سۈرە ئىنفىتار مەككىدە نازىل بولغان 19 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
82:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انفَطَرَتْ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
82:2
وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انتَثَرَتْ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
82:3
وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
82:4
وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ
قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا،
82:5
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
82:6
يَا أَيُّهَا الْإِنسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
82:7
الَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
82:8
فِي أَيِّ صُورَةٍ مَّا شَاءَ رَكَّبَكَ
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
82:9
كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِالدِّينِ
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر
82:10
وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَافِظِينَ
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
82:11
كِرَامًا كَاتِبِينَ
ئۇلار (ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ
82:12
يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
82:13
إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ،
82:14
وَإِنَّ الْفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٍ
كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ
82:15
يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ الدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ
82:16
وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَائِبِينَ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
82:17
وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
82:18
ثُمَّ مَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
82:19
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِّنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھ قا خاستۇر