سۈرە ئىبراھىم مەككىدە نازىل بولغان 52 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
14:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئەلىق. لام. را. (بۇ قۇرئان شۇنداق) كىتابتۇركى، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقىرىشىڭ ئۈچۈن، غالىب، (ھەممە تىللاردا) مەدھىيىلەنگەن ئاللاھ نىڭ يولىغا (باشلىشىڭ ئۈچۈن) نازىل قىلدۇق
14:2
اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَوَيْلٌ لِّلْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، قاتتىق ئازابتىن كاپىرلارغا ۋاي!
14:3
الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الْآخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
ئۇلار بۇ دۇنيانى ئاخىرەتتىن ئارتۇق. كۆرىدۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام دىنىدىن) توسىدۇ، ئاللاھ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار (ھەقتىن) يىراق بولغان گۇمراھلىقتىدۇر
14:4
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھ نىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھ نىڭ ئىلگىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
14:5
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُم بِأَيَّامِ اللَّهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا. (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
14:6
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ أَنجَاكُم مِّنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ وَيُذَبِّحُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَاءٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَظِيمٌ
مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن قەۋمىدىن قۇتقۇزدى، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قىينايتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلايتتى، خوتۇن كىشىلىرىڭلارنى (خىزمەت قىلدۇرۇشقا) قالدۇراتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (سىلەرگە) چوڭ سىناق بار ئىدى» دېدى
14:7
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكُمْ لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر (كۇفرانى نېمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ» دەپ جاكالىدى
14:8
وَقَالَ مُوسَىٰ إِن تَكْفُرُوا أَنتُمْ وَمَن فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا فَإِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇسا (ئۆز قەۋمىگە): «ئەگەر سىلەر ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى كىشىلەر كاپىر بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر)، چۈنكى ئاللاھ ئەلۋەتتە (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىلەشكە لايىقتۇر» دېدى
14:9
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَالَّذِينَ مِن بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا اللَّهُ ۚ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَرَدُّوا أَيْدِيَهُمْ فِي أَفْوَاهِهِمْ وَقَالُوا إِنَّا كَفَرْنَا بِمَا أُرْسِلْتُم بِهِ وَإِنَّا لَفِي شَكٍّ مِّمَّا تَدْعُونَنَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلە دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى
14:10
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا تُرِيدُونَ أَن تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُّبِينٍ
پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ نىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى
14:11
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِن نَّحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَمَا كَانَ لَنَا أَن نَّأْتِيَكُم بِسُلْطَانٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھ نىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر ئاللاھ غىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ قا تاپشۇرسۇن)
14:12
وَمَا لَنَا أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى اللَّهِ وَقَدْ هَدَانَا سُبُلَنَا ۚ وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَىٰ مَا آذَيْتُمُونَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
ئاللاھ بىزنى (بىزنى تونۇيدىغان) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى
14:13
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُم مِّنْ أَرْضِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۖ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ الظَّالِمِينَ
كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز
14:14
وَلَنُسْكِنَنَّكُمُ الْأَرْضَ مِن بَعْدِهِمْ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَافَ مَقَامِي وَخَافَ وَعِيدِ
ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن زېمىندا چوقۇم سىلەرنى تۇرغۇزىمىز، بۇ (يەنى غەلىبە) مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشتىن (يەنى سوراققا تارتىلىشتىن) ۋە ئازابىمدىن قورققانلار ئۈچۈندۇر»
14:15
وَاسْتَفْتَحُوا وَخَابَ كُلُّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىشقا گەدەنكەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچى) ھالاك بولدى
14:16
مِّن وَرَائِهِ جَهَنَّمُ وَيُسْقَىٰ مِن مَّاءٍ صَدِيدٍ
ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارىلاش سۇ بىلەن سۇغۇرۇلىدۇ
14:17
يَتَجَرَّعُهُ وَلَا يَكَادُ يُسِيغُهُ وَيَأْتِيهِ الْمَوْتُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَمَا هُوَ بِمَيِّتٍ ۖ وَمِن وَرَائِهِ عَذَابٌ غَلِيظٌ
(ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ، ئۆلۈم ئۇنى قورىشىۋالىدۇ. لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
14:18
مَّثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ ۖ أَعْمَالُهُمْ كَرَمَادٍ اشْتَدَّتْ بِهِ الرِّيحُ فِي يَوْمٍ عَاصِفٍ ۖ لَّا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
پەرۋەردىگارنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشىمايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ شاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چۇڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر)
14:19
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھ نىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ
14:20
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ بِعَزِيزٍ
بۇ ئاللاھ قا قىيىن ئەمەس