شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتۇپ پۈتۈن يىل روزا تۇتقاننى ساۋابىنى قولغا كەلتۈرەيلى!


ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! 
ئىگىمىز ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر رامىزان ئېينى ئۆتكۈزدۇك ۋە بۇ ئاي بىزگە سەۋرچانلىقنى ئۆگەتتى، ئاچ - توق ياشايدىغان پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەتتى. ئاللاھنىڭ مۇۋۋەق قىلىشى بىلەن نۇرغۇنلىرىمىز روزا تۇتۇش، تەراۋىھ ۋە نەپلە نامازلارنى ئوقۇغاندىن سىرت رامىزاننىڭ تېشىدا قىلالمايدىغان كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋالدۇق (دەپ پەرەز قىلىمەن!). 

ئاللاھ تۇتقان روزىمىزنى، قىلغان دۇئا-ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن، رامىزاندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى، ئادەتلەنگەن ئىبادەتلىرىمىزنى شۇنداقلا پۈتۈن ياخشى ئىشلارنى پۈتۈن يىل بويىچە داۋاملاشتۇرغىلى بېسىپ قلىسۇن، ئامىين!

«كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ».

(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىكى تەۋسىيەگە قۇلاپ سېلىپ ئۆتكەن ئاينى روزا بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھەم ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرگەن، ھەم ئۆزىمىزدە ياخشى خىسلەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگىنىمىزدەك، بۇ ئايدا 6 كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن يىلىمىزنى روزا بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنىڭ ساۋابىنى ئېلىشقا تىرىشايلى... 
روزا تۇتۇشتا ئارقىمۇ ئارقىدىن تۇتساقمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يول كۆرسىتىش بويىچە مېڭىپ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتساقمۇ بولىدۇ... 
ئاللاھ قۇبۇل قىلسۇن! 
جانابى ئاللاھ بىزگە رامىزاندا قولغا كەلتۈرگەن پەزىلەتلەرنى پۈتۈن ئۆمرىمىزدە قولدىن بەرمەيدىغان ئاڭ، شۇئۇر ئاتا قىلسۇن! مۇسۇلمانغا لايىق ياشاشنى نېسىپ قىلسۇن! بىزنى زالىملار بىلەن سىنىمىسۇن، قىز - ئاياللىرىمىز بىلەن ئىمتىھان قىلمىسۇن! ئۆزىنى داۋاملىق ئەسلەش، داۋاملىق بەندىچىلىك قىلىش، بەرگەن نېمەتلىرىگە ئەڭ ياخشى رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلىش ئارقىلىق تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى بىزگە مۇيەسسەر قىلسۇن! ئامىين!