سۈرە تەۋبە مەدىنىدە نازىل بولغان 129 ئايەت
9:1
بَرَاءَةٌ مِّنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى الَّذِينَ عَاهَدتُّم مِّنَ الْمُشْرِكِينَ
(بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا - جۇدا بولۇش (يەنى مۇئاھىدىنى بىكار قىلىش) ئېلانىدۇر
9:2
فَسِيحُوا فِي الْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ مُخْزِي الْكَافِرِينَ
(ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر
9:3
وَأَذَانٌ مِّنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِّنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ ۚ فَإِن تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
(بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن
9:4
إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدتُّم مِّنَ الْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنقُصُوكُمْ شَيْئًا وَلَمْ يُظَاهِرُوا عَلَيْكُمْ أَحَدًا فَأَتِمُّوا إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَىٰ مُدَّتِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى،، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ
9:5
فَإِذَا انسَلَخَ الْأَشْهُرُ الْحُرُمُ فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدتُّمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍ ۚ فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
(ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر
9:6
وَإِنْ أَحَدٌ مِّنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّىٰ يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَّا يَعْلَمُونَ
ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھ نىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر
9:7
كَيْفَ يَكُونُ لِلْمُشْرِكِينَ عَهْدٌ عِندَ اللَّهِ وَعِندَ رَسُولِهِ إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدتُّمْ عِندَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ فَمَا اسْتَقَامُوا لَكُمْ فَاسْتَقِيمُوا لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
ئاللاھ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قارىشىچە، (ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان) مۇشرىكلاردا قانداقمۇ مۇئاھىدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما مەسجىدى ھەرەم قېشىدا سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى (يەنى پەرۋەردىگاردىن قورققان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، خىيانەت قىلمىغانلارنى) دوست تۇتىدۇ
9:8
كَيْفَ وَإِن يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ لَا يَرْقُبُوا فِيكُمْ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ يُرْضُونَكُم بِأَفْوَاهِهِمْ وَتَأْبَىٰ قُلُوبُهُمْ وَأَكْثَرُهُمْ فَاسِقُونَ
مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر
9:9
اشْتَرَوْا بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَصَدُّوا عَن سَبِيلِهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال - مۈلۈكلىرىدىن) ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگىشتى، (كىشىلەرنى) ئاللاھ نىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
9:10
لَا يَرْقُبُونَ فِي مُؤْمِنٍ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُعْتَدُونَ
ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار (سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر
9:11
فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز
9:12
وَإِن نَّكَثُوا أَيْمَانَهُم مِّن بَعْدِ عَهْدِهِمْ وَطَعَنُوا فِي دِينِكُمْ فَقَاتِلُوا أَئِمَّةَ الْكُفْرِ ۙ إِنَّهُمْ لَا أَيْمَانَ لَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَنتَهُونَ
ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق
9:13
أَلَا تُقَاتِلُونَ قَوْمًا نَّكَثُوا أَيْمَانَهُمْ وَهَمُّوا بِإِخْرَاجِ الرَّسُولِ وَهُم بَدَءُوكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ أَتَخْشَوْنَهُمْ ۚ فَاللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخْشَوْهُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
(ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمايسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر
9:14
قَاتِلُوهُمْ يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ بِأَيْدِيكُمْ وَيُخْزِهِمْ وَيَنصُرْكُمْ عَلَيْهِمْ وَيَشْفِ صُدُورَ قَوْمٍ مُّؤْمِنِينَ
ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، كاپىرلارنى جازالاپ) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە شىپالىق (يەنى تەسەللى) بېرىدۇ
9:15
وَيُذْهِبْ غَيْظَ قُلُوبِهِمْ ۗ وَيَتُوبُ اللَّهُ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
9:16
أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تُتْرَكُوا وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنكُمْ وَلَمْ يَتَّخِذُوا مِن دُونِ اللَّهِ وَلَا رَسُولِهِ وَلَا الْمُؤْمِنِينَ وَلِيجَةً ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھ تىن، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
9:17
مَا كَانَ لِلْمُشْرِكِينَ أَن يَعْمُرُوا مَسَاجِدَ اللَّهِ شَاهِدِينَ عَلَىٰ أَنفُسِهِم بِالْكُفْرِ ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ وَفِي النَّارِ هُمْ خَالِدُونَ
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇقلۇق (يەنى كاپىرلىق بىلەن ئاللاھ نىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش بىر - بىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ)، (ئۇلارنىڭ) ئاللاھ نىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ، ئۇلار دوزاختا قالىدۇ
9:18
إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلَّا اللَّهَ ۖ فَعَسَىٰ أُولَٰئِكَ أَن يَكُونُوا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
ئاللاھ نىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھ تىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ
9:19
أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ الْحَاجِّ وَعِمَارَةَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ كَمَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَجَاهَدَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ لَا يَسْتَوُونَ عِندَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
9:20
الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ أَعْظَمُ دَرَجَةً عِندَ اللَّهِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر