زىلھىججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۇنىنىڭ پەزىلىتى

ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ما مِنْ أَيامٍ العَمَلُ الصَّالحُ فِيها أَحَبُّ إِلى اللَّهِ مِنْ هذِهِ الأَيَّامِ» «ئاللاھ تائالا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى باشقا كۈندە قىلغان ئەمەللەرگە قارىغاندا ئەڭ ياقتۇرىدۇ»، دېۋىدى، ساھابىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ولا الجهادُ في سبِيلِ اللَّهِ، إِلاَّ رَجُلٌ خَرجَ بِنَفْسِهِ، وَمَالِهِ فَلَم يَرجِعْ منْ ذلك بِشَيءٍ» «ئاللاھ يولىدىكى جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، پەقەت جېنى، مېلى بىلەن جىھادقا چىقىپ، سالامەت-قايتىپ كەلمەي شەھىد بولۇپ كەتكەن كىشىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر»، دېدى. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

 بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ ئاينىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنى يەنى ئەتىدىن باشلاپ ئون كۈن ناھايىتى خاسىيەتلىك كۈنلەردۇر. شۇڭا بۇ ئون كۈننى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۆتكۈزسەك ياخشى ئىش قىلغان بولىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئون كۈن بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ھەدىسلىرىدىن مۇنۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى چىقىدۇ:
1- بۇ كۈنلەردە بولۇپمۇ ئەرەپە كۈنى يەنى بۇ ئاينىڭ تۇققۇزىنچى كۈنى (ئەتە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ دېگەن كۈنى) تېخىمۇ ئېنىراق قىلىپ ئېيتقاندا ھاجىلار ئەرەپاتقا چىقىدىغان كۈنى روزا تۇتۇش. لېكىن ئەرەپاتتىكى ھاجىلارنىڭ بۇ كۈنى روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن.
بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھېيت كۈنى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈندە روزا تۇتۇشتىن مەنئى قىلغان.
2- كۆپلەپ نەپلە ناماز، يەنى پەرز نامازلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەننىڭ سىرتىدا كۆپلەپ نەپلە ناماز ئوقۇش.
3- تەكبىر، تەھلىل ۋە تەھمىد ئوقۇش، يەنى «ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدۇ» دېگەن زىكىرلەرنى ھەر پۇرسەتتە ئوقۇش.
4- ئونىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلىش. قۇربانلىق قىلىش بۇ كۈنلەردىكى ياخشى ئىشلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!