سۈرە ئەنكەبۇت مەككىدە نازىل بولغان 69 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
29:21
يُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ وَيَرْحَمُ مَن يَشَاءُ ۖ وَإِلَيْهِ تُقْلَبُونَ
ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (قىيامەتتە) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
29:22
وَمَا أَنتُم بِمُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ ۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ اللَّهِ مِن وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھ تىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»
29:23
وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ اللَّهِ وَلِقَائِهِ أُولَٰئِكَ يَئِسُوا مِن رَّحْمَتِي وَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى ئاخىرەتنى) ئىنكار قىلغانلار ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
29:24
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَن قَالُوا اقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنجَاهُ اللَّهُ مِنَ النَّارِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوتنى سورۇن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار
29:25
وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ نى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا - جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»
29:26
فَآمَنَ لَهُ لُوطٌ ۘ وَقَالَ إِنِّي مُهَاجِرٌ إِلَىٰ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
لۇت ئىبراھىمغا ئىمان ئېيتتى. ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن چوقۇم پەرۋەردىگارىم تەرىپىگە ھىجرەت قىلىمەن (يەنى ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش يۈزىسىدىن ۋەتىنىمنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ ئەمر قىلغان جايغا ھىجرەت قىلىپ بارىمەن). ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
29:27
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ وَآتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خۇدالىق ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرزەنت ئىسھاقنى بەردۇق ۋە ئىسھاقنىڭ ئوغلى بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق)، (ئۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، كىتابنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق (يەنى جەمئى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر
29:28
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُم بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِّنَ الْعَالَمِينَ
لۇتنى (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلىۋاتىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن بىرىمۇ مۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلغان ئەمەس
29:29
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ وَتَقْطَعُونَ السَّبِيلَ وَتَأْتُونَ فِي نَادِيكُمُ الْمُنكَرَ ۖ فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَن قَالُوا ائْتِنَا بِعَذَابِ اللَّهِ إِن كُنتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
سىلەر ھەقىقەتەن لىۋاتە قىلامسىلەر؟ يوللارنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلامسىلەر؟ سورۇنلىرىڭلاردا ئوپئوچۇق يامان ئىشلارنى قىلىۋېرەمسىلەر؟» ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاللاھ نىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى
29:30
قَالَ رَبِّ انصُرْنِي عَلَى الْقَوْمِ الْمُفْسِدِينَ
لۇت: «پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن)» دېدى
29:31
وَلَمَّا جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا إِنَّا مُهْلِكُو أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ ۖ إِنَّ أَهْلَهَا كَانُوا ظَالِمِينَ
ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا (پەرزەنت بېرىلىشتىن ئىبارەت) خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز بۇ شەھەر ئاھالىسىنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاھالىسى ھەقىقەتەن زالىم ئىدى» دېدى
29:32
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطًا ۚ قَالُوا نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَن فِيهَا ۖ لَنُنَجِّيَنَّهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ (يەنى لۇتقا ئوخشاش بىر ياخشى پەيغەمبەر تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنى قانداقمۇ ھالاك قىىلىسىلەر؟)» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى) ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئايالى (كۇفرىدا قەۋمىگە ھەمنەپەس بولغانلىقى ئۈچۈن) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»
29:33
وَلَمَّا أَن جَاءَتْ رُسُلُنَا لُوطًا سِيءَ بِهِمْ وَضَاقَ بِهِمْ ذَرْعًا وَقَالُوا لَا تَخَفْ وَلَا تَحْزَنْ ۖ إِنَّا مُنَجُّوكَ وَأَهْلَكَ إِلَّا امْرَأَتَكَ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز لۇتقا كەلگەن چاغدا، لۇت ئۇلارنى قوغداپ قالالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەپ قايغۇردى ۋە يۈرىكى سىقىلدى، ئۇلار ئېيتتى: «سەن قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، بىز چوقۇم سېنى ۋە ئايالىڭدىن بۆلەك كىشىلىرىڭنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئۇ قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»
29:34
إِنَّا مُنزِلُونَ عَلَىٰ أَهْلِ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ رِجْزًا مِّنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاللاھ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىز چوقۇم ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرىمىز
29:35
وَلَقَد تَّرَكْنَا مِنْهَا آيَةً بَيِّنَةً لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
چۈشۈنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئىبرەت قىلىپ) ئۇنىڭدىن (يەنى شەھەر خارابىسىنىڭ ئىزلىرىدىن) روشەن نىشاننى ھەقىقەتەن قالدۇردۇق
29:36
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَارْجُوا الْيَوْمَ الْآخِرَ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مەديەن (ئاھالىسىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە - پاسات تېرىماڭلار» دېدى
29:37
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى - دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى
29:38
وَعَادًا وَثَمُودَ وَقَد تَّبَيَّنَ لَكُم مِّن مَّسَاكِنِهِمْ ۖ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَكَانُوا مُسْتَبْصِرِينَ
ئادنى ۋە سەمۇدنى (ھالاك قىلدۇق)، (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ (ھىجازدىكى، يەمەندىكى) تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا (كۇقرىدىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى) لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى)
29:39
وَقَارُونَ وَفِرْعَوْنَ وَهَامَانَ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُم مُّوسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانُوا سَابِقِينَ
(دۇنيا - دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى
29:40
فَكُلًّا أَخَذْنَا بِذَنبِهِ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِ حَاصِبًا وَمِنْهُم مَّنْ أَخَذَتْهُ الصَّيْحَةُ وَمِنْهُم مَّنْ خَسَفْنَا بِهِ الْأَرْضَ وَمِنْهُم مَّنْ أَغْرَقْنَا ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِن كَانُوا أَنفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
(بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال - مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى