قۇرئان كەرىم چۈشىنىشلىكمۇ؟ ئىنسانلار ئۇنى چۈشىنەلەمدۇ؟

«ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەتلىك كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر»

 

«ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى» (يۇنۇس 1-2-ئايەتلەر)

 

«تا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر» (نەمل، 1- ئايەت)

 

«ئى ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان)رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە اﷲ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى» (مائىدە، 15- ئايەت)

 

«روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، كىمكى اللەغا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (اللە) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، اللە ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ »(تالاق، 11- ئايەت)

 

«سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق» (ئەنئام، 98- ئايەت)

 

«(ئى مۇھەممەد!ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) اﷲ دىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن»(ئەنئام، 114- ئايەت)

 

«بۇ (يەنى ئىسلام دىنى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلدۇق» (ئەنئام، 126- ئايەت)

 

«ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام ۋەز ۋە قىسسىلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر» (ھۇد، 1- ئايەت)

 

«بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ (يەنى كۆپ جىدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)» (كەھف، 54- ئ.ايەت)

 

«ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟» (قەمەر سۈرىسىدە بۇ ئايەت 4 قېتىم ئۆتىدۇ : 17، 22، 32 ۋە 40 - ئايەتلەردە)

 

«بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، اﷲ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار»

 

«(مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر» (ئەنئام، 155-156- ئايەتلەر)

 

«كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، اﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر (يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى)» (ئىبراھىم، 52- ئايەت)

 

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر مۇنداق: ئالى ئىمران، 138؛ نەخل، 89؛ ئەنئام، 46، 63، 65، 97، 221؛ نۇر، 27-34؛ ئىسرا، 89، مەريەم، 97؛ زۈمەر، 27-28؛ دۇخان، 58. ۋە باشقا بۇنىڭغا يېقىن ئايەتلەرمۇ بار.

 

بۇ ئايەتلەردىن قۇرئان كەرىمنىڭ مازار بېشىدا ئوقۇلۇشى ۋە ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ساۋاب ئۈمىت قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، چۈشىنىلىپ، ئەمەل قىلىنىشى، ھاياتتا ھەر مىنۇت، ھەر سىكۇنىت رەھبەر قىلىنىش ئارقىلىق دۇنيا - ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بىزگە قانداق تەتبىقلىنىدىغانلىقىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.