سۈرە ئەنئام مەككىدە نازىل بولغان 165 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
6:41
بَلْ إِيَّاهُ تَدْعُونَ فَيَكْشِفُ مَا تَدْعُونَ إِلَيْهِ إِن شَاءَ وَتَنسَوْنَ مَا تُشْرِكُونَ
ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھ قا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھ نىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھ نىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر (يەنى بۇتلارغا ئىلتىجا قىلمايسىلەر)»
6:42
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِّن قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُم بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ
شەك - شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھ قا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق - سىلاق بىلەن جازالىدۇق
6:43
فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُم بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَٰكِن قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى
6:44
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّىٰ إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُم بَغْتَةً فَإِذَا هُم مُّبْلِسُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خۇشال - خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى
6:45
فَقُطِعَ دَابِرُ الْقَوْمِ الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر!
6:46
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُم مَّنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُم بِهِ ۗ انظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ ثُمَّ هُمْ يَصْدِفُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھ تىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)
6:47
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ بَغْتَةً أَوْ جَهْرَةً هَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الظَّالِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ نىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»
6:48
وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ ۖ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر
6:49
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا يَمَسُّهُمُ الْعَذَابُ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، (ئاللاھ قا) ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئازابقا دۇچار بولىدۇ
6:50
قُل لَّا أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ ۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ
(ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھ نىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن، سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن باراۋەرمۇ؟) ئويلاپ باقمامسىلەر؟»
6:51
وَأَنذِرْ بِهِ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحْشَرُوا إِلَىٰ رَبِّهِمْ ۙ لَيْسَ لَهُم مِّن دُونِهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ لَّعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھ تىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر
6:52
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِم مِّن شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن
6:53
وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لِّيَقُولُوا أَهَٰؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِم مِّن بَيْنِنَا ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ
ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)
6:54
وَإِذَا جَاءَكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِنَا فَقُلْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۖ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۖ أَنَّهُ مَنْ عَمِلَ مِنكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِن بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن
6:55
وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ وَلِتَسْتَبِينَ سَبِيلُ الْمُجْرِمِينَ
(بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز
6:56
قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ ۚ قُل لَّا أَتَّبِعُ أَهْوَاءَكُمْ ۙ قَدْ ضَلَلْتُ إِذًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ نى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»
6:57
قُلْ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّي وَكَذَّبْتُم بِهِ ۚ مَا عِندِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ يَقُصُّ الْحَقَّ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْفَاصِلِينَ
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ۋەھىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم ئاللاھ قا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر»
6:58
قُل لَّوْ أَنَّ عِندِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ لَقُضِيَ الْأَمْرُ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِالظَّالِمِينَ
ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ
6:59
وَعِندَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَا إِلَّا هُوَ ۚ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۚ وَمَا تَسْقُطُ مِن وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍ فِي ظُلُمَاتِ الْأَرْضِ وَلَا رَطْبٍ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُّبِينٍ
غەيبنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر
6:60
وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُم بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُم بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَىٰ أَجَلٌ مُّسَمًّى ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ