سۈرە مۇتەففىفىن مەككىدە نازىل بولغان 36 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
83:21
يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ
ئۇنىڭغا ئاللاھ نىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ
83:22
إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ
83:23
عَلَى الْأَرَائِكِ يَنظُرُونَ
ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھ نىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ
83:24
تَعْرِفُ فِي وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ النَّعِيمِ
ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن
83:25
يُسْقَوْنَ مِن رَّحِيقٍ مَّخْتُومٍ
ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئىچىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!
83:26
خِتَامُهُ مِسْكٌ ۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ
ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ، ئىچىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!
83:27
وَمِزَاجُهُ مِن تَسْنِيمٍ
ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان
83:28
عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا الْمُقَرَّبُونَ
تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھ نىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ
83:29
إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا يَضْحَكُونَ
كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى،
83:30
وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ
(مۆمىنلەر) ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى،
83:31
وَإِذَا انقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمُ انقَلَبُوا فَكِهِينَ
ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەزە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى
83:32
وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَضَالُّونَ
مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى
83:33
وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ
ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق
83:34
فَالْيَوْمَ الَّذِينَ آمَنُوا مِنَ الْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ
بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ،
83:35
عَلَى الْأَرَائِكِ يَنظُرُونَ
(كاپىرلار) نىڭ ھالىغا (ئېسىل) تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ
83:36
هَلْ ثُوِّبَ الْكُفَّارُ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
(كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟