قارى-قۇرئان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارى-قۇرئان قېرىنداشلىرىم!

بۈگۈن ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا رامىزانغا 20 نەچچە كۈنلا قېلىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قارىيلارنىڭ مەنىۋى خامان مەۋسىمى بولغان رامىزان ئېيىغا قۇرئان كەرىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكرارلاپ ھازىرلىق قىلىشىمىزنى ئەسكە سېلىپ قوياي دەپ بۇ قىسقىغىنىغا تېمىنى يېزىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. گەرچە ھەممىڭلار رامىزاننىڭ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان بولغاچقا بۇنداق بىر خاتىرلىتىشمۇ ھاجەتسىز. شۇنداق ئالدىراشچىلىقتا ئىسىدىن چىقىپ قالغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن. 
ئەلۋەتتە رامىزانغا قارى-قۇرئانلارلا ئەمەس، پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھى جەھەتتىن ئالدىن ھازىرلىق قىلىشى لازىم. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ يىلقى رامىزاننى لايىقىدا، تەلەپ لايىق رەۋىشتە كۈتىۋالغىلى ۋە ئۇزىتىپ قويغىلى نېسىپ قىلسۇن!