ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ۋە ئىلىم ئەھلىگە بەرگەن ئەھمىيىتى

 

ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ۋە ئىلىم ئەھلىگە بەرگەن ئەھمىيىتى

 ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىمگە ۋە ئىلىم ئەھلىگە بەرگەن ئەھمىيىتى

ئىسلام، بىر ئىلىم – ئىرفان دىنىدۇر. ئۆگىنىشكە، ئۆگىتىشكە، تەكشۈرۈش ۋە تقىق قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك دىنىمىزنىڭ دەسلەپكى ئەمرى «ئوقۇغىن» شەكلىدە كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن باشتىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن دەسلەپكى ۋەھىي بىلەن ئوقۇش ئەمر قىلىنغان بولۇپ، ئىنساننىڭ بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا پايدىلانغان قەلەم بىلەن ئۆگىتىش تىلغا ئېلىنغاندۇر[1].

 

جاھالەت ھاكىم بولغان، ئۇقۇش – يېزىشقا ھېچقانداق ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ ئائىلىدىن ئەۋلادلارغا ئۆتىشىدىن ئىبارەت بولغان بىر جەمئىيەتتە، يېڭى دىننىڭ بۇ بىرىنچى ئەمرى بىلەن بۇ ھەقتە ئىنقىلاب خاراكتىرلىق ئۆزگىرىشنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تارىختا ئىزاھلاش قىيىن بولغان ھادىسىلىرىدىن بىرى قۇبۇل قىلىنغان ئىسلامنىڭ باشلانغۇچتا كۆرسەتكەن تىز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبىنى، كۆپىنچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىمگە، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ۋە ئىنسان تەلىم – تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە ئىزدەش لازىم[2].

 

ئىلىم، ئالىم، ئۆگىنىش، ئوقۇغۇچى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئۇلۇغلانغان بولۇپ، ئال ئىمران سۈرىسى، 18- ئايەتتە پەرىشتىلەردىن كېينلا ئالىملار تىلغان ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «اﷲ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر.پەرىشتىلەرمۇ،ئىلىم ئەھلىلرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى:ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق)يوقتۇر،ئۇ غالىبتۇر،ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». بۇ ھەقتىكى باشقا ئايەتلەر بولسا مۇنداق:

 

«ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، اللە سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، اللە سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، اللە سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار»[3]

 

«(اللەغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»»[4]

 

«شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اللەنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اللەدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اللە ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[5]

 

« بىز ئىنسانلارغا)قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن)بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ.»[6]

 

ھەدىسلەردە بولسا، ئىلىم ئۆگىنىش ئىبادەتتىن ئۈستۈن كۆرۈلگەن[7] بولۇپ، ئىبادەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلسە، ئىلىمگىمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالىملارنىڭ قەلەملىرىدىن ئاقىدىغان رەڭنىڭ، شەھىدلەرنىڭ قانلىرىغا بەدەل ئىكەنلىكى[8]، ئىلىم ئۆەگىنىش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى بىلەن پەيغەمبەرلەر ئوتتۇرىسىدا پەقەتلا بىر دەرىجىلىك پەرق بارلىقى[9] بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەردىن بىر نەچچىسىنىى تۆۋەندە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش پايدىلىق بولسا كېرەك:

 

«ئىلىم ئۆگۈنۈش، ئەر – ئايال ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.»[10]

 

«ھېكمەت ۋە ئىلىم مۇئمىننىڭ يىتتۈرگەن نەرسىسىدۇر. ئۇنى قەيەردىن تاپسا ئالىدۇ»[11]

 

«مەندىن بىر ئايەت ئۆگەنسەڭلارمۇ، ئۇنى باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىڭلار...»[12]

 

«بۇ يەردىكىلەر مەندىن ئاڭلىغانلىرىنى، بۇيەردە بولمىغانلارغا ئاڭلاتسۇن. بۇ يەردىكى بىر كىشى، ئاڭلىغانلىرىنى ئۆزىدىن ئەقىللىقراق بىرىگە يەتكۈزۈپ قېلىشى مۇمكىن.»[13]

 

«بىرىڭلارغا بىلىدىغان بىر نەرسە سورالغاندا ئۇنى دەرھال ئېيتىپ بەرسۇن.»[14]

 

بۇ ھەدىسلەردىن شۇنى چۈشىنىۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىمگە، جەمئىيەتنىڭ ئاقارتىلىشىغا ۋە تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ، ئۆزىدىن ئۆگىنىلگەنلەرنىڭ، باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىلىشىنى بۇيرىغان. تەلىم – تەربىيە بۇ يول بىلەن ئۇمۇملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تەشۋىق ۋە تەۋسىيەلىرى كۈتۈلگەن نەتىجىنى بەرگەن ۋە تېخى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىلا تەلىم – تەربىيە كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۇمۇملاشقان.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئالىملارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى قۇبۇل قىلغان بولۇپ[15]، ھەم ئۆگەنگۈچىنىڭ ھەمدە ئۆگەتكۈچىنىڭ ئوخشاش ئەجر – ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى[16] ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[17]. ھەتتا دەسلەپكى يىللاردا ماددىي بەدەل ئېلىپ ئىلىم ئۆگۈتۈش ئەيىپلانغان[18].

 

ئىسلام جاھالەتكە قارشى ئۇرۇش ئاچقان بىر دىندۇر؛ ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى جاھالەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى ئەرەپ ئىجتىمائىي جەمئىيىتىگە «جاھىلىيە» نامى بېرىلگەن. ئىسلام، جاھىلىيە دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىلىم – ئىرپان دەۋرىنى ئاچتى، ساۋاتسىزلىقنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا باشلىدى، ئۇقۇپ – يازالايدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئالدى. بۇنىڭغا بىر نەچچە مىسال بېرىشكە توغرا كەلسە، فىديە بېرىپ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان بەدىر جېڭىدە ئەسىرلەر چۈشكەنلەرنىڭ ئون مۇسۇلمانغا ئۇقۇش – يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇش بەدىلىگە قويۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى، بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان بۇتپەرەسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۇقۇتقۇچىلىك قىلىشلىرىنى قۇبۇل قىلغان[19].

 

بۇنىڭدىن باشقا يېڭى مۇسۇلمان بولغان قەبىلىلەرگە ئوقۇتقۇچىلار ئەۋەتىلدى[20]. ئىلىم ۋە پەن ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام، ئىلىم ئۆگۈنۈشنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلدى ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىردى. ئىسلامدا ئوقۇش – ئۆقۇتۇش بىر ۋەزىپە سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىندى. جاھىلنىڭ سورىشى ۋە ئۆگىنىشى؛ ئالىمنىڭ بولسا ئۆگىتىشى ۋە بىلگەنلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزىشى، بىر كىشىلىك ۋەزىپىسى قۇبۇل قىلىندى. ئىسلام دىنىدا بىلگۈچىنىڭ بىلىمىنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇشى بىلەن جاھىلغا بىلىدىغانلىقىنى ئېيتماسلىقى (يەنى بىلىمنى يۇشۇرۇشى) چەكلىنىدۇ[21].

 


[1] ئەلەق سۈرىسى، 1-4 – ئايەتلەر.

 

[2] مەھمەت تۈتۈنجۈ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە تەلىم – تەربىيە ئاساسلىرى، دىيانەت ئىلمىي ژورنىلى، 20- توم، 4- سان، 41- بەت.

 

[3] مۇجادەلە، 58/11.

 

[4] زۈمەر، 39/9.

 

[5] فاتىر، 35/28.

 

[6] ئەنكەبۇت، 29/43.

 

[7] بۇخارىي، ئىلىم، 10.

 

[8] ئىبن ئابدىلبەر، جامىئۇلبەيانىل ئىلم، 33- بەت.

 

[9] مەزكۇر ئەسەر، 126- بەت.

 

[10] ئىبن ماجە، 1- توم، 81- بەت. 224- نۇمۇرلۇق ھەدىس.

 

[11] ئىبن ماجە، 2- توم، 1395 – بەت، 4169- ھەدىس.

 

[12] بۇخارىي، ئىلىم، 26.

 

[13] بۇخارىي، ئىلى، 9.

 

[14] تىرمىزى، تەفسىر، 1.

 

بۇخارىي، ئىلىم، 10.[15]

 

[16] ئىبن ماجە، مۇقەددىمە، 17.

 

[17] دارىمىي، مۇقەددىمە، 25.

 

[18] بۇخارىي، ئىجارە، 16.

 

[19] پروفېسسور، دوكتور، سۇلەيمان ئۇلۇداغ، ئىسلامدا ئەمر ۋە نەھىيلەرنىڭ ھېكمىتى، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1988- يىل نەشرى، 150 – 151- بەتلەرگە قاراڭ.

 

[20] تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن، پروفېسسور، دوكتور، مۇھەممەد، ھامىدۇللاھ، ئىسلام پەيغەمبىرى، 1- توم، 100- ۋە داۋامىدىكى بەتلەرگە قارالسۇن.

 

[21] بەقەرە، 2/146؛ ئال ئىمران، 3/187؛ نىسا، 4/37.

ئا.قاراقاش تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش: باشقا تورغا كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، مەنبەنى كۆرسىتىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.