تەھەججۇد نامىزى ھەققىدە ساۋات

تەھەججۇد ھەققىدە ساۋات

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۇقەددىمە

دىنىمىزدا تەھەججۇد نامىزى، دەپ بىر ناماز بار. بۇ ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز، ئۈممەتكە سۈننەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا»
«كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن ساڭا ئارتۇقچە بىر ۋەزىپە بولغان تەھەججۇدنى ئوقۇغىن. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان بىر ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن)»[1].
بۇ ئايەت تەھەججۇد نامىزىنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە پەرز ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا تەھەججۇدنى ئۈممەتكە پەرز قىلماستىن ئۈممەتنى تەھەججۇدقا تەشۋىق قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«ئۇلار كېچىلىرىنى رەببىگە سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەردۇر»[2].

«بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا ئۇ ئايەتلەر ئەسلىتىلسە دەرھال سەجدە قىلىدۇ، رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە چوڭچىلىق قىلمايدۇ. ئۇلار تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېچىدە ياتاقلىرىدىن تۇرىدۇ،…»[3]

«شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ، رەببى بەرگەن مۇكاپاتلارنى ئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ياخشى كىشىلەر ئىدى، كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى، سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى،…»[4].
مانا بۇ ئايەتلەر (تەرجىمىلىرى) دە ئۈممەت تەھەججۇدقا تەشۋىق قىلىنغان، ئەمر قىلىنمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈممەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇسا كۆپ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىسا ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ، لېكىن گۇناھكار بولمايدۇ.
بۇ نامازنىڭ ھۆكمىنى، ۋاقتىنى، رەكئەت سانىنى ۋە ئوقۇلۇش شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق. ئىشائاللاھ پايدىلىق بولغۇسى!
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
ئەبۇلفاتىھ



1- تەھەججۇد نامىزىنىڭ ھۆكمى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُودًا (78) وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا (79)»


«ئى مۇھەممەد! نامازلارنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن. سەھەرنىڭ قۇرئانىنىمۇ[5] ئوقۇغىن، چۈنكى سەھەرنىڭ قۇرئانى كۆرۈلگۈچىدۇر.
كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن ساڭا ئارتۇقچە بىر ۋەزىپە بولغان تەھەججۇدنى ئوقۇغىن. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنىمەدھىيىلىنىدىغان بىر ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن» [6]


ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ بىرىنچىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇپ، ئىككىنچى ئايەتتە، ئۇنى كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە «نافىلەتەن لەكە (ساڭا ئارتۇقچە بىر ۋەزىپە بولغان)» دېگەن سۆزى بىلەن بىرىنچى ئايەتتە بۇيرۇلغان بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگىمۇ پەرز ئىكەنلىكىنى، كېچە نامىزى (تەھەججۇد) نىڭ بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىلا پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازغا تەشۋىق قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھەدىسلەر مۇنداق:


1- ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى سالىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئابدۇللاھ كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى ئادەم بولغان بولاتتى – ھە؟»، دېدى. سالىم مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ شۇ سۆزدىن كېيىن كېچىسى ناھايىتى ئاز ئۇخلايدىغان بولغان»[7].
2- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى ئۇخلىغان چېغىدا، شەيتان ئۇنىڭ گەجگىسىگە ئۈچ توقۇناق چىگىدۇ. ھەر توقۇناقنى چەگكەندە: ‹ئۇخلاۋەرگىن، كېچە ئۇزۇن›، دەيدۇ. كىشى ئويغىنىپ ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتسا بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. تاھارەت ئالسا يەنە بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. ناماز ئوقۇسا يەنە بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېتىك، روھلۇق بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، ئېزىلەڭگۈ، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ»[8].


3- ئابدۇللاھ ئىبن سەلام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەرگە تائام بېرىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار جەننەتكە سالامەت كىرەلەيسىلەر»[9].



2- تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى

تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن باشلىنىپ تا تاڭ ئاقارغۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. لېكىن ئوقۇلغان نامازنىڭ ئادەتتىكى نەپلە ناماز بولماي تەھەججۇد نامىزى بولۇشى ئۈچۈن خۇپتەندىن كېيىن بىر مۇددەت ئۇخلاپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. تەھەججۇد كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەناسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئۈستىدە تۆۋەندە توختىلىمىز.
تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتىنى ئېنىق بەلگىلەش ئۈچۈن بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ پۈتۈن ۋاقىتلىرىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ۋاقىتلار تەبىئىي سائەت بولغان كۈن بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:



«هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ».

«ئاللاھ، كۈننى نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلغان ۋە ئايغا مەنزىللەر تەيىن قىلغان زاتتۇر. ئاللاھ بۇنى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ بۇلارنى پەقەت ھەق بىلەنلا ياراتتى. ئاللاھ ئايەتلىرىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلي بايان قىلىدۇ»- يۇنۇس 10/5.
ماۋزۇ تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى زىكىر قىلىنىدىغان ئايەتلەر ئۈستىدىلا توختىلىمىز. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:
«فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ»
«ئاخشامغا ئۇلاشقان ۋە ئاخشامدا بولغان، ئەتىگەنگە ئۇلاشقان ۋە ئەتىگەندە بولغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار»- رۇم 30/17.


«أَقِمِ الصَّلَاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ …»
«نامازنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغىن…»- ئىسرا سۈرىسى 78 – ئايەت.


بۇ ئايەتلەردە كېچە ئۈچكە بۆلىنىدۇ: 1- «ئاخشام (مەسائ)»، 2-«قاراڭغۇلۇق (غەسەق)»، 3- «ئەتىگەن (ساباھ)». بىز بۇ ئۈچ ۋاقىتنى يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ (يۇنۇس سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىنىڭ) مەزمۇنى بويىچە كۈننىڭ ئالامەتلىرى بىلەن بەلگىلەشكە تىرىشىپ باقايلى:
كېچىنىڭ بىرىنچى ۋاقتى ئاخشام ۋاقتىدۇر، بۇ ۋاقىت كۈن پاتقاندىن باشلاپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى باسقۇچىلىك ئارىلىقتا بولغان ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىت پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا «ئاخشام» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا نامازشام بىلەن خۇپتەن نامىزى ئوقۇلىدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق بۇ ئاخشام ۋاقتى كۈنىنىڭ ئالامىتى بىلەن بەلگىنىلىش بىلەن بىرگە يەنە كۈننىڭ ئالامىتى بىلەن ئىككىگە ئايرىلىدۇ: بىرى كۈن پاتقاندىن كېيىن كۈن پېتىش تەرەپتىكى قىزىللىق يوق بولغۇچە بولغان ۋاقىت بولۇپ بۇ ناماز شامنىڭ ۋاقتىدۇر. يەنە بىرى قىزىللىق يوق بولغاندىن كېيىن باشلىنىدىغان ئاقلىق يوق بولغۇچىلىك بولغان ۋاقىت بولۇپ بۇ خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتىدۇر. بۇ ئىككى ۋاقىت رۇم سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتىدە «ئاخشام (مەسائ)» دەپ ئاتىلىدۇ.
كېچىنىڭ «ئاخشام (مەسائ)» ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنى كۈن پېتىشتا كۈننىڭ ھېچبىر ئالامىتى قالمىغاندىن كېيىن «كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى (غەسەقۇللەيل)» باشلىنىدۇ. مانا بۇ ۋاقىت تاڭ ئاقارغۇچە داۋاملىشىدىغان ئۇزۇن بىر ۋاقىت بولۇپ تەھەججۇد ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ.

«كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقى (غەسەقۇللەيل)» دىن كېيىن تاڭ ئاقىرىدۇ. تاڭنىڭ ئاقىرىشى بىلەن روزا تۇتقۇچىنىڭ يېمەك-ئىچمەكتىن توختىشى لازىم بولىدۇ. بامدات نامازنىڭ ۋاقتى مانا مۇشۇ تاڭ ئاقارغاندىن تارتىپ كۈن چىققۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. مانا بۇ ۋاقىت رۇم سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتىدە «ئەتىگەن (ساباھ)» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» ئىككى ۋاقىت، «ئاخشام (مەسائ)» ۋاقتىدا ئىككى ۋاقىت ناماز ئوقۇشنىڭ، «ئەتىگەن (ساباھ)» ۋاقتىدا بىر ۋاقىت ناماز ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِنَ اللَّيْلِ …».
«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن…»- ھۇد 11/114.

ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا-زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» دېگەن قىسمى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئايەتتە ئۆتكەن زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» دىكى زۇلەف «زُلَف»، زۇلفە «زُلْفَة» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. كۆپلۈك (جەمئ) ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمە يېقىنلىق دېگەن مەنانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا زۇلەفەن مىنەللەيل «زُلَفاً مِّنَ اللَّيْلِ» نىڭ مەناسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ. كېچە كۈن پاتقاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتتۇر.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كېچىنىڭ بۇ ئۈچ ۋاقتى كۈننىڭ ئالامەتلىرى بىلەن بەلگىلىنىشى لازىم. بۇ مۇنداق بولىدۇ:
كۈن پېتىپ، ئۇپۇقتىن تېخى ئارتۇق يىراقلاشمىغان ۋاقىت ئىچىدە كۈن پېتىش ئۇپۇقىدا بىر قىزىللىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ قىزىللىق ئەرەپچىدە «شەفەقى ئەھمەر» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ، «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقتى» نىڭ بىرىنچىسىدۇر، شۇنداقلا نامازشامنىڭ ۋاقتىدۇر.
كۈن پېتىپ ئۇپۇقتىن خېلى يىراقلاشقاندا، كۈن پېتىش ئۇپۇقىدىكى قىزىللىق يوق بولۇپ، ئورنىنى ئاقلىق ئالىدۇ. بۇ ئاقلىق ئەرەپچىدە «شەفەقى ئەبيەز» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاقلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇددەت «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ئۈچ ۋاقتى» نىڭ ئىككىنچىسىدۇر، شۇنداقلا خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتىدۇر.
كۈن پېتىپ، ئۇپۇقتتا ھېچبىر ئالامىتى قالمىغاندا «كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى (غَسَقِ اللَّيْلِ)» باشلىنىدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىپ تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى باشلىنىدۇ. 
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بىر كېچە-كۈندۈزنىڭ ۋاقىتلىرى كۈن بىلەن بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۈن بىلەن بەلگىلىگەن. ھەدىسلەردىكى «ھەر نەرسىنىڭ سايىسى مانچىلىك بولغاندا پالانى نامازنىڭ ۋاقتى كىرىدۇ» دېگەندەك ئىپادىلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.
كېچە يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئۈچكە بۆلۈنسە، بەزىلەر: بۇ ئوخشاش بولمىدى، ئۇ تەقدىردە كېچىنىڭ ئوتتۇرىدىكى قىسمى ئۇزۇنراق بولۇپ قالمامدۇ؟ بىر نەرسىنى ئۈچكە بۆلۈش ئوخشاشتىن تەڭ ئۈچكە ئايرىش دېگەن بولمامدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن. ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭ جاۋابىنىمۇ بەرگەن.
ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسان سۈرىسىنىڭ 26- ئايىتىدىكى «وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا» (كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كېچىنىڭ ئۇزۇن بىر قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت» دېگەن سۆزى كېچىنىڭ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇلىدىغان قىسمىنىڭ پەرز ناماز ئوقۇلىدىغان قىسمىدىن ئۇزۇنراق بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.



3- تەھەججۇد نامىزىنىڭ رەكئەت سانى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازنى، رامىزان كېچىلىرىدە بولسۇن، باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ[10].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ نامازنى 7 رەكئەت، 9 رەكئەت، 11 رەكئەت ۋە 13 رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ. لېكىن 13 رەكئەت ئوقۇغان چېغىدا بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتىر ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[11].

4- تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەھەججۇد نامىزى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. تاڭ سۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، بىر رەكئەت ئوقۇپ ئوقۇغان نامىزىڭنى تاق قىلىۋالغىن»[12].

ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇد نامىزىنى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەت ئوقۇپ، ئاخىرىدا بىر رەكئەت ئوقۇپ ئوقۇپ بولغان نامازلىرىنى تاق قىلاتتى[13]. 

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ئون بىر رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا شۇنداق ئۇزۇن سەجدە قىلاتتىكى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگۈچە بىرىڭلار قۇرئاندىن 50 ئايەت ئوقۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئۆتەتتى…[14]. 

ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇزەيفە ئىبن يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كېچىسى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇپ قالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە فاتىھەدىن كېيىن سۈرە بەقەرەنى باشلىدى. مەن يۈزىنچى ئايەتتە رۇكۇ قىلامدىكىن، دېسەم، توختىماي ئوقۇۋەردى. مەن بەقەرە سۈرىسىنىڭ ھەممىسىنى بىر رەكئەتتىلا ئوقۇيدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. قىرائىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپ سۈرە نىسانى باشلىدى. ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرە ئال ئىمراننى باشلىدى. بۇ ئايەتلەرنى ئاستا-ئاستا ئوقۇيتتى. تەسبىھ ئايەتلىرى ئۆتسە تەسبىھ ئوقۇيتتى. دۇئا ئايەتلىرى ئۆتسە دۇئا قىلاتتى ۋە پاناھ تىلەشكە ئائىت ئايەتلەر ئۆتسە پاناھ تىلەيتتى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم»، دېدى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: «سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا»، دېدى. سەجدىدىمۇ قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردى[15].  

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن تۇرسا، ئالدى بىلەن يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالاتتى[16].

خۇلاسە:
ئا- تەھەججۇد نامىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز، ئۈممىتىگە سۈننەتتۇر. رەكئەت سانى ۋىتىر بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئارتۇق بولغاندا 11 رەكئەتتۇر.
ئە- تەھەججۇدنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن تاڭ يورۇغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتۇر. لېكىن ئوقۇلغان نامازنىڭ «تەھەججۇد نامىزى» بولۇشى ئۈچۈن ناماز خۇپتەندىن كېيىن بىر مۇددەت ئۇخلاپ ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ، ئاندىن ئوقۇش لازىم. چۈنكى بۇ نامازنىڭ «تەھەججۇد» دېگەن ئىسمى كېچىسى ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ئوقۇلىدىغان ناماز دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
ئاللاھ تەئالا تەقۋادارلارنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ»
«ئۇلار تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېچىدە ياتاقلىرىدىن تۇرىدۇ، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ»[17].

«وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ»
«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلىگۈچىلەردۇر»[18].

«وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ »
«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى»[19].

ياتاقتىن تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتىش لازىم. بۇ ئايەتلەردىكى «سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەش» دېگەن ئىپادە ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسىغا ئىشارەت قىلىدۇ. قۇنۇت دۇئاسىنىڭ سەھەرلەردە قىلىنىشى ۋە بۇ دۇئا ئوقۇلىدىغان ۋىتىر نامىزنىڭ تەھەججۇد نامىزنىڭ ئاخىرىدىكى تاق رەكئەت ئىكەنلىكى، تەھەججۇد نامىزىنىڭ، قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاق رەكئىتىنىڭ كېچىنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بىر ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندىكى ۋاقىت سەھەر دەپ ئاتىلىدۇ[20]. مۇنۇ ھەدىسمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلايتتى، ئاخىرىدا ناماز ئوقۇيتتى[21].

ب- ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ، رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرى بولسۇن، باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرى بولسۇن ھەر كېچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 7 رەكئەت، 9 رەكئەت، ئارتۇق بولغاندا 11 رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشى ئىنتايىن ياخشى ئىشتۇر.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
—————————————————————
[1]- ئىسرا 17/79.
[2]- فۇرقان 25/64.
[3]- سەجدە 32/ 15-16.
[4]- زارىيات 51/15-19.
[5]- بامدات نامىزىنى.
[6]- ئىسرا 17/78-79.
[7]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[8]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[9]- تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
[10] بۇخارى، تەراۋىھ 1، تەھەججۇد 3؛ مۇسلىم، سەلاتۇلمۇسافىرىن 125؛ تىرمىزى، سەلات 208؛ نەسەئى، قىيامۇل لەيل 36؛ مۇۋەتتا، سەلاتۇل لەيل 3؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/36، 73، 104.
[11]- بۇخارى، كىتابۇتتەھەججۇد 10.
[12]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[13]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[14]- بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
[15]- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[16]- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
[17]- سەجدە 32/16.
[18]- ئال ئىمران 3/17.
[19]- زارىيات 51/18.
[20]- لىسانۇل ئەرەب، ئەسسىھاھ فىللۇغە، ئەلقامۇسۇل مۇھىت، مۇئجەمۇ مەقايىسىل لۇغە.
[21]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مەنبە: مۇسۇلمانلار تورى