سۈرە جىن مەككىدە نازىل بولغان 28 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
72:21
قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا
ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)»
72:22
قُلْ إِنِّي لَن يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِن دُونِهِ مُلْتَحَدًا
ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھ قا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھ تىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن)
72:23
إِلَّا بَلَاغًا مِّنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ ۚ وَمَن يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا
مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ قا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
72:24
حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
72:25
قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَّا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن
72:26
عَالِمُ الْغَيْبِ فَلَا يُظْهِرُ عَلَىٰ غَيْبِهِ أَحَدًا
ئاللاھ غەيبنى بىلگۈچىدۇر، ئۆزىنىڭ غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ
72:27
إِلَّا مَنِ ارْتَضَىٰ مِن رَّسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِن بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا
پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ
72:28
لِّيَعْلَمَ أَن قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَىٰ كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا
(بۇ ئاللاھ نىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھ نىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر»