سۈرە ئال ئىمران مەدىنىدە نازىل بولغان 200 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
3:41
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُر رَّبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى
3:42
وَإِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفَاكِ عَلَىٰ نِسَاءِ الْعَالَمِينَ
پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى
3:43
يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ
ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»
3:44
ذَٰلِكَ مِنْ أَنبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۚ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ - ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقىنىمىز - غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيىسىگە ئېلىش (مەسىلىسىدە چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيىسىدە بولۇشىنى) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ
3:45
إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِّنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز) ئاللاھ نىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھ قا يېقىنلاردىن بولىدۇ
3:46
وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ
ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»
3:47
قَالَتْ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي وَلَدٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكِ اللَّهُ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُن فَيَكُونُ
مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خالىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا - ئانا، ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى
3:48
وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ
ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز ھەرىكەتتە توغرا بولۇشىنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ
3:49
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُم بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُم مِّنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُم بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَّكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن - دە، ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ نىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار
3:50
وَمُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُم بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُم بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھ تىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار
3:51
إِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۗ هَٰذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِيمٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»
3:52
فَلَمَّا أَحَسَّ عِيسَىٰ مِنْهُمُ الْكُفْرَ قَالَ مَنْ أَنصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ اللَّهِ آمَنَّا بِاللَّهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ
ئىسا ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھ قا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھ قا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز
3:53
رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»
3:54
وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر
3:55
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن
3:56
فَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَأُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّاصِرِينَ
كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھ نىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ»
3:57
وَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟)
3:58
ذَٰلِكَ نَتْلُوهُ عَلَيْكَ مِنَ الْآيَاتِ وَالذِّكْرِ الْحَكِيمِ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر
3:59
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِندَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِن تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُن فَيَكُونُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا - ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)
3:60
الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُن مِّنَ الْمُمْتَرِينَ
(ئىسا ھەققىدىكى بۇ سۆز) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر، سەن شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن