سۈرە ئەنئام مەككىدە نازىل بولغان 165 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
6:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ۖ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھ قا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ
6:2
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن طِينٍ ثُمَّ قَضَىٰ أَجَلًا ۖ وَأَجَلٌ مُّسَمًّى عِندَهُ ۖ ثُمَّ أَنتُمْ تَمْتَرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر - ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر
6:3
وَهُوَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَفِي الْأَرْضِ ۖ يَعْلَمُ سِرَّكُمْ وَجَهْرَكُمْ وَيَعْلَمُ مَا تَكْسِبُونَ
ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى - يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
6:4
وَمَا تَأْتِيهِم مِّنْ آيَةٍ مِّنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ
6:5
فَقَدْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ ۖ فَسَوْفَ يَأْتِيهِمْ أَنبَاءُ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭغا چىنپۈتمىدى، ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ (يەنى ئۇلارغا ئازاب نازىل بولۇپ، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋىرى ئېنىق بولىدۇ)
6:6
أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّن قَرْنٍ مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّن لَّكُمْ وَأَرْسَلْنَا السَّمَاءَ عَلَيْهِم مِّدْرَارًا وَجَعَلْنَا الْأَنْهَارَ تَجْرِي مِن تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُم بِذُنُوبِهِمْ وَأَنشَأْنَا مِن بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق
6:7
وَلَوْ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ كِتَابًا فِي قِرْطَاسٍ فَلَمَسُوهُ بِأَيْدِيهِمْ لَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُّبِينٌ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار، شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ روشەن دەلىل كەلگەندىمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتۇر
6:8
وَقَالُوا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ مَلَكٌ ۖ وَلَوْ أَنزَلْنَا مَلَكًا لَّقُضِيَ الْأَمْرُ ثُمَّ لَا يُنظَرُونَ
ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى
6:9
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ مَلَكًا لَّجَعَلْنَاهُ رَجُلًا وَلَلَبَسْنَا عَلَيْهِم مَّا يَلْبِسُونَ
بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، ئەمما پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى)
6:10
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِّن قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى
6:11
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار»
6:12
قُل لِّمَن مَّا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قُل لِّلَّهِ ۚ كَتَبَ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ نىڭ»، ئاللاھ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ھېچقانداق گۇمان بولمىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ. (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىشى بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ
6:13
وَلَهُ مَا سَكَنَ فِي اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
6:14
قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ ۗ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھ تىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»
6:15
قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام (يەنى پەرۋەردىگارىمدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلسام)، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»
6:16
مَّن يُصْرَفْ عَنْهُ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمَهُ ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر
6:17
وَإِن يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِن يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
6:18
وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
6:19
قُلْ أَيُّ شَيْءٍ أَكْبَرُ شَهَادَةً ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ شَهِيدٌ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا الْقُرْآنُ لِأُنذِرَكُم بِهِ وَمَن بَلَغَ ۚ أَئِنَّكُمْ لَتَشْهَدُونَ أَنَّ مَعَ اللَّهِ آلِهَةً أُخْرَىٰ ۚ قُل لَّا أَشْهَدُ ۚ قُلْ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَإِنَّنِي بَرِيءٌ مِّمَّا تُشْرِكُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇناھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھ نىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا - جۇدامەن»
6:20
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمُ ۘ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ