سۈرە تەغابۇن مەدىنىدە نازىل بولغان 18 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
64:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھ قا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
64:2
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ فَمِنكُمْ كَافِرٌ وَمِنكُم مُّؤْمِنٌ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاراڭلاردا مۆمىنلەرمۇ بار، كاپىرلارمۇ بار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
64:3
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر
64:4
يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (نىيەتلىرىڭلاردىن، ئەمەللىرىڭلاردىن) يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارىلىغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر
64:5
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَبْلُ فَذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
64:6
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُ كَانَت تَّأْتِيهِمْ رُسُلُهُم بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالُوا أَبَشَرٌ يَهْدُونَنَا فَكَفَرُوا وَتَوَلَّوا ۚ وَّاسْتَغْنَى اللَّهُ ۚ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلالامدۇ؟» دېدى. (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئىمانىغا) موھتاج ئەمەستۇر، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
64:7
زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَن لَّن يُبْعَثُوا ۚ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ ۚ وَذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھ قا ئاساندۇر»
64:8
فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالنُّورِ الَّذِي أَنزَلْنَا ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
ئاللاھ قا، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە بىز نازىل قىلغان نۇرغا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
64:9
يَوْمَ يَجْمَعُكُمْ لِيَوْمِ الْجَمْعِ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ التَّغَابُنِ ۗ وَمَن يُؤْمِن بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر (يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ). كىمكى ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر
64:10
وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
ئاللاھ نىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى) ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
64:11
مَا أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَمَن يُؤْمِن بِاللَّهِ يَهْدِ قَلْبَهُ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھ نىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھ قا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھ نىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
64:12
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر
64:13
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلسۇن
64:14
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ وَأَوْلَادِكُمْ عَدُوًّا لَّكُمْ فَاحْذَرُوهُمْ ۚ وَإِن تَعْفُوا وَتَصْفَحُوا وَتَغْفِرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
64:15
إِنَّمَا أَمْوَالُكُمْ وَأَوْلَادُكُمْ فِتْنَةٌ ۚ وَاللَّهُ عِندَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار
64:16
فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنفِقُوا خَيْرًا لِّأَنفُسِكُمْ ۗ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھ نىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر
64:17
إِن تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
ئاللاھ قا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن سەدىقە بەرسەڭلار) ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ (ساۋابىنى) ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
64:18
عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
(ئاللاھ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر