سۈرە ھەج مەدىنىدە نازىل بولغان 78 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
22:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ إِنَّ زَلْزَلَةَ السَّاعَةِ شَيْءٌ عَظِيمٌ
ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر
22:2
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَىٰ وَمَا هُم بِسُكَارَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ
ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەششىتى ئۇلارنى ئەس - ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
22:3
وَمِنَ النَّاسِ مَن يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّبِعُ كُلَّ شَيْطَانٍ مَّرِيدٍ
بەزى كىشىلەر ئاللاھ (نىڭ قۇدرىتى ۋە سۈپەتلىرى) ئۈستىدە ھېچقانداق دەلىلسىز مۇنازىرىلىشىدۇ، ھەر بىر سەركەش شەيتانغا (يەنى ھەقتى توسقۇچى كۇففارلارنىڭ كاتتىباشلىرىغا) ئەگىشىدۇ
22:4
كُتِبَ عَلَيْهِ أَنَّهُ مَن تَوَلَّاهُ فَأَنَّهُ يُضِلُّهُ وَيَهْدِيهِ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ
ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇكى، كىمكى شەيتانغا ئەگىشىدىكەن شەيتان ئۇنى ئازدۇرىدۇ، ۋە جەھەننەمنىڭ ئازابىغا سۆرەيدۇ
22:5
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِن كُنتُمْ فِي رَيْبٍ مِّنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِن مُّضْغَةٍ مُّخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِّنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ وَمِنكُم مَّن يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِن بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنبَتَتْ مِن كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندان مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا - ئاستا كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ
22:6
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّهُ يُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَأَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
بۇ (يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى يۇقىرىقىدەك يارىتىشى)، ئاللاھ نىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر
22:7
وَأَنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَأَنَّ اللَّهَ يَبْعَثُ مَن فِي الْقُبُورِ
شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى، قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى (ئۆلۈك زېمىننى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈش بىلەن تىرىلدۈرگەندەك) ئاللاھ نىڭ تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر
22:8
وَمِنَ النَّاسِ مَن يُجَادِلُ فِي اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَلَا هُدًى وَلَا كِتَابٍ مُّنِيرٍ
بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچ قانداق ھەقىقى ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، (ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىشى نوقۇل نەپسى خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر)
22:9
ثَانِيَ عِطْفِهِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ ۖ لَهُ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَنُذِيقُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَذَابَ الْحَرِيقِ
ئۇ (كىشىلەرنى) ئاللاھ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز
22:10
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ يَدَاكَ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِّلْعَبِيدِ
(ئۇنىڭغا): «(خارلىق بىلەن ئازاب) سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ يەنى كۇفرىڭ بىلەن گۇمراھلىقىڭ) تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرگىز زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» (دېيىلىدۇ)
22:11
وَمِنَ النَّاسِ مَن يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
بەزىلەر ئاللاھ قا شەك - شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم مۇناپىق بولۇپ، ئاللاھ قا دىلى بىلەن ئەمەس پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر
22:12
يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنفَعُهُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ
ئۇ ئاللاھ نى قويۇپ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتقا چوقۇنىدۇ، بۇ چوڭقۇر گۇمراھلىقتۇر
22:13
يَدْعُو لَمَن ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِ ۚ لَبِئْسَ الْمَوْلَىٰ وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ
ئۇ (مۇشرىكلارنىڭ قارىشى بويىچە بۇت قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ دېگەندىمۇ) ئەلۋەتتە زىيىنى پايدىسىدىن يېقىن بولغان نەرسىگە چوقۇنىدۇ، (ئۇ بۇت) راستتىنلا يامان مەدەتكاردۇر، راستتىنلا يامان ھەمراھتۇر
22:14
إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ)
22:15
مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاءِ ثُمَّ لْيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ
كىمكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟ (يەنى ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمەيدۇ دەپ ئويلايدىكەن ئۇ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالسۇن، ئەگەر بۇ ئۇنىڭ خاپىلىقىنى باسالايدىغان بولسا، چۈنكى ئاللاھ پەيغەمبەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ)
22:16
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يُرِيدُ
شۇنىڭغا ئوخشاش (يەنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش). قۇرئاننى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) روشەن ئايەتلەر قىلىپ نازىل قىلدۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
22:17
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَىٰ وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
22:18
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَمَن فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِّنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَن يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِن مُّكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھ قا بويسۇنۇپ، ئاللاھ نىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ قا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھ نىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھ نىڭ خاھىشىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھ قا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)
22:19
هَٰذَانِ خَصْمَانِ اخْتَصَمُوا فِي رَبِّهِمْ ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوْقِ رُءُوسِهِمُ الْحَمِيمُ
(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار ئاللاھ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار ئاللاھ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ
22:20
يُصْهَرُ بِهِ مَا فِي بُطُونِهِمْ وَالْجُلُودُ
ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ –باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ