىلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. بىراق رەددىيە بېرىشتە ئۇلارنىڭ دەلىل ـ پاكىتلىرى كۈچلۈك ھالەتتە بايان قىلىنىپ، ئۇ دەلىللەرگە بېرىلگەن رەددىيەلەر ئاجىز ھالەتتە بولۇپ قالغان تەرەپلىرى بار.

ئالىملار بۇ تەپسىرگە؛ ئىچىدە ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدىن باشقا ھەممە مەزمۇنلار بولغان تەپسىر،- دەپ باھا بېرىشكەن. بۇ تەپسىرمۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا تارقالغان تەپسىرلەردىندۇر.

v سۈننى مەزھىبىدىكىلەرنىڭ ئەقىدىسىدىن چەتنەپ كەتكەن تائىپىلارنىڭ يازغان تەپسىرلىرى

«قۇرئان كەرىم» ﷲ تائالانىڭ روشەن پاكىتلىرى ۋە كەسكىن ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئىلاھىي دەستۇر بولۇپ، ئۇ مەزمۇنى ئېنىق، بەندىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىپ چۈشۈرۈلگەن كىتابتۇر. لېكىن سۈننى ئەقىسىدىن يات ھالدا ھەرخىل غەرەز، مەقسەت ۋە نىشان ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن تائىپىلار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نادان خەلقلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خاتا پىكىر، ئىددىيەلىرى ئاستىغا توپلاش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆز نەزەرىيەلىرىگە ماس ھالدا تەپسىر قىلغان. تۆۋەندىكى تەپسىرلەر بۇلارنىڭ بىر قىسمىدۇر:

① كەششاف:

بۇ تەپسىرنىڭ قانداق تەپسىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاپتورىنىڭ مۇئتەزىلە ئەقىدىسىدە ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق.

②تەنزىھۇلقۇرئان ئەنىلمەتائىن “تنزيه القرآن عن المطاعين”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى قازى ئابدۇلجاببار ئىبنى ئەھمەد ئىبنى خەلىلدۇر. بۇ كىشى مۇئتەزىلە تائىپىسىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەپسىرنى يېزىشتىكى مەقسىتى ئۆز قارىشىنى شەرھىلەش ۋە دەلىللەش ئۈچۈن بولغان. شۇڭا ئۇ بۇ تەپسىرىدە قۇرئاننىڭ ھەممە ئايەتلىرىنى تەپسىر قىلماستىن، ئەكسىچە ئايەتلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆز خاھىشىغا ۋە كۆز قاراشلىرىغا دەلىل بولالايدۇ، دەپ قارىغان ئايەتلەرنىلا تەپسىر قىلغان.

③ تەپسىرى ئىبنى ئەرەبى “تفسير ابن عربي”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئابدۇللاھ مۇھيىددىن ئىبنى ئەرەبى: «قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ئاشكارا ۋە مەخپىي مەنىسى بار، ئايەتلەردىن كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى پەقەتلا ئۇنىڭ مەخپىي مەنىسىدۇر» دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان تائىپىلاردىن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىنى تەپسىر كىتابىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان. ئايەتلەرنى تەپسىر قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئاشكارا مەنىسىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.

قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرلىرى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇل بويىچە ئالتە تۈرگە بۆلۈنگەندىن سىرت، يەنە ئاممىباب ئوقۇم بويىچە ئەسەر (رىۋايەت)گە تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەر ۋە ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ.

ئەسەرگە تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەر بولسا، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، مەزمۇنداش ئايەتلەرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرگە، ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەرلەرگە تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەردۇر.

ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەر بولسا، ئەسەرگە تايىنىپ قىلىنغان تەپسىرلەرنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇ پەقەت تەپسىرشۇناس ئالىملارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى، كۆز قارىشى ۋە ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىمنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالەتتە قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتا چوقۇم ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا، ﷲ تائالانىڭ ئايەتلەردە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسىدىگە ئۇيغۇن بولۇشنى، ھاۋايى ـ ھەۋەس ۋە خاھىشلارنىڭ تەسىرىدىن يىراق بولۇشنى شەرت قىلغان ھالدا قىلىنغان تەپسىرلەردۇر.

بۇ تۈردىكى تەپسىرلەرنىڭ ئىچىگە يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن فىقھى، تارىخ ۋە قىسسىلەر، پەلسەپە ۋە ئەرەب تىلى گىرامماتكىلىرى ئاساس قىلىنىپ يېزىلغان تەپسىرلەر كىرىشتىن سىرت، تۆۋەندىكى تەپسىرلەرمۇ كىرىدۇ:

① تەپسىر بەيداۋىي “تفسير البيضاوي”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى بولغان ئىمام بەيداۋىي ناسىرىددىن ئىبنى سەئىد، ئايەتلەرنى تەپسىر قىلغاندا ئەرەب تىلىنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا سۈننى مەزھەبىنىڭ دەلىل ـ پاكىتلىرى بويىچە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىر قىلىدۇ.

ئاپتور ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىش جەريانىدا ھەر بىر سۈرىنىڭ ئاخىرىسىغا شۇ سۈرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن شۇ ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ دەرىجىسىگە يەتكەن ياكى يەتمىگەن ھەدىس ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەيدۇ. بۇ تەپسىر ئۈچۈن نۇرغۇن شەرھىلەر يېزىلغان بولۇپ، «ھاشىيەتۇلشىھابىل خىفاجى» دېگەن شەرھى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھىسى ھېسابلىنىدۇ.

② تەپسىر جالالەين “تفسير الجلالين”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى جالالىددىن مۇھەممەد ئەل مۇھەللا ۋە جالالىددىن ئابدۇراھمان سۇيىتىلاردىن ئىبارەت ئىككى كاتتا دىنىي ئالىمدۇر.

ئۇلارنىڭ بۇ تەپسىرى ناھايىتى قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە يەتكۈزگەن مەنپەئەتى ناھايىتى چوڭ بولغان تەپسىرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. سەۋىيەسى تۆۋەن ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئوقۇپ پايدىلىنالايدىغان بۇ تەپسىر دىنىي ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغاندىن سىرت، ئاتاقلىق دىنىي ئالىملاردىن بىر قىسىملىرىمۇ بۇ تەپسىرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي دەرس ئوقۇتۇشلىرىدا ۋە دىنىي سۆھبەتلىرىدە قوللىنىپ كەلمەكتە.

يېڭى ئەسىردە يېزىلغان تەپسىرلەر

① ئەل جاۋاھىر فى تەپسىرىل قۇرئان “الجواهر في تفسير القرآن”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى شەيخ تانتاۋى جەۋھەردۇر. ئۇ تەبىئەت ئىلمىگە ناھايىتى قىزىقىدىغان ئالىم بولۇپ، تەپسىرىدىمۇ مۇشۇ ساھادىكى ئىلىمنى ئۆگىنىشكە كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرگەن، ھەم شۇ مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلار، تەبىئەت مەنزىرلىرى قاتارلىقلارنىڭ سۈرەتلىرىنىمۇ قىستۇرۇپ قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەپسىر كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ دېگەندەك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

② تەپسىرۇل مەنار “تفسير المنار”

شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ تەپسىر مەنىسى ئاسان بولغان سۆزلەر بىلەن يېزىلغان، ئايەتلىرى ئەدەبىي بايان ئۇسۇلى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن تەپسىر بولۇپ، ئاپتور بۇ تەپسىرىدە ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بۇ دىنغا قارىتا كەلتۈرگەن شەك ـ شۈبھىلىرىگە رەددىيە بېرىپ ئۇلارغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ. جەمىئىيەتتىكى بارلىق ئىللەت، ناچار قىلمىشلارنى پەقەت قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچىلا داۋالاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور تەپسىرىدە ئۆزىنىڭ «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئىنسانلارنى ئىككى دۇنيالىق بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشتۇرىدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرىمەن دېگەن ئۇلۇغۋار غايىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

بۇ تەپسىر فاتىھە سۈرىسىدىن باشلىنىپ يۈسۈف سۈرىسىنىڭ 101 ـ ئايىتىگە كەلگەندە ئاپتور ۋاپات بولۇپ كېتىپ داۋامى توختاپ قالغان. پۈتۈپ چىققان قىسمىمۇ چوڭ ـ چوڭ 12 توم بولۇپ بېسىلىپ تارقىتىلماقتا.

③ فى زىلالىل قۇرئان “في ظلال القرآن”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى يېڭى دەۋىردىكى ئىسلام بېغىدا يېتىشىپ چىققان ئېسىل مۆتىۋەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئالىم سەييىد قۇتۇبتۇر. ئۇ: “ئىسلام دىنى ئىنسانلار ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە باغلىنىشلىق، ئىسلام دىنىي ھايات كارۋىنىغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك” دەيدىغان ئەقىدىدىكى مۇتەپەككۇرلەردىندۇر. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ ئەقىدە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، شۇ ئەقىدىسى يولىدا شېھىت بولدى. ئۇنىڭ تەپسىرى ئىسلام دۇنياسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن تەپسىرلەردىندۇر.

ئاپتور تەپسىرىدە ھازىرقى دۇنيادا مەيدانغا كەلگەن بارلىق ئىجتىمائىي كېسەللىك ۋە زاۋاللىقنىڭ داۋاسىنىڭ پەقەت ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنى گۇمراھلىقتىن پەقەت ئىسلام دىنى ئارقىلىق قوتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەممە نەرسىنى ياراتقان پەرۋەردىگار ﷲ تائالانىڭ قۇرئاندا كۆرسەتكەن ھەقىقىي توغرا يولىغا قايتقاندىلا ئاندىن ئىككى دۇنيالىق بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ بۇ كۆز قارىشى ھەقىقەتتۇر. چۈنكى، ھازىرقى دۇنيادا يۈز بەرگەن ئېغىر ئىجتىمائىي ئىللەتلەر، كېسەللەر، پاجىئەلەرگە باشلايدىغان ھەرقانداق بىر كىچىك ئامىل ۋە سەۋەبكىمۇ ﷲ تائالا قۇرئاندا يول قويمىغان. ﷲ تائالا نېمىنى چەكلىسە شۇنى قىلغان، نېمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلمىغان ئەسكى ئىنسانلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يەر شارى خاراكتېرلىك بۇزۇلۇش دۇنيانىڭ گۇمران بولۇشىنى يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىنى تېزلەشتۈرمەكتە.

④ ئەل تەپسىرۇلبايان لىلقۇرئانىل كەرىم “التفسير البيان للقرآن الكريم”

بۇ، شاتىئىنىڭ قىزى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئائىشە ئابدۇراھمان تەرىپىدىن قىلىنغان تەپسىردۇر. ئاپتور ئايەتلەرنى تەپسىر قىلىشتا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەدەبىيلىكىگە كۆپرەك ئېتىبار بەرگەن.

⑤ سەفۋەتۇت تەفاسىر “صفوة التفاسير”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئەلى سابۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەپسىرى ئوقۇرمەنلەر قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى ناھايىتى ئاسانلا چۈشىنىۋالىدىغان ئۇسلۇبتا يېزىلغان. بۇ تەپسىر ئوقۇرمەنلەرنى قۇرئاننىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. بۇ تەپسىرمۇ ئامما ئارىسىغا ناھايىتى كەڭ دائىرىدە تارقالغان.

⑥ تەپسىرۇل مۇنىر “تفسير المنير”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى دوكتۇر ۋەھبەتۇل زۇھەيلى بولۇپ، ئاپتور تەپسىرنى بۇرۇنقى ھەرخىل تۈردىكى تەپسىرلەردىن پايدىلانغان ھالدا يېزىپ چىققان

⑦ ئەدۋائۇل بايان “أضواء البيان”

بۇ تەپسىرنىڭ ئاپتورى شەيخ مۇھەممەد ئەمىن مۇھەممەد مۇختاردۇر. بۇ تەپسىر ئون توم بولۇپ بېسىلغان بولۇپ، تەپسىردە فىقھى تەرەپكە كۆپرەك ئېتىبار بېرىلگەن.

⑧ تەپسىرۇل قۇرئان كەرىم فى كالامىل مەننان “تفسير القرآن الكريم في كلام المنان”

بۇ تەپسىرنى شەيخ ئابدۇراھمان ئىبنى ناسىر سەئىدى يازغان بولۇپ، سەلەپى ئەقىدىسىدىكىلەر بۇ تەپسىرنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ.

⑨ ئەيسەرۇت تەپاسىر “أيسر التفاسير”

بۇ تەپسىرنى ئەبۇبەكرى جابىر ئەل جازائىر يازغان.

بۇلاردىن باشقا ئىسىملىرى بۇ يەردە بايان قىلىنمىغان خېلى كۆپ تەپسىرلەر بار.

 



[1]  نەھىل سۈرىسى 89- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[2]  بەقەرە سۈرىسى 281- ئايەت.
[3]  بەقەرە سۈرىسى 281- ئايەت.