سۈرە مەسەد مەككىدە نازىل بولغان 5 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
111:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى
111:2
مَا أَغْنَىٰ عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ
ئۇنىڭغا مال - مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى
111:3
سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
111:4
وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ
ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ
111:5
فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِّن مَّسَدٍ
ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ