تۈركيەلىك مەشھۇر قارى ئىسھاق دانىش ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ دىنى ئىشلار ئىدارىلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەپتىلىك كۆرگەزمە ۋە تونۇشتۇرۇپ پائالىيىىنىڭ ئىككىنچىسى تۈركىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل جۇڭگۈدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگۇغا كەلگەن تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز باشچىلىقىدىكى ھەيئەت زىيارەتنى يۇرتىمىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىنى ۋە شەھەردە تورۇشلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن باشلىۋەتتى.

ئۈرۈمچىدە مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىسلام ئېنىستىتوتىنىمۇ زىيارەت قىلغان ھەيئەت، ئىنستىتور مۇدىرىدىن مەكتەپ ھەققىدە مەلۇمات ئالغاندىن سىرت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سىنىپلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ۋە مەسچىتتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ھافىز ئوسمان شاھىن قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ئاندىن دۇئا قىلىشىپ زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ ھەيئەت تەركىبىدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتېمىن ئۆزافشار، تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسى باشلىقى مەمەت پاچاجى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىلەرمۇ ئورۇن ئالغان. يەنە ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىنىڭ سابىق ئىمام ھافىز ئوسمان شاھىن، بۈيۈك پىيالە جامى ئىمام-خاتىپى ھافىز ئىسھاق دانىشلارمۇ بار.

ئىسھاق دانىشنىڭ بۇ ھەيئەت تەركىبىدە ۋەتىنىمىزنى زىيارەتتە بولۇشى بىز قۇرئان كەرىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە زىيارەتچىلىرىنى ئالاھىدە خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى بىز ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىداىدا ئاۋازلىق ھۆججىتى بۇ كىشىگە ئائىت بولغان ۋە 4 دىسكىدىن تەركىپ تاپقان بىر يۈرۈشلۈك "قۇرئان كەرىم DVD خەتمى"نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەپ نەشرىدىن چىقىرىپ تارقىتىشقا باشلىغان ئىدۇق. قاراڭ

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىنى، ھافىز ئوسمان شاھىن ئەپەندىنى ۋە ھافىز ئىسھاق دانىش ئەپەندىملەرنى ۋەتىنىمىزنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سالاملايمىز ۋە بۇ زىيارىتىنىڭ ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

تۈركيەلىك مەشھۇر قارى ئىسھاق دانىش ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولدى.