سۈرە تەۋبە مەدىنىدە نازىل بولغان 129 ئايەت
9:81
فَرِحَ الْمُخَلَّفُونَ بِمَقْعَدِهِمْ خِلَافَ رَسُولِ اللَّهِ وَكَرِهُوا أَن يُجَاهِدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَالُوا لَا تَنفِرُوا فِي الْحَرِّ ۗ قُلْ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرًّا ۚ لَّوْ كَانُوا يَفْقَهُونَ
رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ (تەبۈك غازىتىغا چىقماي) قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆيلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى، ئۇلار ئاللاھ نىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار (بىر - بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر. ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، (ئەلۋەتتە ئىسسىقتا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە چىقاتتى)»
9:82
فَلْيَضْحَكُوا قَلِيلًا وَلْيَبْكُوا كَثِيرًا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ئۇلار قىلمىش (گۇناھ) لىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن
9:83
فَإِن رَّجَعَكَ اللَّهُ إِلَىٰ طَائِفَةٍ مِّنْهُمْ فَاسْتَأْذَنُوكَ لِلْخُرُوجِ فَقُل لَّن تَخْرُجُوا مَعِيَ أَبَدًا وَلَن تُقَاتِلُوا مَعِيَ عَدُوًّا ۖ إِنَّكُمْ رَضِيتُم بِالْقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَاقْعُدُوا مَعَ الْخَالِفِينَ
ئەگەر ئاللاھ سېنى (تەبۈك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا) چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (چىقماي، ئۆيۈڭلاردا بەخىرامان) ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار»
9:84
وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰ أَحَدٍ مِّنْهُم مَّاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَىٰ قَبْرِهِ ۖ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى
9:85
وَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَالُهُمْ وَأَوْلَادُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَن يُعَذِّبَهُم بِهَا فِي الدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنفُسُهُمْ وَهُمْ كَافِرُونَ
ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئاللاھ دۇنيادا بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشنى ئىرادە قىلىدۇ
9:86
وَإِذَا أُنزِلَتْ سُورَةٌ أَنْ آمِنُوا بِاللَّهِ وَجَاهِدُوا مَعَ رَسُولِهِ اسْتَأْذَنَكَ أُولُو الطَّوْلِ مِنْهُمْ وَقَالُوا ذَرْنَا نَكُن مَّعَ الْقَاعِدِينَ
بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھ قا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى قوي، (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بەخىرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ
9:87
رَضُوا بِأَن يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار (جىھادتىكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن كېلىدىغان بەختنى) چۈشەنمەيدۇ
9:88
لَٰكِنِ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ جَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنفُسِهِمْ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمُ الْخَيْرَاتُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر
9:89
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر
9:90
وَجَاءَ الْمُعَذِّرُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ لِيُؤْذَنَ لَهُمْ وَقَعَدَ الَّذِينَ كَذَبُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ سَيُصِيبُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئەئرابىلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. (ئىماننى دەۋا قىلىپ) ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى (يەنى ئەئرابىلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى جىھادقىمۇ چىقمىدى، ئۆزرە بايان قىلىپمۇ كەلمىدى). ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
9:91
لَّيْسَ عَلَى الضُّعَفَاءِ وَلَا عَلَى الْمَرْضَىٰ وَلَا عَلَى الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُوا لِلَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ مَا عَلَى الْمُحْسِنِينَ مِن سَبِيلٍ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاھ قا ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقد چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
9:92
وَلَا عَلَى الَّذِينَ إِذَا مَا أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَا أَجِدُ مَا أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوا وَّأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا مَا يُنفِقُونَ
يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ؟ ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى
9:93
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ وَهُمْ أَغْنِيَاءُ ۚ رَضُوا بِأَن يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (ئاللاھ نىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ
9:94
يَعْتَذِرُونَ إِلَيْكُمْ إِذَا رَجَعْتُمْ إِلَيْهِمْ ۚ قُل لَّا تَعْتَذِرُوا لَن نُّؤْمِنَ لَكُمْ قَدْ نَبَّأَنَا اللَّهُ مِنْ أَخْبَارِكُمْ ۚ وَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر؟ ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن
9:95
سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ إِنَّهُمْ رِجْسٌ ۖ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار (يەنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەڭلار ۋە سالاملاشماڭلار)، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر
9:96
يَحْلِفُونَ لَكُمْ لِتَرْضَوْا عَنْهُمْ ۖ فَإِن تَرْضَوْا عَنْهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَرْضَىٰ عَنِ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ
9:97
الْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا حُدُودَ مَا أَنزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
9:98
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَن يَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ مَغْرَمًا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ الدَّوَائِرَ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەئرابىلاردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
9:99
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَن يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ قُرُبَاتٍ عِندَ اللَّهِ وَصَلَوَاتِ الرَّسُولِ ۚ أَلَا إِنَّهَا قُرْبَةٌ لَّهُمْ ۚ سَيُدْخِلُهُمُ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئەئرابىلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھ قا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستلا ئاللاھ قا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ قا ئۇلارنى ئۆزنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر
9:100
وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُم بِإِحْسَانٍ رَّضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر