سۈرە فەجر مەككىدە نازىل بولغان 30 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
89:21
كَلَّا إِذَا دُكَّتِ الْأَرْضُ دَكًّا دَكًّا
(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا
89:22
وَجَاءَ رَبُّكَ وَالْمَلَكُ صَفًّا صَفًّا
پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا
89:23
وَجِيءَ يَوْمَئِذٍ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍ يَتَذَكَّرُ الْإِنسَانُ وَأَنَّىٰ لَهُ الذِّكْرَىٰ
(گۇناھكارلارنى كۆرۈش ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن
89:24
يَقُولُ يَا لَيْتَنِي قَدَّمْتُ لِحَيَاتِي
ئۇ ئېيتىدۇكى: «كاشكى مەن (دۇنيادىكى) ھايات ۋاقتىمدا ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسامچۇ!»
89:25
فَيَوْمَئِذٍ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُ أَحَدٌ
شۇ كۈندە ھەر ئەھەدى (ئاللاھ قا ئاسىيلىق قىلغانلارنى) ئاللاھ جازالىغاندەك جازالىمايدۇ
89:26
وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُ أَحَدٌ
ھەمدە ھېچ ئەھەدى ئاللاھ باغلىغاندەك باغلىمايدۇ
89:27
يَا أَيَّتُهَا النَّفْسُ الْمُطْمَئِنَّةُ
ئى ئارام تاپقۇچى جان!
89:28
ارْجِعِي إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةً مَّرْضِيَّةً
سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن
89:29
فَادْخُلِي فِي عِبَادِي
سەن مېنىڭ (ياخشى) قاتارىغا قوشۇلغىن
89:30
وَادْخُلِي جَنَّتِي
مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن