سۈرە ئەنئام مەككىدە نازىل بولغان 165 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
6:61
وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۖ وَيُرْسِلُ عَلَيْكُمْ حَفَظَةً حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان - ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ
6:62
ثُمَّ رُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۚ أَلَا لَهُ الْحُكْمُ وَهُوَ أَسْرَعُ الْحَاسِبِينَ
ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھ غىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
6:63
قُلْ مَن يُنَجِّيكُم مِّن ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَّئِنْ أَنجَانَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايى - ئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھ قا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»
6:64
قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُم مِّنْهَا وَمِن كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنتُمْ تُشْرِكُونَ
ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) ئاللاھ سىلەرنى ئۇلاردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغۇنۇڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»
6:65
قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَن يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِّن فَوْقِكُمْ أَوْ مِن تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُم بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر» ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن
6:66
وَكَذَّبَ بِهِ قَوْمُكَ وَهُوَ الْحَقُّ ۚ قُل لَّسْتُ عَلَيْكُم بِوَكِيلٍ
قۇرئان ھەق تۇرسا، ئۇنى قەۋمىڭ ئىنكار قىلدى. «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن
6:67
لِّكُلِّ نَبَإٍ مُّسْتَقَرٌّ ۚ وَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
(ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر
6:68
وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَىٰ مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن
6:69
وَمَا عَلَى الَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَيْءٍ وَلَٰكِن ذِكْرَىٰ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشلىرى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن) ساقلىنىشلىرى مۇمكىن
6:70
وَذَرِ الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَعِبًا وَلَهْوًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ وَذَكِّرْ بِهِ أَن تُبْسَلَ نَفْسٌ بِمَا كَسَبَتْ لَيْسَ لَهَا مِن دُونِ اللَّهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ وَإِن تَعْدِلْ كُلَّ عَدْلٍ لَّا يُؤْخَذْ مِنْهَا ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أُبْسِلُوا بِمَا كَسَبُوا ۖ لَهُمْ شَرَابٌ مِّنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
دىننى ئويۇن - كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (كىشىلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھ تىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىدىيە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
6:71
قُلْ أَنَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھ نى قويۇپ، بىزگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
6:72
وَأَنْ أَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَاتَّقُوهُ ۚ وَهُوَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ناماز ئوقۇشقا ۋە ئاللاھ تىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر
6:73
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُن فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ئاللاھ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ نىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق ئاللاھ قا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر
6:74
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھ نى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى
6:75
وَكَذَٰلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ
ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق
6:76
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَىٰ كَوْكَبًا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآفِلِينَ
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى
6:77
فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِن لَّمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ
ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى
6:78
فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَا أَكْبَرُ ۖ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِّمَّا تُشْرِكُونَ
ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا - جۇدامەن
6:79
إِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا ۖ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
6:80
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَن يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر!