ئايىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن، ئۇلۇغ ئاللاھ بايرامنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا نېسىپ قىلسۇن، پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلسۇن، ئامىين!

ئۇلۇغ ئاللاھ رامىزاندا قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قۇبۇل قىلسۇن، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلسۇن، گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلسۇن. رامىزاندا كۆنگەن ياخشى ئادەتلىرىمىزنى؛ جۈملىدىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى، تەھەججۇد نامىزى، نەفلە ئىبادەتلەرنى كۆپلەپ قىلىش، كۆپلەپ سەدىقە بىرىش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش، نەفسىمىزنى شەھۋانىي ھېسلەردىن، ھەددىدىن ئارتۇق يېمەك-ئىچمەكتىن ۋە ئاللاھ چەكلىگەن جىنىسى مۇناسىۋەتلەردىن تۇتۇشقا ئوخشاش بىر مۇئمىن ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم بولغان ئىشلارنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن.

ئاللاھ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "كىشى، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە مۇئمىن ھېسابلانمايدۇ." دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن.

ۋە بۇ ئايغا ئۇلۇغلۇق قاتقان قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەرنىڭ قىممىتىنى بىلىپ، كېچە-كۈندۈز، ئۆي ياكى دۇكان ۋەياكى مەكتەپ قەيەردە بولمايلى بۇ رەھبەر كىتابنى سۆزدە ئەمەس ئەمەلىيىتىمىزدە ھەقىقىي رەھبەر قىلىپ، ئۇنىڭ روھىغا ئاساسەن ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىين!

ئەسكەرتىش: ئاللاھ نېسىپ قىلسا بۈگۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ئەتە روزا ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز