سۈرە يۈنۈس مەدىنىدە نازىل بولغان 109 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
10:101
قُلِ انظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا تُغْنِي الْآيَاتُ وَالنُّذُرُ عَن قَوْمٍ لَّا يُؤْمِنُونَ
ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ
10:102
فَهَلْ يَنتَظِرُونَ إِلَّا مِثْلَ أَيَّامِ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِهِمْ ۚ قُلْ فَانتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُم مِّنَ الْمُنتَظِرِينَ
ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ (يەنى ئازابنىڭ) (ئۆزلىرىگە كېلىشىنى) كۈتىدۇ». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن (سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى) كۈتكۈچىمەن»
10:103
ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيْنَا نُنجِ الْمُؤْمِنِينَ
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز
10:104
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِن كُنتُمْ فِي شَكٍّ مِّن دِينِي فَلَا أَعْبُدُ الَّذِينَ تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ أَعْبُدُ اللَّهَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر مېنىڭ دىنىمدىن گۇمانلىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا مەن چوقۇنمايمەن، لېكىن مەن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىمەن، مەن مۆمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم»
10:105
وَأَنْ أَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
يەنە (ماڭا): «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، مۇشرىكلاردىن بولمىغىن
10:106
وَلَا تَدْعُ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَ ۖ فَإِن فَعَلْتَ فَإِنَّكَ إِذًا مِّنَ الظَّالِمِينَ
ئاللاھ نى قويۇپ، ساڭا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىغىن، ئەگەر ئۇلارغا ئىبادەت قىلساڭ، چوقۇم (ئۆزۈڭگە) زۇلۇم سالغۇچىلاردىن بولىسەن
10:107
وَإِن يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِن يُرِدْكَ بِخَيْرٍ فَلَا رَادَّ لِفَضْلِهِ ۚ يُصِيبُ بِهِ مَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، يالغۇز ئاللاھ تىن باشقا ئۇنى دەپئى قىلغۇچى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ نىڭ پەزلىنى قايتۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ پەزلىنى بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) مېھرىباندۇر» (دېيىلدى)
10:108
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُم بِوَكِيلٍ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»
10:109
وَاتَّبِعْ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَاصْبِرْ حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەگەشكىن (يەنى ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۇنى يەتكۈزگىن). ئاللاھ (سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقارغۇچە (دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدىكى مۇشەققەتلەرگە) چىدىغىن، ئاللاھ ئەڭ ھەققانىي ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر