سۈرە جاسىيە مەككىدە نازىل بولغان 37 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
45:21
أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ اجْتَرَحُوا السَّيِّئَاتِ أَن نَّجْعَلَهُمْ كَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَوَاءً مَّحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ ۚ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!
45:22
وَخَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
45:23
أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِن بَعْدِ اللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز - نەسىھەت ئالمامسىلەر؟
45:24
وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ ۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ
45:25
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمْ إِلَّا أَن قَالُوا ائْتُوا بِآبَائِنَا إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار (يەنى تىرىلدۈرۈڭلار)» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
45:26
قُلِ اللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك - شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»
45:27
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَخْسَرُ الْمُبْطِلُونَ
ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھ قا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ
45:28
وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً ۚ كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰ إِلَىٰ كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە - ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)
45:29
هَٰذَا كِتَابُنَا يَنطِقُ عَلَيْكُم بِالْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنسِخُ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە - ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)
45:30
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِي رَحْمَتِهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر
45:31
وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا أَفَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَاسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنتُمْ قَوْمًا مُّجْرِمِينَ
كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)
45:32
وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَالسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُم مَّا نَدْرِي مَا السَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ
(سىلەرگە) «ئاللاھ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار
45:33
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا عَمِلُوا وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
(ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ
45:34
وَقِيلَ الْيَوْمَ نَنسَاكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ
(ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ
45:35
ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ اتَّخَذْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا وَغَرَّتْكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (تەۋبە قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئاللاھ نى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ
45:36
فَلِلَّهِ الْحَمْدُ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَرَبِّ الْأَرْضِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر!
45:37
وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر