سۈرە ئەنكەبۇت مەككىدە نازىل بولغان 69 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
29:41
مَثَلُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ كَمَثَلِ الْعَنكَبُوتِ اتَّخَذَتْ بَيْتًا ۖ وَإِنَّ أَوْهَنَ الْبُيُوتِ لَبَيْتُ الْعَنكَبُوتِ ۖ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
ئاللاھ نى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق - سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى)
29:42
إِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ مِن شَيْءٍ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ ئۇلار ئاللاھ نى تاشلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
29:43
وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ ۖ وَمَا يَعْقِلُهَا إِلَّا الْعَالِمُونَ
بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ
29:44
خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِّلْمُؤْمِنِينَ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار
29:45
اتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنَ الْكِتَابِ وَأَقِمِ الصَّلَاةَ ۖ إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ ۗ وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تَصْنَعُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ، ئاللاھ نى ياد ئېتىش ھەممىدىن (يەنى ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئىبادەتتىن) ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ قىلىۋاتقان (ھەممە) ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
29:46
وَلَا تُجَادِلُوا أَهْلَ الْكِتَابِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ ۖ وَقُولُوا آمَنَّا بِالَّذِي أُنزِلَ إِلَيْنَا وَأُنزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمْ وَاحِدٌ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھ قا بويسۇنغۇچىلارمىز»
29:47
وَكَذَٰلِكَ أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ ۚ فَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَمِنْ هَٰؤُلَاءِ مَن يُؤْمِنُ بِهِ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا الْكَافِرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك (يەنى سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە كىتاب نازىل قىلغاندەك) ساڭىمۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) نازىل قىلدۇق، بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ناسارالار) دىن قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بۇلاردىن (يەنى مەككە ئاھالىسىدىن) مۇ قۇرئانغا ئىشىنىدىغانلار بار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت كاپىرلارلا ئىنكار قىلىدۇ
29:48
وَمَا كُنتَ تَتْلُو مِن قَبْلِهِ مِن كِتَابٍ وَلَا تَخُطُّهُ بِيَمِينِكَ ۖ إِذًا لَّارْتَابَ الْمُبْطِلُونَ
ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى
29:49
بَلْ هُوَ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ فِي صُدُورِ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا الظَّالِمُونَ
ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش زالىملار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ
29:50
وَقَالُوا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ آيَاتٌ مِّن رَّبِّهِ ۖ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِندَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُّبِينٌ
ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت بىر ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
29:51
أَوَلَمْ يَكْفِهِمْ أَنَّا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ يُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَرَحْمَةً وَذِكْرَىٰ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا (مۆجىزە بولۇشقا) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن شەك - شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز - نەسىھەت بار
29:52
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ شَهِيدًا ۖ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ آمَنُوا بِالْبَاطِلِ وَكَفَرُوا بِاللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇتقا ئىشەنگەن، ئاللاھ نى ئىنكار قىلغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر»
29:53
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ ۚ وَلَوْلَا أَجَلٌ مُّسَمًّى لَّجَاءَهُمُ الْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُم بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ
29:54
يَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌ بِالْكَافِرِينَ
ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەك - شۈبھىسىزكى، جەھەننەم (قىيامەت كۈنى) كاپىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
29:55
يَوْمَ يَغْشَاهُمُ الْعَذَابُ مِن فَوْقِهِمْ وَمِن تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ وَيَقُولُ ذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ
29:56
يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ أَرْضِي وَاسِعَةٌ فَإِيَّايَ فَاعْبُدُونِ
ئى مۆمىن بەندىلىرىم! مېنىڭ زېمىنىم ھەقىقەتەن كەڭدۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار
29:57
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر
29:58
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ الْجَنَّةِ غُرَفًا تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ نِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى جەننەتنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇكاپات نېمىدېگەن ياخشى!
29:59
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
ئۇلار (ھىجرەت قىلىشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە، ئاللاھ نىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ
29:60
وَكَأَيِّن مِّن دَابَّةٍ لَّا تَحْمِلُ رِزْقَهَا اللَّهُ يَرْزُقُهَا وَإِيَّاكُمْ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر