قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ھەققىدە ئىككى سوئال ۋە جاۋابى


جاۋاب: بولىدۇ. چۈنكى اللە تەئالا قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزغا رەھبەر قىلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلغان. ھاياتىمىزغا رەھبەر بولىدىغان بىر كىتابنى خالىغان چاغدا تۇتۇپ پايدىلىنىشىمىز لازىم. قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. بولار تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ قۇرئاندىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ اللەدىن قورقىشى لازىم. ئىنسان داۋاملىق تاھارەت بىلەن تۇرمايدۇ. تاھارىتىم بولمىغاندىن كېيىن قۇرئاننى تاھارەت ئالغان چېغىمدا تۇتامەن دەپ قۇرئاننى قولىغا ئالمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئاندىن يىراقلىشىدۇ.
قۇرئاندا ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتماڭلار» دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈم بولسا، بۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالىمىز يوق، لېكىن ئۇنداق بىر ھۆكۈم يوق. ئەكسىچە تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل بار. مەسىلەن:
1-تاھارەت ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر قەغەزلەرگە، تېرە پارچىلىرىغا ۋە بەزى تاختىلارغا يېزىلغان. ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئۇ ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر يېزىلغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان. ئۇلارنىڭ تاھارەتسىز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا تاھارەت دەيدىغان بىر نەرسە يوق. تاھەرەت نامازغا شەرت قىلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «نامازغا تۇرساڭلار تاھارەت ئېلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار. «قۇرئان ئوقۇغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىرەجىم دەڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار. قۇرئان ئوقۇشنىڭ ۋە قۇرئان تۇتۇشنىڭ ھېچقانداق شەرتى يوق.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىغا خەت ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنى ئېلىپ بارىدىغان ساھابىلىرىنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا «تاھارىتىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا ئېلىۋېلىڭلار، تاھارىتىڭلار سۇنۇپ كەتكەنلا يەردە يېڭىلاپ مېڭىڭلار، ئۇ پادىشاھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ «تاھارىتىڭلار بارمۇ يوقمۇ؟» دەپ سوراڭلار، ئەگەر تاھارىتى بولمىسا بۇ خەتنى تۇتمىسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھېچبىر نەرسە دېمىگەن. ئۇ خەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئايەتلەر ئىدى
3- ئەگەر قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمىسا، بۈگۈنكى قۇرئان كەرىم ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى، دىسكا (Floppy) ۋە پلاستىنكالارنى، قۇرئان كەرىم ئېلىنغان يانفونلارنى ۋە دىگىتال (Dijital) قۇرئانلارنى نېمىچۈن تاھارەتسىز تۇتقىلى بولىدۇ؟ ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىم بارغۇ؟ تۇتقىلى بولمىسا ھەممىسىنى تۇتقىلى بولماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان بار. ھەتتا قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىملارغىمۇ تاھارەتسىز تېگىپ بەرسەك بولمىسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ قۇرئان كەرىم بار...

سوئال: 
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇاﷲ ۋە بەرەكاتۇھۇ
ئەزىز قېرىندىشىم! سىز قۇرئان كەرىمنى تەھارەتسىز تۇتۇش ۋە تۇتماسلىق توغرىسىدا ناھايىتى ياخىشى چۇشەنجە بېرىپسىز، اﷲ رەخمەت قىلسۇن. لېكىن سىز، سۇرە ۋاقىئەنىڭ 79- ئايىتىنىڭ تەپسىرىنى ئاز- تۇلا كۇرۇپ قويسىڭىز، ئۇ يەردە اﷲ، «تۇتمىسۇن ئۇ قۇرئاننى پەقەتلا پاك ھالەتتە تۇتسۇن» دىگەن. بۇ ئايەت توغرىسىدا كۇپ كۈز قاراشلار بولغان. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى قۇرئانى كەرىمنى تەھارەت بىلەن تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئايەت- ھەدىس دەلىل. سۇزۇمنى توغرا چۇشۇنىشىڭىزنى ئۇمىت قىلىمەن. اﷲ ھەممىمىزگە توغرا كۇز قاراش ئاتاقىلسۇن. (يۇقىرىدىكى سوئالنى سورىغۇچى)
جاۋاپ:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! سىز سۈرە مائىدەنىڭ 6- ئايىتىگە ئۇبدان قارىسىڭىز ۋە ئۇ ئايەتنى ئەرەبچە قائىدە بويىچە مۇلاھىزە قىلسىڭىز تاھارەتنىڭ قايسى ئىبادەت ئۈچۈن شەرت قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىڭىز قىيىن بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەبچىدىن تولۇق مەلۇمات بولۇش لازىم. ئىنشائاللاھ سىزنىڭ ئەرەبچىدىن ئۇبدان مەلۇماتڭىز باردۇ. بىزگە سالغان لوقمىڭىزدىن قارىغاندا تەرجىمىڭىز يېڭى چىققاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا، اللە سىزگە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن.
ۋاقىئە سۈرىسىىڭ 79- ئايىتىنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ سىز تەرجىمە قىلغان شەكىلدە ئەمەس. سىز «...ئۇ قۇرئاننى...» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى لا يەمەسسۇھۇ «لا يمسھ» دىكى ھۇ «ە» ئالماش بولۇپ، بۇ ئالماش يېنىدىكى يەنى 78- ئايەتتىكى كىتابۇن مەكنۇنۇن «كتاب مكنون»غا قايتىدۇ. ئەرەبچىدىن خەۋىرى بولغانلار بۇنى بىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە ئالماش ئەڭ يېقىنغا قايتىدۇ. ئىككىنچىدىن سىز «پەقەتلا پاك ھالەتتە» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆز ئەلمۇتەھھەرۇن «المطھرون» كەلىمىسىدۇر. بۇ كەلىمە مۇتەئەددىي ئىسىم مەفئۇل يەنى ئۆتۈملۈك مەجھۇل سۈپەتداش بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى پاكىزلانغۇچىلار، تازىلانغۇچىلار دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ «پاك ھالەتتە ياكى تاھارەتلىك ياكى تاھارىتى بار» دېگەن بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە پاك بولغۇچىلار دېگەن ئىپادە ئۈچۈن ئەلمۇتەتەھھىرىين ۋە ئەلمۇتتەھھىرىين «المتطھرين، المطھرين» (بەقەرە سۈرىسى 222- ئايەت ۋە تەۋبە سۈرىسى 108- ئايەتلەرگە قاراڭ) دېگەن كەلىمىلەر كېلىدۇ. بۇ كەلىمىلەر ئۆتۈمسىز ئېنىق سۈپەتداش بولۇپ، مەنىسى پاك بولۇش پېئىلىنى ئۆزى قىلغۇچىلار دېگەن بولىدۇ. پاك قىلىنىش باشقا، پاك بولۇش باشقىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە تەتھىير «التطھير» دېگەن مەسدەردىن تۈرلەنگەن پېئىللەرنىڭ مەنىسى باشقىدۇر. تەتەھھۇر «التطھر» ياكى ئىتتىھار «الإطھار» ياكى تۇھر «الطھر» دېگەن مەسدەرلەردىن تۈرلەنگەن پېئىللەرنىڭ مەنىسى باشقىدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 125- ئايىتى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 42- ۋە 55- ئايەتلىرى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 103- ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ۋە 41- ئايەتلىرى، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتى، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 33- ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 26- ئايىتى مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردىكى پېئىللەر ۋە سۈپەتداشلار تەتھىيردىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنە ئېيتقان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆتۈملۈك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 222- ئايىتى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 108- ئايىتى، ئەئراف سۈرىسىنىڭ 82- ئايىتى، نەمل سۈرىسىنىڭ 56- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردىكى پېئىللەر تەتەھھۇردىن ياكى تۇھرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنە ئېيتقان چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆتۈمسىز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇنى مىسال ئۈچۈن دەۋاتىمەن. قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن ھەر كەلىمىگە بەلكى ھەربىر ھەرپگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا اللەنىڭ ۋە اللەنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى توغرا چۈشىنەلەيمىز، شۇنداقلا خاتا يوللارغا كىرىپ قالمايمىز. 
ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 79- ئايىتىنى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز بويىچە تەرجىمە قىلساق يەنى ئالماشنى يېقىنى بولغان 78- ئايەتتىكى كىتابۇن مەكنۇنۇنغا ئەمەس، يىراقتىكى يەنى 77- ئايەتتىكى قۇرئانۇن كەرىمۇنغا قايتۇرۇپ مەجھۇل سۈپەتداشنى ئۆز ھالى بىلەن قويۇپ تەرجىمە قىلساق، ئالدىمىمىزغا مۇنداق بىر مەنە چىقىدۇ: «تۇتمايدۇ ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاننى پەقەت باشقىشى تەرىپىدىن پاكىزلانغۇچىلار، باشقىسى تەرىپىدىن تازىلانغۇچىلار، باشقسى تەرىپىدىن تاھارەت ئالدۇرۇلغۇچىلار تۇتىدۇ» بۇنىڭ مەنىسى قۇرئاننى تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ تاھارىتى بولۇشى ۋە ئۇ تاھارەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدۇرۇلغان بولۇشى كېرەك دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىنى ئېيتىش ئۈچۈن اللە بەرگەن ئەقىلنى يوقاتقان بولۇش لازىم.
سىزنىڭ تەرجىمىڭىزدە نەفيى پېئىلى (بولۇشسىز بايان پېئىلى) نەھيى پېئىلى (بولۇشسىز بۇيرۇق پېئىلى)گە ئۆزگەرتىلگەن، ئالماش ئۆز جايىغا قايتۇۇرۇلمىغان ۋە مەجھۇل سۈپەتداشقا ئېنىق سۈپەتداش مەنىسى ئېيتىلغان. 

سادا :
مەدھىشە قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاپ:
ئەگەر تاھارەت ئېلىشقا كۈچى يەتمىسە تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ«

ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلە قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇب بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ.» (مائىدە سۈرىسى، 6- ئايەت)

يۇلغۇن:
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 
56-سۈرە ۋاقىئە 79- ئايەت << ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ>>
يەنى : دېگەن بولىدۇ

سادا: 
يولغۇن ئەپەندى! تېمىنىڭ بېىشدىكى قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشقا ئالاقىدار ئىككى سوئال ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جاۋاپنى ئۇقۇسىڭىز، ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 79- ئايىتىنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكە تىرىشقاندا، قانداق مەزمۇن چىقىدىغانلىقىنى تەپسىيلى چۈشىنەلەيسىز. ئوقۇغان بولسىڭىز، قايتىدىن دىققەت بىلەن ئوقۇپ چىقىڭ. يەنىلا ۋاقىئە 79- ئايەتنىلا ئاساس قىلمىساق بولمايتتى دەپ تۇرىۋالىدىغان بولسىڭىز، ئۇ ئۆزىڭىز بىلىدىغان بىر ئىش. چۈنكى يۇقىرىدا ناھايىتى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن...

ئەكبەر ئېلى: 
مەندىمۇ شۇنداق قۇرئان كەرىىمىنى تەرەتىسىز تۇتىسا بولمايىدۇ دىگەن قاراش بار ئىدى ،
ئاتاۋۇللا ئەپەندىم :سىزنىڭ جاۋابېڭىزغا نىسبەتەن مەن مۇنداق قاراشتا : پەتىۋا چىقىرىىش ئانچە ئاسان ئىش 
ئەمەس ؛شۇنىڭ ئۇچۇن سز تېخىمۇ ئىزدىنىپ؛ دىننى ئالىملىرىمېز بىلەن ئوبدان كىڭىشېپ؛ ئاندېن پەتېۋا چىقارغان 
بولىسىڭز ؛ بىزدەك بىلىىمىېمىز چەكىلىك كىشلەر ئۇچۇن ناھايىتى ياخىشى ئىش قېلغان بولار ئېدېڭىز .
~~ئاللاھ ~~سىز نىڭ بىلىمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلىسۇن.

سادا:
قېرىندىشىم! ئاتائۇللاھ ئەپەندى قويغان سوئال ۋە جاۋابلارنى دىققەت بىلەن ئوقۇيدىغان بولساق، بۇ پەتىۋانىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستا تايىنىپ تۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى چۈشىنىمىز. قۇرئانى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ دەيدىغان باشقا ئۆلىمالارغا كەلسەك، قۇرئان ھەدىستىن ئوچۇق دەلىللىرى بولمىغاچقا «..ئوقۇغۇچىلار تۇتسا بولىدۇ، غىلاپنىڭ ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ تۇتسا بولىدۇ...» دېگەندەك پەتىۋالارنى بەرگەن. بۇ ھەقتە چەتئەلدىكى ئۇنىۋىرسىتىتلاردا ماجىستىرلىق تەتقىقاتلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان نەتىجىمۇ ئاتائۇللاھ ئەپەندىنىڭ كۆزقارىشىدىن پەرقلىق ئەمەس.

قانات ئىسلام:
ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم قېرىنداشلار:
بۇ پەتىۋانى كورۆپ چىققاندىن كىيىن دىنىمىزنىڭ پاكلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كەتتىم . ئاتاۋۇللا ئەپەندىم <> . دەپتۇ .ھەمدە <>دىن ئايەت كەلتۈرۈپ پەتىۋا بېرىپتۇ.
مەندە مۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى . قۇرئاننى <>دېگەن سۆز <>ھالەتنى كۆرسەتمەمدىغانمىدۇ؟جۇنۇپ ھالەتتە قۇرئان تۇتسا بولامدۇ؟بۇيەردىكى تاھارەت ئالماسلىق مەسىىلىسى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلىپ ئېيتىلغانمۇ ياكى بارلىق ئىنسانلارغا قارىتىلغانمۇ ؟ئەگەردە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلىپ ئېيتىلغان بولسا ،بىر ئىسلام دىنىغا مېھىر-مۇھەببەت باغلاپ ئىسلامنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىنىش يولىدىكى شۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا <>دېگەن پەتىۋاسى دىنىمىز دا يول ئاچقانلىق بولۇپ ھېسابلىنامدۇ؟ ئاﷲ اكبر .. ئىسلام دىنى پاكلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان <> ،ئۇلۇق اﷲ نىڭ مۆجىزىلىرىنى بۇرۇن ھازىر ۋە كەلگۈسى دۇنيادا نامايان قىلىپ بارغان ،بارماقتا،بارىدۇ...ئەنە شۇ اللە نىڭ ئۇلۇغ كالامىدىن پايدىلىنىش ئۇچۇن ئۇنى تاھارەتسىز تۇتسا بولىدۇ دىيىلسە قانداق بولار؟؟
بىزمۇ ئويلايلى ئەي پەتىۋادىن پايدىلانغۇچ قېرىنداشلار .. بىزدە ھەقىقى تۈردە دىنىمىزغا نىسبەتەن مۇھەببەت بولسا ، تاھارەت دېگەننى4مىنوتتا ئېلىپ بولىدىغان ئىش .مۇقەددەس دەستۇرىمىزنى چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ، تاھارەت بىلەن تۇتايلى!!!ئۇ بىر ئىنساننىڭ سۆزى ياكى كىتابى ئەمەس ،سىز ئىنتىلگەن شۇ ياخشىلىق،ھېدايەت...نىڭ ۋە پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلۇغ ئاللاھ نىڭ كالامى.تاھارەتسىز قۇرئان ئوقۇش دېگەن 2گە بۆلۈنىدۇ .1- قۇرئاننى قولىغان ئېلىپ ئوقۇش 2- لەبزىدە يەنى ئاغزىدا ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ!!!جۇنۇپ ھالەتتە تۇرۇپ قۇرئاندىن بىر ھەرىپ مىقتارىدا ئوقۇساق ھارام بولىدۇ قېرىنداشلار ،، ئەگەردە جۇنۇپتىن پاك بولۇپ ،تاھارەتسىز ئاغزىمىزدا ئوقۇساق بولىدۇ ،،،(ئەلىۋەتتە ھاجەتخانىدا، ھاراق سورنلىرىدا ئەمەس )قۇرئاننى تۇتۇش مەسىلىسىگە ئەتراپىمىزدىن ئىبرەت ئېلىپ قاراپ باقايلى !!!! كىتابخانىلارغا كىرەيلىچۇ، ئەگەردە سىز كىتابنى قاتلاپ ياكى پاسكىنا قولىڭىز بىلەن تۇتقىنىڭىزنى كۆرگەن مۇلازىمچى خادىملار سىزنىڭ شۇيەردىلا جاجىڭىزنى بېرىشى تۇرغانلا گەپ ،ئۇلۇغ ئاللا ھەممىنى كۆرگۈچى ،ئىخلاسمەن بەندىلىرىنىڭ دىلىدىكى ۋە ئۆزىدىكى بارلىق ئەھۋاللاردىن ھازىرلا ئەمەس بىزنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا خەۋاردار،، بىزنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئەلىۋەتتە بىلىدۇ .. كىتانخانىدىكى كىتابلارنىمۇ پايدىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز ئەلىۋەتتە ، (گەرچە بىۇبىر قۇرئاندىن پايدىنىلىشدىن ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ)،شۇكتابلارنى پاسكىنا تۇتالمايمىزۇ ،،ئۇلۇق ئاللانىڭ مۇقەددەس كالامىنى تاھارەتسىز تۇتامدۇق.. 
قېرىندىشىم ئاتائۇللاھ .. ئاللا يولىدا قېرىنداشلىرىمىزغا يول ئېچىشىڭىز ناھايىتى توغرا .. قارىغاندا گرمماتىكا ئىلىمىڭىز خېلى بارىكەن ...سىز قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇپ ئوقۇپ پايدىلىنامسىز؟ئەگەردە ياق، دىسىڭىز ئۇنداقتا ئۆزىڭىز ماڭغان توغرا يولنى باشقىلارغىمۇ نېمىشكەتوغرا يەتكۈزمەيسىز؟؟ ئەگەردە ھەئە شۇنداق دىسىڭىز ، ئۇنداقتا بىز تۈگىشىپتۇق .. ... يول ئاچارلىرىمىز ،يول باشچىلىرىمىز قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا ، ئۇنداقتا ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دېگەن ، زابوي ، پاھىشەلەرمۇ ، گۇناھىنى تونۇش ئۈچۈن مەس ، جۇنۇپ ، ھەيىزدار ، نىپاستار ھالەتتە تۇتىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس ...خۇددى دېگەندەك ئىش ......... 
پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتقانلىق تۇغرىسىدىكى باياننى، سەھىھ ھەدىسنى كۆردىڭىزمۇ؟ كۆرگەن بولسىڭىز ئايرىم تېما يوللاپ قويۇڭ .. ئارانلا تۇرغانلارمۇ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسۇن !مۇشۇيول ئاچقانلىقما ؟!! 
قۇرئاندا ھەممە ئېيتىلغان .تاھارەت تۇغرىسىدا ھەم بايان قىلىنغان .خوش ... تاھارەتسىز تۇتما دەپ قۇرئاندا بارمۇ دەپسىز؟ تاھارەتنىڭ سۈننىتى ،غۇسلىنىڭ پەرھىز سۈننەتلىرى، نىيەتلىرى قۇرئاندا بارمۇ ؟؟ نامازنىڭ 12پەرىزى ، 12 ۋاجىبى ، 28 سۈننىتى مۇ قۇرئاندا ئېنىق بارمۇ ؟؟؟ ئەلىۋەتتە بۇلارنى بىز ھەدىس ياكى فىقىھ كىتابلاردىن تاپالايمىز...
پەيغەمبىرىمىز بىرساھابىسىدىن:>دېگەن ، بۇ قۇرئاندىن جاۋاب تاپالمىساڭلار مېنىڭ سۈننىتىمدىن ئىزدىنىڭلار دېگەن .
يەنە بىر ھەدىسىدە:دېگەن (تەنبىلىن غافىلىن يەنى غاپىللارغا سۆزدىن )
قېرىندىشىم ئاتائۇللا ، ئۇنداقتا سىزگە يەنە بىر سوئالىم ، قۇرئاننى ھاجەتخانىغا قويسا بولامدۇ ؟ بولمايدۇ دىسىڭىز، يەنە سوئالىم قارىمنىڭ بالىسدىمۇ قۇرئان بار دەپسىز شۇ قارىمغا دەپ قويۇڭ ، ئۇ ھاجەتخانىغا كىرمىسۇن !! چۇنكى قۇرئاننى ھاجەتخانىغا قويمىغاندىن كىيىن ئۆزىمۇ ھاجەتخانىغا كىرمىسۇن .... 
قارىم قۇرئاننى دائىىم قولىداكۆتۇرۈپ يۈرەمدۇ. ئۇنىڭدىكىى قۇرئان قەلبىىگە ئورونلاشقان قۇرئان ئايەتلىرى ، ئۇ ھەرگەىزمۇ قۇرئاننى پۇتۇن يەۋالغان ئەمەس 
!!!!!!!!!!!!
دېمەكىچى بولغانلىرىم ، ئازتولا بىر نېمە بىلىۋىلىپ دېگەندەك ئۆزەمنى كۆز - كۆزقىلىش ئەمەس)نەئۇزۇ بىللا( ...ئەگەر شۇنداق بولسا ، ئۇلۇق ئاللاھقا ھەممە ئاياندۇ... ئۆزەمگە زۇلۇم قىلغان بولىمەن ....................)
ئاللاھ خالىسا مەن پات ئارىدا تاھارەت توغرىسىدا تېما يوللايمەن قالغىنىنى كېيىن دەي . 
ئىشقىلىپ ئاللاھقاچوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ۋە شۇنىڭغا تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا سۆزۈم :مۇقەددەس كىتاۋىمىزنى تاھارەت بىلەن تۇتايلى!! 

ئامىركىلىقلارنىڭ قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ،پاسكىنا قوللىرى بىلەن ئۇنى تۇتقىنى ، ھەتتا ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتكەنلىرى يېتەر .،، بىز دېگەن مۇسۇلمەن ئەلىۋەتتە دىنىمىزنىڭ ئۆرىپ ئادەتلىرىگە چوڭقۇر ئىشتىيااق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى !!!! ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن قۇرئانغا چوڭقۇر ھۆرمەت قىلايلى!!1 



سادا 

قانات ئىسلام! سىز ئۆزىنىڭىزنى نېمە چاغلايسىز؟
يۇقىرىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 79- ئايىتىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ «قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ» دېگۈچىلەرگە، شۇ ئايەتنىڭ ئۆزىنى گىرامماتىكا ۋە نەھىۋ جەھەتتىن تەپسىلى رەۋىشتە چۈشەندۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەر دەلىل كەلتۈرۈلۈپ جاۋاب بېرىلگەن تۇرسا، سىز مەزكۇر پەتىۋادىكى دەلىللەرنىڭ ئۈستىدە ھېچ توختالماستىن ھېچقانداق ئاساسى يوق «قۇرۇق» گەپلەر بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇرماقچىمۇ؟ سىزنىڭ سەپسەتىلىرىڭىزگە جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىم يوق. لېكىن سىز ئۆزىڭىزنى مەلۇم ئۇرۇنغا قويىدىغان كىشىلىرىمىزدىن بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزدىن شۇنى سورىماقچىمەن: 
1- سىزنىڭ ئىسلام دىنى دېگىنىڭىز ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىم ئارقىلىق بىزگە نازىل قىلغان ئىسلاممۇ ياكى باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسىمۇ؟
جاۋابىڭىز قۇرئان كەرىم ئارقىلىق نازىل قىلىنغان ئىسلام بولىدىغان بولسا، سىزمۇ بۇ مەسىلىگە يەنە قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەتبىقاتلىرى بىلەن ئېنىق رەۋىشتە جاۋاب بېرىشىڭىز ياكى ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىز كېرەك ئىدى! لېكىن سىز ئۇنداق قىلماستىن قۇرۇق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ جاۋاب بەرمەكچى بولۇپسىز. بۇنىڭدىن قارىغاندا سىزنىڭ چۈشەندۈرمەكچى بولغان دىنىڭىز بۇرۇنقىلارنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت بولغان «دىن» بولغانلىقى ئۈچۈن سىز، ئۆزىڭىزنىڭ چۈشەنچىسىگە زىت كەلگەن يۇقىرىدىكى پەتىۋانى كۆرگەندە چىچاڭلاپ قۇرۇق گەپلەر بىلەن جاۋاب بەرمەكچى بولۇپسىز. دىنى ھۆكۈملەر بولسا، قۇرۇق گەپ، ھېكايە ۋە سەپسەتىلەردىن ئېلىنماستىن، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ بىرلەشكەن ھالىتىدىن ئېلىندۇ، خالاس!!! بۇنى بىلمەيدىغانلار بىلىدىغانلاردىن سورىشى كېرەك! 
2- سىزنىڭ بىرەر جۈملىنى توغرا چۈشىنەلىگۈدەك قابىلىيىتىڭىز بارمۇ - يوق؟
سىز سۆزىڭىزنىڭ بېىشدىلا «قۇرئانننى تاھارەتسىز تۇتۇش» دېگەن سۆز «جۇنۇپلۇق» ھالەتنى كۆرسەتمەمدىغانمىدۇ؟ جۇنۇپ ھالەتتە قۇرئان تۇتسا بولامدۇ؟ » دەپ باشلاپسىز. بۇ سىزنىڭ دىنى ساھەدە قانچىلىك مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ! چۈنكى دىندىن ياكى دىنى ئاتالغۇلاردىن ئازراق مەلۇماتى بار ئادەمنىڭ ئۇ جۈملىنى بۇ شەكىلدە چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس. سىز جۈملىنى تەتۈر چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزچە «بىلىمدار»لىق قىلىپ بىر مۇنچە سەرگە ئولتۇرمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ كېتىپسىز.
يەنە بىر گەپ سىز « پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتقانلىق تۇغرىسىدىكى باياننى، سەھىھ ھەدىسنى كۆردىڭىزمۇ؟ » دەپسىز. قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتماسلىق ھەققىدە سەھىھ بىرەر ھەدىس بولغان بولسا ئىدى، يۇقىرىدىكى پەتىۋا بىزدىن چىقمىغان بولاتتى. بۇنى مۇشۇ شەكىلدە چۈشىنىپ قويۇڭ. 
سىز تىلغا ئالغان «سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتىم ،بىرى قۇرئان ، بىرى مېنىڭ سۇننىتىم...» دېگەن «ھەدىس»نىڭ بۇ شەكلى سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدا يوق. سەھىھ ھەدىس كىتابلىرىدا تېپىلىدىغان شەكلى مۇنداق: 
«... مەن سىلەرنڭ ئىچىڭلاردا بىر نەرسە قالدۇردۇم، سىلەر ئۇ نەرسىنى چىڭ تۇتساڭلار، ھەرگىزمۇ ئېزىپ كەتمەيسىلەر. ئۇ نەرسە بولسا، ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر.» (مۇسلىم، مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ سۈپىتى؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ سۈپىتى. بۇ ھەدىس مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم تەرجىمە قىلغان «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتىمۇ بۇ شەكىلدە ئۆتىدۇ.)
3- قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچى كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىمانىڭىز يوقمۇ؟
ئەگەر قۇرئاندا ھەممە نەرسىنىڭ بايان قىلىنغانلىقىغا ئىمانىڭىز بولمىسا، باشقىلارغا قالايمىقان «نەسىھەت» قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىمانىڭىزنى سۈزگەچتىن ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
« ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.» (يۇسۇف سۈرىسى، 111- ئايەت).
« ... ساڭا بىز بۇ كىتابنى ھەممە نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى، بىر رەھمەت ۋە خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق.» (نەھل سۈرىسى، 89- ئايەت)
ئاخىرىدا سىزگە دەيدىغىنىم: مەن قۇرئاننى ھاجەتخانىغا قويسا بولامدۇ، بولمامدۇ؟ دېگەن پەسكەش سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى بۇنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەقىل نېمىتىدىن ئازراق نېسىۋىسى بولغان ھەرقانداق كىشى ياخشى بىلىدۇ!

باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغىنىمىز شۇكى، 
قېرىنداشلار! بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان. بىزنىڭ بىر كىتابىمىز ۋە بىر پەيغەمبىرىمىز بار. كىتابىمىز قۇرئان كەرىم، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم ۋە ھەممىمىز شۇنداق ئېتىقاد قىلىمىز. بۇ ئېتىقادىمىزنىڭ ئەمەليتىمىزدە نامايەن بولۇشى ئۈچۈن ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكىتىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى قۇرئان كەرىم رەببىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ۋە ئۆزگەرتىلىشتىن قوغداشنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان كىتابى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا، ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە كېلىدىغان پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزىدىغان بىر پەيغەمبەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىشقا، بىر پەيغەمبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بولسا قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان. بۇ زات ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغانلىقتىن قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى تامامەن ئاللاھنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ ۋە تەدبىقلىشىدا خاتالىق مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. خاتالىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېمىگىننى «دېدى»، قىلمىغىنىنى «قىلدى» دەپ نەقىل قىلىشتىن مەيدانغا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان. 
قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ۋە ھەرىكەتلەر (ھەدىسلەر) قايسى كىتابقا يېزىلغان بولسا بولسۇن، ئۇلاردىن ھۆكۈم ئالغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنى شەرتسىز ھالدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەبەدىي مۆجىزىسى بولغان قۇرئان كەرىمگە ئۇدۇللاپ بېقىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغان ۋاختىمىزدا خاتالىقتىن ساقلىنالايمىز. 
مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئاساسى ئەنە شۇنداق ئۆزگەرتىلمەس ۋە ئۆزگەرتىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان قۇرئان كەرىم بولغاچقا بىز ھەر مەسىلىمىزدە ئۇنىڭغا ئاساسلىنىشىمىز كېرەك. دىنى مەسىلىلەرنى ھېكايە چۆچەكلەردىن، كۇچا خەۋەرلىرىدىن ۋە كىمنىڭ نېمە ئۈچۈن يازغانلىقى مەلۇم بولمىغان ئېيتاۋۇر كىتابلاردىن ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ھەممىمىز بىر – بىرىمىزگە مەسئۇل بولۇشىمىز لازىم. شۇنىڭدەك ھەممىمىز ئىسلامنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلىرىمىزغا توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.

ﻣﻪﻧﺒﻪ: ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى