سۈرە تەكۋىر مەككىدە نازىل بولغان 29 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
81:21
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر
81:22
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر
81:23
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى
81:24
وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر
81:25
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَّجِيمٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر
81:26
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
قەيەرگە بارىسىلەر؟
81:27
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ
ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر
81:28
لِمَن شَاءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر
81:29
وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَن يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ئاللاھ خالىمىغۇچە سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلارنىڭ ھېچ پايدىسى يوق)