سۈرە فاتىر مەككىدە نازىل بولغان 45 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
35:21
وَلَا الظِّلُّ وَلَا الْحَرُورُ
سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ
35:22
وَمَا يَسْتَوِي الْأَحْيَاءُ وَلَا الْأَمْوَاتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَن يَشَاءُ ۖ وَمَا أَنتَ بِمُسْمِعٍ مَّن فِي الْقُبُورِ
تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە (يەنى كاپىرلارغا) ئاڭلىتالمايسەن
35:23
إِنْ أَنتَ إِلَّا نَذِيرٌ
سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن
35:24
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۚ وَإِن مِّنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ
ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن
35:25
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُم بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالزُّبُرِ وَبِالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى
35:26
ثُمَّ أَخَذْتُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟)
35:27
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُّخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُّخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار
35:28
وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
35:29
إِنَّ الَّذِينَ يَتْلُونَ كِتَابَ اللَّهِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَنفَقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً يَرْجُونَ تِجَارَةً لَّن تَبُورَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە
35:30
لِيُوَفِّيَهُمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ غَفُورٌ شَكُورٌ
ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
35:31
وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ هُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِعِبَادِهِ لَخَبِيرٌ بَصِيرٌ
ساڭا بىز ۋەھيى قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
35:32
ثُمَّ أَوْرَثْنَا الْكِتَابَ الَّذِينَ اصْطَفَيْنَا مِنْ عِبَادِنَا ۖ فَمِنْهُمْ ظَالِمٌ لِّنَفْسِهِ وَمِنْهُم مُّقْتَصِدٌ وَمِنْهُمْ سَابِقٌ بِالْخَيْرَاتِ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ
ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن ئەمەل قىلمايدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھ نىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر
35:33
جَنَّاتُ عَدْنٍ يَدْخُلُونَهَا يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٍ وَلُؤْلُؤًا ۖ وَلِبَاسُهُمْ فِيهَا حَرِيرٌ
ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ
35:34
وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَذْهَبَ عَنَّا الْحَزَنَ ۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٌ شَكُورٌ
ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم - قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
35:35
الَّذِي أَحَلَّنَا دَارَ الْمُقَامَةِ مِن فَضْلِهِ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٌ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٌ
ئاللاھ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز»
35:36
وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُم مِّنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ
كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز
35:37
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز - نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز - نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»
35:38
إِنَّ اللَّهَ عَالِمُ غَيْبِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر
35:39
هُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَمَن كَفَرَ فَعَلَيْهِ كُفْرُهُ ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ إِلَّا مَقْتًا ۖ وَلَا يَزِيدُ الْكَافِرِينَ كُفْرُهُمْ إِلَّا خَسَارًا
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھ نىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ
35:40
قُلْ أَرَأَيْتُمْ شُرَكَاءَكُمُ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ أَمْ آتَيْنَاهُمْ كِتَابًا فَهُمْ عَلَىٰ بَيِّنَتٍ مِّنْهُ ۚ بَلْ إِن يَعِدُ الظَّالِمُونَ بَعْضُهُم بَعْضًا إِلَّا غُرُورًا
ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار (نېمە بىلەن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر - بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ