سۈرە يۈسۈف مەككىدە نازىل بولغان 111 ئايەت
بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ
12:101
رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِن تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى
12:102
ذَٰلِكَ مِنْ أَنبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۖ وَمَا كُنتَ لَدَيْهِمْ إِذْ أَجْمَعُوا أَمْرَهُمْ وَهُمْ يَمْكُرُونَ
مانا بۇلار (يەنى يۇسۇف قىسسىسى) بىر قىسىم غەيب خەۋەرلىرى بولۇپ، بىز ئۇنى ساڭا ۋەھيى قىلدۇق. ئۇلار (يەنى يۇسۇفنىڭ قېرىنداشلىرى) (ئۇنىڭغا قارشى) چارە تەدبىر تۈزۈپ بىر قارارغا كېلىشكەندە سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ
12:103
وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ
سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
12:104
وَمَا تَسْأَلُهُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ
قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىڭغا ئۇلاردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايسەن، قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
12:105
وَكَأَيِّن مِّنْ آيَةٍ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَمُرُّونَ عَلَيْهَا وَهُمْ عَنْهَا مُعْرِضُونَ
ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلا ر ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ
12:106
وَمَا يُؤْمِنُ أَكْثَرُهُم بِاللَّهِ إِلَّا وَهُم مُّشْرِكُونَ
ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھ نى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ)
12:107
أَفَأَمِنُوا أَن تَأْتِيَهُمْ غَاشِيَةٌ مِّنْ عَذَابِ اللَّهِ أَوْ تَأْتِيَهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن، بىرەر جازانىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈشىدىن ياكى ئۇلار سەزمەستىن قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز يېتىپ كېلىشىدىن ئەمىن بولدىمۇ؟
12:108
قُلْ هَٰذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي ۖ وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) ئاللاھ قا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
12:109
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِي إِلَيْهِم مِّنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر
12:110
حَتَّىٰ إِذَا اسْتَيْأَسَ الرُّسُلُ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا جَاءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّيَ مَن نَّشَاءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ
12:111
لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر