سۈرە ھۇد مەككىدە نازىل بولغان 123 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
11:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام ۋەز ۋە قىسسىلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر
11:2
أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۚ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
(ئېيتقىنكى) «سىلەر پەقەت ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، (كاپىر بولساڭلار سىلەرنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، (ئىمان ئېيتساڭلار ئاللاھ نىڭ ساۋابى بىلەن سىلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن
11:3
وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُم مَّتَاعًا حَسَنًا إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ ۖ وَإِن تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، (ئازابقا دۇچار بولىسىلەر) سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن
11:4
إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
(ئۆلگەندىن كېيىن) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»
11:5
أَلَا إِنَّهُمْ يَثْنُونَ صُدُورَهُمْ لِيَسْتَخْفُوا مِنْهُ ۚ أَلَا حِينَ يَسْتَغْشُونَ ثِيَابَهُمْ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
راستتىنلا ئۇلار (يەنى كاپىرلار) (رەسۇلۇللاھ، قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىرىدە) ئۇنىڭدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈز ئۆرۈيدۇ، راستلا ئۇلار كىيىملىرى بىلەن چۈمكىنىۋالغانلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر
11:6
وَمَا مِن دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا ۚ كُلٌّ فِي كِتَابٍ مُّبِينٍ
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جاينى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغاندۇر
11:7
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ وَكَانَ عَرْشُهُ عَلَى الْمَاءِ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا ۗ وَلَئِن قُلْتَ إِنَّكُم مَّبْعُوثُونَ مِن بَعْدِ الْمَوْتِ لَيَقُولَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان - زېمىننى يارتىشتىن ئىلگىرى) ئاللاھ نىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن (مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ (سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر»
11:8
وَلَئِنْ أَخَّرْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِلَىٰ أُمَّةٍ مَّعْدُودَةٍ لَّيَقُولُنَّ مَا يَحْبِسُهُ ۗ أَلَا يَوْمَ يَأْتِيهِمْ لَيْسَ مَصْرُوفًا عَنْهُمْ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئەگەر بىز ئۇلارغا نازىل بولىدىغان ئازابنى چەكلىك ۋاقىت كېچىكتۈرسەك، ئۇلار چوقۇم (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئازاب نېمىشقا چۈشمەيدۇ؟» دەيدۇ، راستلا ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ ئازابى چۈشكەن كۈندە، ئۇلار قاچىدىغان يەر تاپالمايدۇ ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ
11:9
وَلَئِنْ أَذَقْنَا الْإِنسَانَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَاهَا مِنْهُ إِنَّهُ لَيَئُوسٌ كَفُورٌ
ئەگەر بىز بىرەر ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق (يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك)، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم (ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ
11:10
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ نَعْمَاءَ بَعْدَ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ ذَهَبَ السَّيِّئَاتُ عَنِّي ۚ إِنَّهُ لَفَرِحٌ فَخُورٌ
ئەگەر بىز (پېقىرلىق، كېسەللىك، قاتتىقچىلىق قاتارلىق) بالالارغا مۇپتىلا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا نېمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «مەندىن بالالار كۆتۈرۈلۈپ كەتتى (ئەمدى كەلمەيدۇ)» دەپ شەك شۈبھىسىز خۇشاللىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كېتىدۇ
11:11
إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ لَهُم مَّغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
پەقەت (بالاغا ئۇچرىغاندا) سەۋرى قىلغان، (نېمەتكە يولۇققاندا) ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر (ياخشىلاردۇر). ئۇلارنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
11:12
فَلَعَلَّكَ تَارِكٌ بَعْضَ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَضَائِقٌ بِهِ صَدْرُكَ أَن يَقُولُوا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ كَنزٌ أَوْ جَاءَ مَعَهُ مَلَكٌ ۚ إِنَّمَا أَنتَ نَذِيرٌ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسىمەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر
11:13
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِعَشْرِ سُوَرٍ مِّثْلِهِ مُفْتَرَيَاتٍ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئىجاد قىلغان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ تىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۆز ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار»
11:14
فَإِلَّمْ يَسْتَجِيبُوا لَكُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا أُنزِلَ بِعِلْمِ اللَّهِ وَأَن لَّا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَهَلْ أَنتُم مُّسْلِمُونَ
ئەگەر ئۇلار (بۇ چاقىرىقىڭلارغا) ئاۋاز قوشمىسا، بىلىڭلاركى، قۇرئان ئاللاھ تىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن نازىل قىلىنغان. ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سىلەر (ئاللاھ قا) بويسۇنامسىلەر؟
11:15
مَن كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ
(قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ
11:16
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ إِلَّا النَّارُ ۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ
11:17
أَفَمَن كَانَ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّهِ وَيَتْلُوهُ شَاهِدٌ مِّنْهُ وَمِن قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ أُولَٰئِكَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۚ وَمَن يَكْفُرْ بِهِ مِنَ الْأَحْزَابِ فَالنَّارُ مَوْعِدُهُ ۚ فَلَا تَكُ فِي مِرْيَةٍ مِّنْهُ ۚ إِنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن روشەن دەلىل (يەنى قۇرئان) غا ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (ھاياتىي دۇنيانى كۆزلەيدىغان كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئۇنىڭغا ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىدۇ، قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇساغا نازىل قىلىنغان كىتاب (يەنى تەۋرات) (ئىسرائىل ئەۋلادىغا) يېتەكچى ۋە رەھمەت قىلىپ (نازىل قىلىندى)، ئەنە شۇنداق كىشىلەر قۇرئانغا (ھەقىقىي ئىشىنىدۇ، (كۇففار) جامائەلىرىدىن كىمكى قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان جاي دوزاختۇر، قۇرئانغا شەك كەلتۈرمىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (قۇرئاننىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا) ئىشەنمەيدۇ
11:18
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
(ئاللاھ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دەپ) ئاللاھ قا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا ئاللاھ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)
11:19
الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُم بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام يولىدىن) توسىدۇ، ئاللاھ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر
11:20
أُولَٰئِكَ لَمْ يَكُونُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ۘ يُضَاعَفُ لَهُمُ الْعَذَابُ ۚ مَا كَانُوا يَسْتَطِيعُونَ السَّمْعَ وَمَا كَانُوا يُبْصِرُونَ
ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھ تىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ