سۈرە يۈنۈس مەدىنىدە نازىل بولغان 109 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
10:21
وَإِذَا أَذَقْنَا النَّاسَ رَحْمَةً مِّن بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُمْ إِذَا لَهُم مَّكْرٌ فِي آيَاتِنَا ۚ قُلِ اللَّهُ أَسْرَعُ مَكْرًا ۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكْتُبُونَ مَا تَمْكُرُونَ
كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان - زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ
10:22
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِم بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ
10:23
فَلَمَّا أَنجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنفُسِكُم ۖ مَّتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز
10:24
إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّىٰ إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَن لَّمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ باقاسىزلىقىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى - دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز
10:25
وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَىٰ دَارِ السَّلَامِ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
ئاللاھ (كىشىلەرنى) ئامان جايغا (يەنى جەننەتكە) دەۋەت قىلىدۇ ۋە خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
10:26
لِّلَّذِينَ أَحْسَنُوا الْحُسْنَىٰ وَزِيَادَةٌ ۖ وَلَا يَرْهَقُ وُجُوهَهُمْ قَتَرٌ وَلَا ذِلَّةٌ ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ياخشى ئىش قىلغانلار جەننەتكە ۋە ئاللاھ نىڭ جامالىنى كۆرۈشكە نائىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ (يەنى ئۇلارغا غەم - قايغۇ ۋە پەرىشانلىق يۈزلەنمەيدۇ). ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەت بولۇپ، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
10:27
وَالَّذِينَ كَسَبُوا السَّيِّئَاتِ جَزَاءُ سَيِّئَةٍ بِمِثْلِهَا وَتَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ مَّا لَهُم مِّنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۖ كَأَنَّمَا أُغْشِيَتْ وُجُوهُهُمْ قِطَعًا مِّنَ اللَّيْلِ مُظْلِمًا ۚ أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
(دۇنيادا) يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار (بىر يامانلىقنى قىلسا، قىلغان يامانلىقىغا) ئوخشاش (يەنى شۇنىڭغا لايىق) جازاغا ئۇچرايدۇ، ئۇلار خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى زادى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
10:28
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا مَكَانَكُمْ أَنتُمْ وَشُرَكَاؤُكُمْ ۚ فَزَيَّلْنَا بَيْنَهُمْ ۖ وَقَالَ شُرَكَاؤُهُم مَّا كُنتُمْ إِيَّانَا تَعْبُدُونَ
شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلارنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر (ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن) بۇتلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار)
10:29
فَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ إِن كُنَّا عَنْ عِبَادَتِكُمْ لَغَافِلِينَ
سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق (يەنى بىز كۆرمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، ھېس قىلمايدىغان جانسىز ئىدۇق)»
10:30
هُنَالِكَ تَبْلُو كُلُّ نَفْسٍ مَّا أَسْلَفَتْ ۚ وَرُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۖ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ - يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى. كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى - ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ
10:31
قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الْأَمْرَ ۚ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ ۚ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسماندىن (يامغۇر ياغدۇرۇپ) زېمىندىن (گىياھ ئۈندۈرۈپ) كىم رىزىق بېرىدۇ؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى كىم باشقۇرىدۇ؟ تىرىك شەيئىلەردىن كىم پەيدا قىلىدۇ؟ (خالايىقنىڭ) ئىشلىرىنى كىم ئىدارە قىلىدۇ؟» ئۇلار (بۇلارغا جاۋابەن): «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ تىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟
10:32
فَذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ ۖ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
(يۇقىرىقىدەك چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچى) سىلەرنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگارىڭلار، ئەنە شۇ ئاللاھ دۇر. ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرىي نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، نېمىشقا (ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
10:33
كَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ فَسَقُوا أَنَّهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھ قا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھ نىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ
10:34
قُلْ هَلْ مِن شُرَكَائِكُم مَّن يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۚ قُلِ اللَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئىچىدە مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بار قىلىپ (ئاندىن يوق قىلىپ)، ئاندىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. نېمىشقا (ھەقتىن باتىل تەرەپكە) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟»
10:35
قُلْ هَلْ مِن شُرَكَائِكُم مَّن يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ ۚ قُلِ اللَّهُ يَهْدِي لِلْحَقِّ ۗ أَفَمَن يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ أَحَقُّ أَن يُتَّبَعَ أَمَّن لَّا يَهِدِّي إِلَّا أَن يُهْدَىٰ ۖ فَمَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا (گۇمراھنى) ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ گۇمراھنى ھەق يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان زاتقا بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ ياكى (گۇمراھنى) ھەق يولغا يېتەكلىيەلمەيدىغان، پەقەت ئۆزى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج بولغان (بۇتلاغا) بويسۇنۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمىشقا مۇنداق (باتىل) ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟»
10:36
وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا ۚ إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇتلارغا ئېتىقاد قىلىشتا) پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر
10:37
وَمَا كَانَ هَٰذَا الْقُرْآنُ أَن يُفْتَرَىٰ مِن دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِن رَّبِّ الْعَالَمِينَ
بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ ئاللاھ قا ئىپتىرا قىلىشى ئەقلىغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ)، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
10:38
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِّثْلِهِ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىققان» دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر (بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ تىن باشقا (ياردەمگە) چاقىرالايدىغانلىكى كىشىڭلارنى چاقىرىپ، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار»
10:39
بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۖ فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن
10:40
وَمِنْهُم مَّن يُؤْمِنُ بِهِ وَمِنْهُم مَّن لَّا يُؤْمِنُ بِهِ ۚ وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِالْمُفْسِدِينَ
ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، ئىشەنمەيدىغانلارمۇ بار، پەرۋەردىگارىڭ بۇزغۇنچىلارنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ