ئابدۇلباسىت ئابدۇسەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئابدۇلباسىت ئابدۇسسەمەت، 1927-يىلى مىىسىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەرمىنت-قىناغا قاراشلىقئەلمۇرائىزە كەنتىدە ئىسىل بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. قۇرئانى كەرىمنى ئۆزىياشاۋاتقان يېزىدىكى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەمىيردىن يادلىدى. قىرائەت ئىلمىنى بولساقارىي مۇھەممەد سەلىيم ھەمادەدىن ئۆگەندى. 1951-يىلىغا كەلگەندە مىسىر دۆلەترادىئوسىغا كىردى. ئۇ رادىئودا بىرىنچى قېتىم ئوقۇغان ئايەتلەر سۈرە فاتىردىنئىدى. 1952- يىلى ئىمام شافىئىي مەسجىدىگە قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچى بولۇپتەينلەندى. 1958-يىلىدا بولسا شەيخ مۇھەممەد ئەلى ئەلبەننانىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدەئىمام ھۈسەيىن مەسجىدىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلغۇچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. رادىئودىكىۋەزىپىسى ئۈچۈن ئۈن-سىنلەردىن قولغا كەلتۈرىدىغان كاتتا بايلىققا قاراپمۇ قويمايقۇرئانى كەرىمنى تەرتىل ۋە تەجۋىدلىك ئوقۇيدىغان قارىيلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەنشەھەرلەرنى زىيارەت قىلىپ قۇرئانى كەرىم زىياپەتلىرى بەردى. مەرھۇم 1984-يىلىغاكەلگەندە مىسىر قارىيلىرىنىڭ دەسلەپكى سەركىسى بولدى ۋە 1988-يىلى 30-نۇيابىر كۈنىئالەمدىن ئۆتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن! ياتقان ئورنىنى جەننەت قىلسۇن!

 

مەرھۇم ئۆزى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە قىرائەتئىلمىنى ئۆگىنىش سەرگۈزەشتىسىنى مۇنداق ئاڭلاتقان ئىكەن:

"قۇرئانى كەرىمنى يادلاپ بولغان ۋاختىمدا 10يېشىمدا ئىدىم. قۇرئانى كەرىم ئاغزىمدىن دەريادىكى ئېقىن سۇدەكلا ئېقىپ تۇراتتى.دادام تاشقى مۇناسىۋەتلەر مېنىستىرلىكىدە ئىشلەيتتى. چوڭ دادام بولسا ئالىملاردىنئىدى. مەن ھەر ئىككىسىگە قىرائەت ئىلمى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئانى كەرىم ئىلىملىرى بىلەن قىرائەت ئىلمىنى شەيخ مۇھەممەدسەلىيمدىن ئۆگىنەلىشىم ئۈچۈن دېڭىز يولى ئارقىلىق تانتا شەھرىگە بېرىشىملازىملىقىنى ئېيتتى. لېكىن جەنۇنى مىسىردىكى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئەرمىنت بىلەندېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان تانتا شەھرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسافە خېلىلا يىراق ئىدى.ئەمما بۇ ئىش ئىستىقبالىمغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بېرىشىم كىرەك ئىدى. شۇڭائۇلار ماڭا يول كۆرسەتتى، مەنمۇ سەپەرگە ھازىرلاندىم. تانتاغا مېڭىشىمغا بىر كۈنقالغاندا شەيخ مۇھەممەد سەلىيمنىڭ ئەرمىنتتىكى بىر دىنى ئېنىستىتۇتتا قىرائەتئۇستازى بولۇش ئۈچۈن ئەرمىنتكە كەلگەنلىكىنى، ئەرمىنت خەلقىنىڭ ئۇنى شۇنداق ياخشى كۈتىۋالغانلىقىنى،زىياپەت بەرگەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى قۇرئان بولغانلىقى ئۈچۈنئەرمىنت خەلقى ئۇنى ناھايىتى ياخشى تۇنۇيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھۆرمىتىنى قىلىشقانئىدى. گۇياكى تەقدىر بۇ شەيخنى دەل ۋاختىدا بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئەرمىنت خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئانى كەرىمنى مۇھافىزەت قىلىش ئۈچۈنشەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شەيخ مۇھەممەد سەلىيم بىر تەرەپتىن قۇرئانى كەرىمنىيادلاتقۇزسا يەنە بىر تەرەپتىن قۇرئانى كەرىم ئىلمى بىلەن قىرائەت ئىلمىنىئۆگىتەتتى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ۋە قۇرئانى كەرىمنى باشتىنئاخىرغىچە ئۇنىڭغا تىڭشاتتىم. ئاندىن يەتتە قىرائەت ئىلمىنى ئىخچام ھالدائۆزئىچىگە ئالغان ئىبنۇلجەزەرىينىڭ شاتىبىييە ناملىق ئەسىرىنى يادلىدىم.