رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزسىز؟

رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزسىز ؟


كۈيۈمچان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى قېرىندىشىم، مۇبارەك رامىزان يىتىپ كېلىش ئلدىدا تۇرۋاتىدۇ. بەلكى سىز رامىزانغا كىرىش تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مۇكەممەل لاھىيە تۈزگەن بولسىڭىز كىرەك. چۈنكى قەلبىڭىزدىكى رامىزاننىڭ شەرپى ۋە ھۆرمىتى سىزنى ئالدىدىن تەييارلىق قىلىشقا ۋە بۇ شەرەپ ۋە ھۆرمەتنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان رامىزانلىق پىلان تۈزۈنشكە ئۈندەيدۇ ئەلۋەتتە . ئەمما سىز  ئالدىراشچىلىقتىن رامىزاننىڭ كىلىپ قالغىننى مەسچىتلەردە پالانى كۈنى رامىزان تۇتمىز دىگەننى ئاڭلاپ، ھە .. رامىزان رۇزىسى كەپ قاپتۇدە،ئەمدى رامىزاننى تۇتۇشنى باشلايلى دەپلا، ھېچقانداق پىكىر ۋە تەييارلىقسىزلا بۇ شەرەپلىك رامىزان ئىشكىگە كەپ قالغان قېرىندىشىم بولسىڭىز. ئۇنداقتا سىزگە : ئەنە شۇنداق ئالراشچىلىق بىلەن ئۆتۋاتقانا بىر يىل ئىچىدىن پەقەت مۇشۇ بۈيۈك ئاي بولغان رامىزان ئېيدا ئىشلاردىن قولىڭىزنى بىر قەدەر بۇشىتىپ، خۇددى ئون بىر ئايدىن بىرى ھاياتلىقىڭىز ۋە ئىجتىمائى تۇرمىشىڭىز ئۈچۈن قانچىلىق تىرىشقان، قانچىلىق جاپا چەككەن بولسىڭىز، شۇنىڭ ھەممىسدىلا ئەمەس ، پەقەت ئاشۇ تىرشچانلىقلىرڭىزدىن بىر قىسمىنى ئاللاھ ئۈچۈن چىقرىشىڭىزنى ۋە ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ساۋاپ بىرلىدىغان، ئىنسان يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم ئىرشەلەيدىغان بۇ ئاينى قەدىرلىشنى ۋە غەنىمەت بىلىشنى، ئىبادەت ئېىيى دەپ ئاتالغان بۇ سېخى رامىزاندا كوپلەپ ئىبادەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قېلىشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە رامزان ئېينى قانداق ئۆتكۈزۈنش ھەققىدە تۈزگەن لاھىيەرىمنى سىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن
>>ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى<<  سۈرە بەقەرە 183- ئايەت
>>تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە اﷲغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار (اﷲنىڭ يۇلىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار (بۇ) ئۆزەڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر كىمكى نەفسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن ئۇ مەقسىدىگە ئېرىشكۈچىدۇر.<<  سۈرە تەغابۇت 16 ئايە
ئەېزىز قېرىنداشلار سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىدۇر، بۇ يەردە ئۆز پىكىر ۋە قاراشلىرىم ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىشنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارغىنىم ئۈچۈن،  ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلىمىز مۇھەممد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق  رامىزان ئايلىرنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئاز تولا كۆرسەتمە بېىرىپ ئۆتمەكچىمەن ) كۆپۈنچە قېرىنداشلار كۈندۈز ۋاقتى ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغىنى ئۈچۈن، ئاساسەن كەچكى ۋە ئەتتىگەنلىك ۋاقىتلار ئاساس قىلىندى(
بامدات نامزىدىن ئىلگىرى : 
1‏-تەھەججۇد نامزى ئوقۇڭ، ئاللاھ قۇرئان ئەزىمدە مۇنداق دەيدۇ:«(اﷲغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ)». ئېيتقىنكى «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ».  سۈرە زۇمەر 39‏- ئايەت
‏-2 زوھۇرلۇق يەڭ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن >> زوھۇرلۇق يەڭلار، زوھۇرلۇقتا بەركەت بار << ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن 
3‏- بامداتنىڭ ئەزىنگىچە ، ئاللاھدىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭ، ئاللاھ قۇرئان ئەزىمدا مۇنداق دەيدۇ » ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» سۇرە زارىيات 18 ئايەت
4‏- بامداتنىڭ سۇننىتىنى ئادا قىلىڭ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن >> بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشدۇر << ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن

بامدات نامزىدىن كېيىن :
1‏- بامدات نامزىغا جامائەتكە ھازىر بولۇڭ: غئەگەر بامدات ۋە خۇپتەن نامزىدىكى پەزىلەتنى بېلسە ئىدى، ئۆمۈلەپ بولسىمۇ كىلەتتى<< ئمام بۇخارى خاتىرلىگەن
2‏- بامدات نامزىغا تۇرغىچە دۇئا ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن شوغۇللۇنۇڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>>: ئەزان بىلەن تەكبىر ئارسىدىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ << ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇت خاتىرلىگەن 
3‏- كۈن چىققىچە ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈڭ، پەيغەمبەر ئەلەھيىسالام مەسجىتتە كۈن چىققۇچە ئولتۇراتتى << ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن 
4‏- كۈن چىققاندا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇڭ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>> قانداق كىشى بامدات نامزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، مەسجىتتە كۈن چىققۇچە ئولتۇرۇپ، كۈن چىققاندىن كىيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ئۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق ھەج ۋە ئومرە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ << تىرمىزى خاتىرلىگەن
5‏- يۇقارقىلاردىن كېيىن كۈندىلىك مەشغۇلاتىڭىزغا يۈرۈپ كىتىڭ ) ئەگەر ھاجەت بولسا ،ھاجەت بولمىسا رامىزان كۈنلىرىنى قۇرئان تىلاۋىتى ۋە زىكىر تەسبىھلەر بىلەن ئۆتكۈزگىنىڭىز ئەپزەلدۇر (  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>> سىلەرنىڭ بىرىڭلار .ئۈچۈن ئۆز كۈچگە تايىنىپ يىشىشتىن ياخشىراق تائام يوق << ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن 
  
چۈشتە :
1‏- پېشىن نامزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇڭ ۋە ئۇندىن كىيىن ئازراق ئارام ئېلىڭ ) كىچلىك ئىبادەتنىڭ ياخشى بولشى ئۈچۈن ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>>  سەندە بەدىنىڭنىڭمۇ ھەققى بار << رىۋايەت قىلغۇچى ئىسىمدە قالماپتۇ 

ئەسىر نامزىدىن كىيىن خۇپتەنگىچە :
1‏-ئەسىر نامزىنى ئادا قىلغاندىن كىيىن ئىپتار ۋاقتى كەلگەندە ئىپتارلىق ئۈچۈن تەييارلىنىڭ ۋە كوپلەپ دۇئا قىلىڭ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>> رامىزان تۇتقۇچنىڭ ئىپتار ۋاقتىغىچە قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ << تىرمىزى خاتىرلىگەن 
2‏- ئىپتار قىلىپ ناماز شام نامزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ياخشى سۆز ياخشى دەرىسلەر بىلەن ئائىلىڭىزدىكلەر بىلەن سۆھبەتتە بولۇڭ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>> سەندە ئائىلەڭنىڭ ھەققى بار << رىۋايەت قىلغۇچسى ئىسىمدا قالمىغان 

خوپتەن نامزىدىن كىيىن:
ئىوپتەن نامزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، تىراۋى نامزىنى تولۇق ئادا قىلىڭ، ئ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>> قانداق كىشى رامىزاندا ئىمان ۋە ياخشىلىق تەلەپ قىلىپ تۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن گۇناھلىرنى مەغپىرەت قىلىدۇ << ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن 
2‏- ۋېتىر نامزىنى كېچنىڭ ئاخىرگىچە كېچىكتۈرۈڭ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن>> كىچلىك نامزىڭلارنىڭ ئاخىر ۋېتىر بولسۇن << بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

ئاخىردا قېرىنداشلارغا رامىزان ئېيدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچە ياكى ئۇيغۇرچە تەرجىمسىنى ھەر كۈنلىكى بىر پارىدىن، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە بىر قېتىم تۈگتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .ئاللاھ قۇرئان ئەزىمدە مۇنداق دەيدۇ:«( رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بۇلۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر،« سۇرە بەقەرە 184 ئايەت
قېنى قىرىندشىم مۇسۇلمان ئۈچۈن غەنىمەت ۋە پۇرسەت بۇلغان بۇ شەرەپلىك ئاينى يۇقارقى ئەمەللەر بىلەن ئۆتكىزەلەمسىز ؟
  رامىزان ئېيدا قىلىش-قىلماسلىق توغرىسدا قىسقىغىنا ئاگاھلاندۇرۇش


1 سۆزنى ئاز قىلىڭ، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭ.
2 تاماقنى ئاز يەڭ، سەدىقىنى كۆپ بېرىڭ 
3 ئۇيقۇنى ئاز ئۇخلاڭ، قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلىڭ 
4 سېرىتقا ئاز چىقىڭ، مەسجىتكە كۆپ چىقىڭ 
5 كىشلەر بىلەن ئاز ئارلىشىڭ، ياخشىلار بىلەن كۆپ سۇھبەتتە بولۇڭ 
6 باشقا ئشىلارنى ئاز قىلىڭ، نامازنى كۆپ ئوقۇڭ 
ئاللاھ ھەممىزنى رامىزان ئېينىڭ قەدرىنى  بىلىدىغان، ۋە مۇشۇ شەرەپلىك ئايدىكى رەھمەت باسقۇچدا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدىغان، مەغپىرەت باسقۇچدا ئاللاھنىڭ مەغپىرتىگە نائىل بولغان، دەۋزەختىن ئازات باسقۇچدا ئاخىرەتتە جەننەتكە مۇشەررەپ بولغان مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەردىن قىلسۇن ! ئامىن 

مەنبە: http://www.uighurislam.net